تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

كۆكشىلگە باغلانغان رىشتە

جيېساڭ سونەنداجيې:

كۆكشىلگە باغلانغان رىشتە

جيېساڭ سونەنداجيېنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى لىنخەي

20 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، سونەندەنجېڭ دادىسى جيېساڭ سونەنداجيېنى ئىزچىل سېغىنىپ كەلدى.

دادىسى قۇربان بولغاندا، سونەندەنجېڭ ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەنىدى. «مېنىڭ قەلبىمدە، دادام ھەمىشە جاپالىق يوللاردا يۈرىدىغان، ھەمىشە تاغ چارلايدىغان، تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان كىشى ئىدى.» سونەندەنجېڭ مۇنداق دېدى: «چوڭ بولغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىدىن، دادامنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ گەپلىرىدىن، مەن دادامنى ھەقىقىي چۈشەندىم، ئۇ مانا شۇنداق بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ».

سونەندەنجېڭ ھازىر چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىدو ناھىيەسى جاخې يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: دادامنىڭ روھى خۇددى ماياكتەك ئىلگىرىلەش يولۇمنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.

سونەنداجيې ھەقىقىي بىر چارۋىچى ئوغلى بولۇپ، جىدو ناھىيەسىنىڭ سوجيا يېزىسى موچۈ كەنتى ئۇنىڭ يۇرتى. 1974 - يىلى، ئۇ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىش ۋە بېيجىڭغا بېرىپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جىدو يايلىقىغا قايتىپ كەلگەن.

سونەنداجيې يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، جىدو ناھىيەلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان مەزگىلدە، چارۋىچىلىق رايونىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياردەم بەرگەن.

ھازىر يۈشۇ ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان زۇڭ جىنسەي بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئەينى يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي، ئوقۇشتىن توختاپ قالاي دەپ قالغان. «سونەنداجيې كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ مائاشى بىلەن بىزنىڭ ئوقۇش پۇلىمىزنى تۆلەپ، بىز چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇردى».

1987 - يىلى سونەنداجيې جىدو ناھىيەسى سوجيا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ: «ئەگەر سوجيانى ياخشى گۈللەندۈرەلمىسەم، سوجيادىكى يۇرتداشلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىسەم، سوجيانىڭ ئوغلى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمغا يۈز كېلەلمەيمەن» دەپ ئىرادە تىكلىگەن.

ئۇ ھەرقايسى چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىگە ياردەم بەرگەن. پۈتۈن يېزىدىكى تۆت چارۋىچىلىق كومىتېتى، 16 چارۋىچىلار گۇرۇپپىسى ۋە 700 دىن ئارتۇق چارۋىچى ئائىلىسىدە ئۇنىڭ ئىزلىرى قالغان. ئۇ چارۋىچىلار ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، بىر بوۋاينىڭ كىيگۈدەك ئايىغى يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆتۈكىنى سېلىپ ئۇنىڭغا بەرگەن.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، كۆكشىلدە شىزاڭ بۆكىنىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، شىزاڭ بۆكىنىنىڭ سانى 200 مىڭ تۇياقتىن ئازىيىپ 20 مىڭ تۇياققىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سونەنداجيې قوراللىق مۇھىت قوغداش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 قېتىم كۆكشىلنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارغا زەربە بەرگەن.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4600 مېتىردىن ئاشىدىغان كۆكشىل «چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار گېن ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 46 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئۈچ دەريا مەنبەسى، چياڭتاڭ، ئالتۇنتاغدىن ئىبارەت ئۈچ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

سونەنداجيې ھەم ئەترەت ئەزالىرى كۆكشىلنى چارلاۋاتقاندا، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلايدىغانلار تېرىسىنى سويۇۋالغان نۇرغۇن شىزاڭ بۆكىنىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. بۇ قانلىق كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆرتەپ، ئۇنىڭ كۆكشىلنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.

1994 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېچىدە، جىدو ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جىدو ناھىيەلىك غەربىي قىسىم خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان سونەنداجيې ۋە تۆت نەپەر ئەترەت ئەزاسى كۆكشىلدە ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىدىن 20نى تۇتۇۋېلىپ، يەتتە ئاپتوموبىل ۋە 1800 پارچىدىن ئارتۇق شىزاڭ بۆكىنىنىڭ تېرىسىنى قولغا چۈشۈرگەن، قارا نىيەتلەرنى يالاپ مېڭىپ تەيياڭخۇ كۆلى ئەتراپىغا كەلگەندە، قارا نىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. سونەنداجيې ئادەمسىز رايوندا قوراللىق ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار بىلەن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە ئېلىشىپ، كۆكشىلدىكى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق شىۋىرغاندا مۇز ھەيكەل بولۇپ قېتىپ قالغان.

ئۇنىڭ ھاياتى 40 ياشتا، كۆكشىلدە توختاپ قالغان.

سونەنداجيې قۇربان بولغاندىن كېيىن، جەسەت كۈلى كۆكشىلدىكى تەيياڭخۇ كۆلى بويى ۋە كوئېنلۇن تېغى ئېغىزىغا چېچىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تۇپراققا مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆكشىل ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ھايۋانات پادىشاھلىقى»غا ئايلاندى. چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولى لىنىيەسى بويىدا، دائىم شىزاڭ بۆكىنى، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى، ياۋا قوتازلار ئويناقشىپ يۈرۈۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆكشىلدە شىزاڭ بۆكىنىنىڭ سانى ھازىر 70 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى.

2017 - يىلى، كۆكشىل چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تۇنجى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار جايى بولۇپ قالدى. ھازىر جىدو ناھىيەسى ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسى باغچە رايونىغا كىرگۈزۈلدى.

2013 - يىلى 9 - ئايدا، «مۇھىت قوغداش مۇھاپىزەتچىسى» جيېساڭ سونەنداجيې خاتىرە ئابىدىسى دېڭىز يۈزىدىن 4767 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كوئېنلۇن تېغى ئېغىزىغا ئورنىتىلدى. بۇ يەردىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمىنى توختىتىپ، خاتىرە ئابىدىسىگە خاداك تەقدىم قىلىپ، ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.

«مەن ئاتىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى ياخشى قوغدايمەن، <جۇڭخۇا سۇ مۇنارى> نى ياخشى ساقلايمەن» دېدى سونەندەنجېڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.