تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

قارلىق تاغدا يالتىرىغان ساداقەتمەن روھ

كۇڭ فەنسېن:

قارلىق تاغدا يالتىرىغان ساداقەتمەن روھ

شىزاڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، كۇڭ فەنسېن (سولدا) زاڭزۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيەن

6 - ئاي، شى چۈەنخې ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىنقىلابىي قۇربان كۇڭ فەنسېننىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، قەبرە سۈپۈرۈۋاتاتتى.

«چاڭ - توزان قوندۇرماي، پاك - دۇرۇس بولۇپ، نام - مەنپەئەت ۋە ئامانلىقىنى ئويلاشماي، شى چۈەنخې دەرياسىنىڭ سۈيىدەك سۈزۈك - پاك بولدى؛ ئىككى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ، قارلىق دالىغا مۇھەببەت باغلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى گاندىس تېغىدەك مۇھىم ئورۇنغا قويدى.» قەبرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئابىدىگە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت سۆزلىرى ئويۇلغانىدى.

كۇڭ فەنسېن، 1944 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لياۋچېڭدىن، ھايات ۋاقتىدا ئىككى قېتىم شىزاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1992 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، خىزمەت مەزگىلىدە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 106 يېزىنىڭ 98ىنى ئايلىنىپ چىقىپ، 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، زاڭزۇ ئاممىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

ئۇزاق مەزگىل ئالى ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلغان تاڭ ۋېنمىڭ ئەينى يىللاردىكى بىر كۆرۈنۈشنى ھېلىھەم ھازىرقىدەكلا ئەسلىيەلەيدۇ: زىمىستان قىشتا، يېزىغا چۈشۈش سەپىرىدە، كۇڭ فەنسېن يول بويىدا بىر چېدىرنى ئۇچراتقان، ئىچىگە كىرىپ، بىر يالغۇز ئانىنىڭ چېدىر ئىچىدە تۆت بالىنى بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. كۇڭ فەنسېن يېنىدىكى بارى - يوقى 80 نەچچە يۈەن پۇلنى بۇ ئانىغا قالدۇرغان، مېڭىش ئالدىدا يەنە پەلتوسىنى سېلىپ بىر بالىغا كىيگۈزۈپ قويغان.

«كۇڭ شۇجى ئەينى چاغدا بىزگە: ئەگەر پۇقرالار داۋاملىق مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋەرسە، بىز ئاسمانغىمۇ، زېمىنغىمۇ، ئەتراپىمىزدىكى پۇقرالارغىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز دېگەن» دېدى تاڭ ۋېنمىڭ.

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئالى ۋىلايىتىنىڭ كىلىماتى ناچار، ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولۇپ، شىزاڭدىكى ئەڭ جاپالىق رايونلارنىڭ بىرى. ئۇزاق مەزگىللىك نامراتلىق ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن، شۇ جاينىڭ سەھىيە شارائىتى بىرقەدەر ئارقىدا قالغان بولۇپ، داۋالاش خادىملىرى كەمچىل ئىدى. دوختۇرلۇقتىن ئازراق خەۋىرى بار كۇڭ فەنسېن ھەر قېتىم يېزىغا چۈشكەندە، ئالدىن دورا سېتىۋېلىپ، يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك دورا ساندۇقىغا سېلىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، دورا يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

بىر قېتىم يېزىغا چۈشكەندە، كۇڭ فەنسېن ئۆپكە كېسىلى قوزغىلىپ خەتەر ئىچىدە قالغان بىر ياشانغان كىشىگە ئۇچراپ قالغان، ئۇ دەرھال تىڭشىغۇچنىڭ نەيچىسىنى ياشانغان كىشىنىڭ گېلىغا كىرگۈزۈپ، قويۇق بەلغەمنى ئاز - ئازدىن سۈمۈرۈپ چىقارغان، ئاندىن ئىلگىرى قىسىمدا ئەسكەر بولۇپ تۇرغاندا ئۆگەنگەن داۋالاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغانغا قەدەر، ياشانغان كىشىگە ئوكۇل ئۇرۇپ دورا بەرگەن.

ئۇنىڭ قانچىلىك ئادەمگە ياردەم قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇنى ئوبدان بىلىدىغان خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن كۇڭ فەنسېن ئىنتايىن سېخى بولغان، شىزاڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاساسەن پۇل ئەۋەتىپ باقمىغان، مائاشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قىيىنچىلىقى بار زاڭزۇ ئاممىسىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن.

شۇ جاينىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كۇڭ فەنسېن مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چەت ئەللەرنىڭ ئېگىزلىك رايونىنى ئېچىش ۋە باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالى ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر شۇ جاينىڭ چېگرا سودا بازىرىنى تىرىشىپ جانلاندۇرۇش ئىدى.

1994 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كۇڭ فەنسېن شىنجاڭ تارباغاتايغا بېرىپ چېگرا سودىسى ئىشلىرىنى تەكشۈرگەن، يولدا قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 50 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ تەۋەررۈك بۇيۇمى پەقەت ئىككى بولۇپ، بىرى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن تۆت كۈن ئىلگىرى يازغان ئالىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى 12 تۈرلۈك تەكلىپ ئىدى.

ئۇ ھاياتى ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان: «بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى باشقىلارنى سۆيۈش، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى خەلقنى سۆيۈش» دېگەن سۆزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

كۇڭ فەنسېننىڭ قۇربان بولغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما ئۇنى ھېلىھەم ئۇنتۇمىدى. كۇڭ فەنسېن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چاڭبا سىرېن مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھېكايىسى ناخشا قىلىپ يېزىلدى، خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن زاڭزۇ پۇقرالارمۇ ئېيتالايدۇ».

«مۇز تاغ سوغۇق بولسىمۇ، مېھرى شۇنچە ئىللىق، قارلىق تاغدا يالتىرايدۇ ساداقەتمەن روھ.» كۇڭ فەنسېننىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان بۇ مىسرالىرى ئۇزاق مەزگىل ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلىپ، ئېگىزلىكتە چىڭ تۇرغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كوللېكتىپ ئوبرازىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.