تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىلىك كادىر

سۇ نىڭ:

دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىلىك كادىر

سۇ نىڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ مېي شىشيۇڭ، جاڭ يۈچىڭ

«مەن يېڭى دەۋردىكى سۇ نىڭنىڭ ۋارىسى، مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۇ نىڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنى سۆيىمەن، پارتىيەگە ئىشىنىمەن، مۇتلەق سادىق بولىمەن...»

2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئارمىيە بويىچە سۈرىتى ئېسىلغان قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ بىرى بولغان سۇ نىڭنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ كۈنى، سۇ نىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق قىسىم − شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 80 - جىتۇەنجۈنىنىڭ مەلۇم لۈسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر سۇ نىڭنىڭ سۈرىتى ئالدىدا تۇرۇپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: سۇ نىڭنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزدە «ۋەتەننىڭ ئامانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايدىغان» كۈلپەت ئېڭى، «قىلىچنى قولدىن چۈشۈرمەيدىغان، ساۋۇتنى قەتئىي سالمايدىغان جەڭ» ھالىتى، «ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىدىغان» روھ بولۇشى، سۇ نىڭغا ئوخشاش زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

1953 - يىلى 12 - ئايدا، سۇ نىڭ ئالتە خانىدانلىقنىڭ قەدىمىي پايتەختى نەنجىڭدا تۇغۇلغان. 1969 - يىلى 2 - ئايدا، سۇ نىڭ قىسىمغا كىرگەن ھەم 1973 - يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1970 - يىلى ئەتىيازدا، سۇ نىڭ تۇرۇشلۇق قىسىم خاربىن شەھەر ئەتراپىغا يۆتكەلگەن. ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇھىتى جاپالىق بولغانلىقتىن، بەزىلەردە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇ نىڭ ئەزەلدىن تەۋرىنىپ قالمىغان. جەڭچى بولغاندا، ئۇ مەشىقتە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان؛ بەنجاڭ بولغاندا، ئۇ پۈتۈن بەننى يېتەكلەپ، پۈتۈن تۇەن بويىچە مەشىقتە ماھارەت كۆرسىتىشتە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن؛ كادىر بولغاندىن كېيىن ئۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۈلگىسى، مۇنەۋۋەر كوماندىر بولغان... ھەربىر ئىش ئورنىدا ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

سۇ نىڭ دائىم مۇنداق دەيتتى: قىزغىن سۆيۈش ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى، بىر ئادەم بىر كەسىپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزغىن سۆيگەندىلا، ئۇ ئاندىن ئاڭلىق ھالدا پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ ئاشۇ ئىش ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدۇ.

1989 - يىلى 6 - ئايدا، سۇ نىڭ تۇەننىڭ سەنمۇجاڭى بولغان، ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان تەتقىقات قىزغىنلىقىنى كۈندىلىك مەشىققە سىڭدۈرگەن.

1989 - يىلى قىشتا، سۇ نىڭ دالا مەشىقى جەريانىدا، چېدىرنىڭ خاربىننىڭ سوغۇق ھاۋاسىدا ئىسسىقلىق ساقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ يوشۇرۇنۇشچانلىقى ۋە ئىسسىقلىق ساقلاشچانلىقى تەڭ ھازىرلانغان چېدىرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، قاتتىق سوغۇقتا جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان.

1981 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچە، سۇ نىڭ مۇستەقىل تاماملىغان ۋە تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان ئىسلاھات تۈرى 162 بولۇپ، بىر تۈر ئارمىيە بويىچە تەقلىدىي ئۈسكۈنە ياساش 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئالتە تۈر باش ئىشتاب، ھەربىي رايون ئورگىنى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن.

سۇ نىڭ ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان: «سىز چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ بىر سېكۇنتتا نەچچە ئونمىڭ سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئۈنۈمىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، ئارمىيەمىز قوماندانلىرىنىڭ بولسا يەنىلا قېرىنداش قەلەم بىلەن خەرىتىگە <سىزىپ> ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، جۇڭگولۇق ھەربىي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئالدىرماي تۇرالامسىز؟»

بۇنداق تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى سۇ نىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىگە ھەر ۋاقىت تۈرتكە بولغان.

سۇ نىڭ ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىپ، كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسى تۈزۈپ، توپچى قىسىمنىڭ قارىغا ئېتىشىغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلغانىدى.

«ئەينى چاغدا كومپيۇتېر تېخى ئومۇملاشمىغانىدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى توپچى قىسىمنىڭ پۈتكۈل قارىغا ئېتىشىدا قوماندانلىقنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىدى.» سۇ نىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سەپدىشى، خاربىن جىڭبېي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى ۋاڭ چى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىڭ دادىل ئويىغا ھەيران قالغانىدۇق».

سانسىز كېچىلەر ئۇيقۇسىز ئۆتتى، بۇ «ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە» سۇ نىڭنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشتى. كېيىن ئۇ يەنە خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بىلەن بىرلىكتە بىر خىل لازېر نۇرلۇق سۈرئەت ئۆلچەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، لازېر نۇرى بىلەن زەمبىرەك ئوقىنىڭ دەسلەپكى سۈرئىتىنى ئۆلچىگەن.

سۇ نىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەۋاتقاندا، كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغان تاسادىپىيلىق يۈزبەردى.

1991 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۇ نىڭ نەق مەيداندا تولۇق ئىشتاتلىق ليەننىڭ ھەقىقىي گىرانات ئېتىش مەشىقىگە قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. بىر گىرانات ئاتقۇچى بىلىكىنى زىيادە كۈچەپ ھەرىكەتلەندۈرۈۋەتكەچكە، گىرانات ئاكوپنىڭ كەينى تەرىپىگە تېگىپ كېتىپ، بىر مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يىراقلىقتا تۇرغان كۆزەتچىنىڭ پۇتىغىلا چۈشكەن، گىراناتتىن ئاق ئىس چىقىپ پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى.

خەتەرلىك پەيتتە، سۇ نىڭ «تېز يېتىۋېلىڭ!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ كۆزەتچىنى ئىتتىرىۋېتىپ، گىراناتنى ئېلىپ ئاكوپنىڭ سىرتىغا ئېتىۋەتمەكچى بولغان ئاشۇ پەيتتە گىرانات پارتلاپ كەتتى.

ئىككى سەپدىشى تالاپەتتىن ئامان قالدى، ئەمما سۇ نىڭ ئېغىر يارىلاندى.

سەككىز كۈندىن كېيىن، سۇ نىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 38 ياشتا ئىدى.

سۇ نىڭ قۇربان بولغاندىن كېيىنكى 5 - كۈنى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلغان پەن تەتقىقات تۈرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

1993 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سۇ نىڭغا «دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەمۇنىلىك كادىر» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. 1996 - يىلى، ئۇ ئارمىيە بويىچە قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈرىتى پۈتۈن ئارمىيەدىكى ليەندىن يۇقىرى ئورۇنلارغا ئېسىلدى.

سۇ نىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەندۈيدە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى جەڭچىلەر گازارمىغا كىردى، يېتەكچى دۇڭ گۇاڭيۈ ئۇلارنى باشلاپ ليەندۈينىڭ شەرەپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ «تۇنجى دەرس»نى ئۆتتى.

«سۇ نىڭ يېڭىلىق ياراتقان كۆپ تۈرلۈك ئۇرۇش مەشىقى ئۇسۇلى ۋە سايمانلاردىن بىز ھازىرغىچە نەپ ئېلىۋاتىمىز. بىز ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن مەڭگۈ ئۆگىنىمىز.» دۇڭ گۇاڭيۈنىڭ ئاۋازى شەرەپ ئۆيىدە جاراڭلىدى، شۇنداقلا جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدە ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.