تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

يېڭى دەۋردىكى پورت ئىشچىسى قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى

شۈ جېنچاۋ:

يېڭى دەۋردىكى پورت ئىشچىسى قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى

شۈ جېنچاۋنىڭ چىڭداۋ پورتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ماتېرىيال سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ كەي

«يېڭى دەۋردە، ھەربىر پورت خادىمىدا <قەلبكە ئىرادە پۈكۈپ ئۆز نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان> روھ بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگىلى، دەۋر بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ» دېدى 71 ياشلىق شۈ جېنچاۋ شەندۇڭ پورتىنىڭ چىڭداۋ پورتى ئاپتوماتلاشقان پىرىستانىدا تۇرۇپ. يېقىنلا جايدا، مەشغۇلات قىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئاپتوماتلاشقان كونتېينېر كۆۋرۈك كىرانى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن كونتېينېرلارنى توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېسىپ توشۇماقتا ئىدى.

شۈ جېنچاۋ، 1968 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1994 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1974 - يىلى 7 - ئايدا چىڭداۋ پورتىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىڭداۋ پورتى كونتېينېر شىركىتىنىڭ كۆۋرۈك كىران شوپۇرى، قوزغالماس ئۈسكۈنە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كۆۋرۈك كىران ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، ھازىر شەندۇڭ پورتىنىڭ چىڭداۋ پورتى چيەنۋەن كونتېينېر پىرىستانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بۆلۈمىدە قوزغالماس ئۈسكۈنە ئالىي دىرېكتورلۇقىنى ئۆتىمەكتە.

«دەۋر مېنى ئۆگىنىشكە، ئالغا بېسىشقا ئۈندىدى؛ شۇنداقلا دەۋر مېنى يېتىلدۈردى، بىز پورت ئىشچىلىرىنى يېتىلدۈردى.» شۈ جېنچاۋ 50 نەچچە يىللىق خىزمەت مۇساپىسىنى ئەسلەپ شۇنداق يەكۈنلىدى.

ئۇ جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى، «قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىق» شۈ جېنچاۋنىڭ «ئۆسۈپ يېتىلىش مەخپىي شىفىرى».

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ پورتلاردا يەر شارىلاشقان تىرانسپورت جانلانغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا كۆپ ساندىكى پورتلارنىڭ كونتېينېرنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى. بەزى پورتلارنىڭ قاچىلاش - چۈشۈرۈشى ئاستا بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايتتى، ھەتتا خېرىدارلاردىن ئايرىلىپ قالاتتى.

شۇڭا، ئەينى چاغدا پورتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆۋرۈك كىران ئەترەت باشلىقلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شۈ جېنچاۋ قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئىرادىسىگە كەلدى.

بىر قېتىم بولمىسا ئىككى قېتىم، ئىككى قېتىم بولمىسا ئۈچ قېتىم... ھەر كۈنى ئىشچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ باش قوشۇش يىغىنى، ئويلىنىش يىغىنى ئاچتى... نۇرغۇن ئىشچىلار دەسلەپتە چۈشەنمىدى ھەم قوبۇل قىلالماي: «راھەت ئىشنى تاشلاپ، قانداقتۇر ئىش ۋاقتى ئۈنۈمىنى قوغلىشىدىكەن» دېيىشتى.

شۈ جېنچاۋ قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى، ئۇ باشتىن - ئاخىر «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» روھىي ھالەت بىلەن پىرىستاندا ئىشچىلار بىلەن بىللە يېنىش - يېنىشلاپ «ئىزدەندى».

ناھايىتى تېزلا، ئۇ بەن - گۇرۇپپىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ «بىر ئىلمەكتىلا دەل جايىغا چۈشۈرۈش» «بىر ئىلمەكتە تۈگىتىش» «ئاۋازسىز مەشغۇلات قىلىش» قاتارلىق ماھارەتلەرنى تەدرىجىي مەشىق قىلىپ، تۈرلۈك كۆۋرۈك كىراننىڭ تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە مېخانىكىلىق ئىقتىدارىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئىشچى مۇتەخەسسىس»كە ئايلاندى ھەمدە ئۆز قولى بىلەن «ۋاڭشياۋ فېييەن» «شيەنشىن چۇەنجېن» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە خىزمەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلات ئۈنۈمى %20 ئاشتى.

لېكىن شۈ جېنچاۋ بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى.

ياپونىيەگە بېرىپ كەلگەن بىر ماتروس: ياپونىيەنىڭ پىرىستانلىرىدا قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك پورت بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن دېگەندە، نۇرغۇن ماتروس ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

شۈ جېنچاۋنىڭ خىزمەتدىشى، كۆۋرۈك كىران شوپۇرى گو لېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ كىچىككىنە كەچۈرمىش شۈ جېنچاۋنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىق غەيرىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى، بۇ قېتىم ئۇ دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرمەكچى بولدى.

بۇ چاغدا، چىڭداۋ پورتىنىڭ يېڭى پورت رايونى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، زامانىۋىلاشقان ئۈسكۈنىلەرمۇ تەدرىجىي جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

«يېتەرلىك قابىلىيەت بولغاندىلا، ئاندىن ئىشنى پۇختا قىلغىلى بولىدۇ.» شۈ جېنچاۋ يەنە بىر قېتىم ئىشچىلارنى باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشكە يېتەكلەپ، يېڭى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تونۇشتى، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلدى، يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدارىمۇ شۈ جېنچاۋنى زور دەرىجىدە قوللاپ، ئادەم دېسە ئادەم ئاجرىتىپ، پۇل دېسە پۇل بېرىپ، سىياسەت دېسە سىياسەت بېرىپ، شۈ جېنچاۋ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بەردى.

2003 - يىلى، كۆۋرۈك كىران ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۈ جېنچاۋ بىرىنچى قېتىم مەشغۇلات ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كونتېينېر قاچىلاش - چۈشۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «جېنچاۋ كوللېكتىپى» يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم كونتېينېر قاچىلاش - چۈشۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «جېنچاۋ ئۈنۈمى» دۇنياغا تونۇلدى.

شۇنداق بولسىمۇ، شۈ جېنچاۋ يەنىلا قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى. 2006 - يىلى، شۈ جېنچاۋ يەنە بالونلۇق ئاسما كىراننىڭ «دىزېل مېيىنى توكقا ئۆزگەرتىش» توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ يولغا قويدى، بۇ، تېخنىكا جەھەتتىكى خەلقئارا بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، يىلىغا 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى تېجەپ قالدى، شاۋقۇن ۋە كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش نۆلگە يېقىنلاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شۈ جېنچاۋ يەنىلا ئەنئەنىۋى كونتېينېر پىرىستانىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم قوش كۆتۈرۈلمە قىرغاق كۆۋرۈكىنىڭ يىراق مۇساپىلىك يېرىم ئاپتوماتىك مەشغۇلاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شوپۇرلارنى يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئەنئەنىۋى كابىنكىدىن ئايرىدى، نەق مەيداندا تىزگىنلەش ئۆيىدە يىراق مۇساپىلىك تىزگىنلەش مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلىپ، ئەنئەنىۋى پىرىستاننى يېرىم ئاپتوماتىك، ئاپتوماتلاشقان تىپقا ئۆزگەرتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە يولى بىلەن تەمىنلىدى.

شۈ جېنچاۋ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ساپا ۋە نەتىجە بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئىسلاھات ئاۋانگارتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك «1 - ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى دېگەن ناملارغا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ تەرىپلەندى.

نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن شۈ جېنچاۋدا باشتىن - ئاخىر بىر ھۈنەرۋەننىڭ ئەسلىي مەقسىتى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۈ جېنچاۋ گەرچە بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئورنىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن جان تىكىپ ئېلىشىش يولىدا توختاپ قالمىدى.

«مېنىڭچە مەن يەنە ئازراق ئىش قىلالايمەن، شۇڭا بۇ بىرنەچچە يىلدا تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلدۈم، مەن نېمە ئۈچۈن بىر يىلدا نەچچە ئون مەيدان دوكلات يىغىنىغا قاتنىشىمەن؟ بۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم ۋە تەسىراتىمدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈش ئارقىلىق، ياشلارنى ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخنىك ئىشچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈن»دېدى شۈ جېنچاۋ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.