تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆزلەر شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى توسۇيالمايدۇ

​□قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى ئەنۋەر توختى

پومپېئو خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى نەزەرگە ئالماي، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ۋە قوللىدى، شۇنداقلا مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى مېيىپلەر ئىشلىرىدا مۇھىم، زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، مېيىپلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى، چاقلىق ئورۇندۇق، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى تارقىتىپ بەردى، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش، چوڭلارنىڭ پۇت - قولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاشقا پائال تۈرتكە بولدى، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتى، روھىي جەھەتتىكى مېيىپلەرگە كېسەلخانىدا يېتىش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە دورا ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، «مېھرىبان پەرىشتىلەر» ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، «ئىللىق ماكان» ھاۋالىلىك بېقىش تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. مېيىپلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىدىغان بۇ تۈرلەر ھەر مىللەتتىن بولغان مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

پومپېئو، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سېنىڭ پاكىتنى بۇرمىلىشىڭغا، قارا چاپلىشىڭغا يول قويمايمىز! سېنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى توسۇيالمايدۇ! شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.