تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىش قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش

​− ئاپتونوم رايوندىكى يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىدىن خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.» 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى زالدا جاراڭلىق قەسەم ئاۋازى ياڭرىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يېتەكلەپ قەسەم بەردى، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئوڭ مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

بۇ سىياسىي قەسەم، «مەن» بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «پۈتۈشۈشى»؛ شۇنداقلا سادىق بولۇش ۋەدىسى، زىممىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت.

«پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن روھلاندىم.» قەسەم بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يېڭى پارتىيە ئەزاسى ليۇ كۇننىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ، سۆزلىرىدىن قەلبىدىكى ھاياجېنى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرگىنىمىز مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھى - خىسلىتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلار ئاچقان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىنقىلاب ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى ئالغا سىلجىتىمىز».

80 نەچچە يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ جايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرلىرىدىن چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىسلىسىز جاپالىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئىنقىلاب چوغىنى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا رايونغا تارقىتىپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقارغان.

«كۆپچىلىك ماڭا ئەگىشىپ 2 - قەۋەتتىكى كۆرگەزمە زالىغا چىقىڭلار، بۇ بۆلەك قانلىق ۋە يالقۇنلۇق ئىنقىلاب يىللىرىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتەيلى.» سارايدىكى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى «قىزىل باشلىنىش نۇقتىسى» «ئۇچقۇن غەربكە كىرىش» «دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىرلىكتە ئاتلىنىش» «ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش» «سادىق بولۇپ قەتئىي تىز پۈكمەسلىك» «ئۇچقۇن تارقىتىش» قاتارلىق ئالتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان خاتىرە ساراي كۆرگەزمىسىنى تەرتىپ بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

سارغىيىپ كەتكەن قەغەزلەر، چاڭ - توزان باسقان سۈرەتلەر، تارىخىي ماددىي بۇيۇملار كىشىلەرنى باشلاپ ۋاقىت ۋە بوشلۇق ھالقىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەتكۈزدى.

شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پائال تۈردە ماركسىزمنى تارقىتىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نۇرغۇن پۇل - مال، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان. «ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نامرات ئاھالە ئەيسا، يامبۇ ئىئانە قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن قازاق تۇل ئايال جايىق، قوتازنى دورا ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىئانە قىلىپ ئالدىنقى سەپ دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن رۇس دوختۇر گارىنگېن...» كۆرگەزمە قىلىنغان ئارخىپ ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەقىقىي تۈردە قايتا نامايان قىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاللىقاچان ئۆز تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغان.» يېڭى پارتىيە ئەزاسى ليۇ ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمەن».

بىر پارچە ماي بوياق رەسىمدە، لىن جىلۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان چاغدا، پۈتۈن كۇچا ناھىيەسى خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىق يېڭى كۆۋرۈكى سالغان چاغدىكى مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. كۆپ يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن ئىتتىپاقلىق يېڭى كۆۋرۈكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە بولۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، بۇ كۇچا ناھىيەسى خەلقىنىڭ قەلبىدىكى بىر ئابىدە.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن، باشتىن - ئاخىر شۇنداق بولىدۇ.» يېڭى پارتىيە ئەزاسى نىجات خېلىل ماي بوياق رەسىمگە قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ زور ئېنېرگىيە تارقاتقىلى بولىدۇ. «مەن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان كۈچنى قوبۇل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدايمەن».

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى چوڭ ئارقا سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، چېگرا رايوننى قوغداپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىشلاردا غايەت زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن.

لېكىن، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئارخىپلار، ئاچلىق ئېلان قىلىپ كۈرەش قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان بەش تۈرلۈك شەرت، يەنە تۈرمىدە «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى ئۈنلۈك ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئارخىپلار كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ ئۇلارنىڭ سادىقلىق بىلەن قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان، ئۆلۈمگە قىلچە پىسەنت قىلمايدىغان ئىنقىلابىي شىجائىتىنى نامايان قىلماقتا.

قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرى، تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايىلەرنى كۆرۈپ يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قەتئىيلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى، گاھىدا ئازابتىن قوشۇمىسى تۈرۈلدى، گاھىدا قەدەملىرىنى توختىتىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى. «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ۋە ئىنقىلابىي روھى يېڭى دەۋردە ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ!» دېدى يېڭى پارتىيە ئەزاسى ليۇ چېن قەتئىيلىك بىلەن.

ھەر مىللەتتىن بولغان يېڭى پارتىيە ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنقىلاب چوغى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، مەنىۋى تومۇر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا قالدۇرغان كوللېكتىپ ئەسلىمىلىرىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئورتاق قوغداپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە بىرلىكتە ئاتلىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.