تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپئاق شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا يول قويمايمىز

​□جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازىرىنىڭ ئاھالىسى زۇلباھار

شىنجاڭ مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول جاي. مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق، ھازىر داشۆدە ئوقۇۋاتىمەن.

ئائىلىمىز ئىزچىل كېۋەز تېرىپ كەلدى، بوۋام كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ دادام ۋە تاغىلىرىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان، داداممۇ ئوخشاشلا كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ ئاچا - سىڭىل نەچچىمىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى. شۇڭا، كېۋەزنىڭ بىزدەك دېھقان ئائىلىسى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمەن.

ئالدىنقى يىللاردا پاختا يىغىش پەسلىدە، ئائىلىمىز پاختا تېرىش ئۈچۈن ئادەم تەكلىپ قىلاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تالىشىپ يۈرۈپ پاختا تېرەتتى، چۈنكى بىر ئادەم بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايتتى. ھازىر، كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە كېۋەزلىكتە ئىلگىرىكى «پاختا تېرىش چوڭ قوشۇنى»نى كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى، پەقەت پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، پات - پات ئارقىسىدىن يۇپيۇمىلاق «پاختا تۇخۇمى»نى چىقىرىدۇ. ئىلگىرىكى ئاۋات پاختا تېرىش مەنزىرىسىنى ئەسلىگەندە، كىشى ئىختىيارسىز پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقەتەن بەك تېز بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

ئائىلىمىزنىڭ كېۋەز تېرىشى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن تۇرسا، قانداق بولۇپ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولۇپ قالدى؟ بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، ئاپئاق شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا، داغ تەگكۈزۈشكە يول قويمايمىز. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ پاختىسىغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ ۋە قەستەن قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.