تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى كۈچلۈك يادرو

​− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنىڭ ئىلھامى بىلەن − «يول باشلاش قىسمى»

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، لو شا، دىڭ شياۋشى، شيۇڭ فېڭ

1921 — 2021.

بۇ 100 يىلدا، جۇڭگودا تىللاردا داستان بولغۇدەك ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، جەمئىيەت ئۆزگەردى.

100 يىل ئىلگىرى جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدە ئوت يۈرەك ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش «قىزىل كېمە»سىنى ھەيدىدى.

100 يىلدىن بۇيان، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرۇپ ھەيۋەتلىكلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى؛ 100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

100 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش: دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقنىغان تارىخىي ئابىدىنى بارلىققا كەلتۈرۈش

2021 - يىلى يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ ئەجدىھا شەكلىدىكى سۇ سىستېمىسىنىڭ يېنىدا، يېڭىدىن پۈتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىي كۆرگەزمە سارىيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

«... پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن...» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

«پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل.» قىسقىغىنا بىر ئابزاس سۆز 100 يىللىق جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى تولۇق بايان قىلدى −

5000 يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جاھانگىر كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، دۆلەت خەۋپتە قېلىپ، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالدى. سانسىزلىغان غايىلىك ۋە ئىرادىلىك زاتلار، سىياسىي پارتىيە تەشكىلاتلىرى قايتا - قايتا ئىزدەنگەن بولسىمۇ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئۇزاققىچە تاپالمىدى. ئىسلاھاتچىلىق، لىبېرالىزم، ئۈچ مەسلەك ... بىراق «بۇ يوللارنىڭ ھەممىسىدە ماڭغىلى بولمىدى».

تاكى گېرمانىيەنىڭ كىچىك بازىرى ترىردىن كەلگەن بىر تال ئۇرۇق شەرقتىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتتە بىخ سۈرۈپ چىققانغا قەدەر... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇددى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئىستىقبالىنى يورۇتۇپ، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى.

ئەڭ دەسلەپكى 50 نەچچە ئادەمدىن 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولۇشقىچە؛ دۆلەت خەلق ئازاب - ئوقۇبەتتە قالغان، نامرات، قالاق ھالەتتىن دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغۇچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ 1000 يىللىق ئارزۇسى، 100 يىللىق ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە؛ تۆمۈر مىخ، سەرەڭگىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمپورت قىلىشتىن «تيەنۋېن 1 - نومۇر»نىڭ مارسقا قونۇشى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈشىگىچە...

«باشلىنىش ئاددىي بولسىمۇ، ئاخىرلىشىش ئاددىي ئەمەس.» بىر چوڭ پارتىيە بىر قولۋاقتىن يولغا چىقتى، بۇ «باشلىنىش ئاددىي بولۇش»نىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى. بىر دۆلەت مۇقەررەركى دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ، بۇ «ئاخىرلىشىش ئاددىي ئەمەس» دېيىشنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش»نى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى.

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. 100 يىلغا قايتا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن كىچىكلىكتىن زورىيالىدى، زورىيىشتىن قۇدرەت تاپالىدى؟

بىر سىياسىي پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك يادروسى ئىنتايىن مۇھىم.

1935 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كېچىدە، گۇيجوۋ زۇنيىنىڭ فېڭشياڭ بازىرى گوۋبا كەنتىنىڭ ئالدىدىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل تار چىغىر يولدا، ماۋ زېدۇڭ بىر پەنەر چىراغنى كۆتۈرۈپ، ئالدىرىغان ھالدا ئۇرۇش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىشكە جوۋ ئېنلەينى ئىزدەپ ماڭغانىدى.

پەنەر چىراغنىڭ غۇۋا نۇرى ئىنقىلاب يولىنى يورۇتتى. ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى رەت قىلىشى ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ۋە كەلگۈسى جۇڭگونىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇ ئۇرۇش ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلغاچقا، قىزىل ئارمىيە يەنە بىر قېتىم قاتمۇقات مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىشتىن، يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىپ قالغان.

زۇنيى يىغىنى خەتەرلىك - جىددىي پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تاللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى ...

يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، يېڭى دەۋرنىڭ يول باشلىغۇچىسى ھايات - ماماتلىق جىددىي پەيتتە، مۇھىم، زور تاللاش پەيتىدە، گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا پۈتۈن پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يولىدا ماڭدى.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشتىن «سوتسىيالىزم» بىلەن «بازار ئىگىلىكى»نى بىرلەشتۈرۈشكىچە، يەنە «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغىچە... پارتىيە خەلقنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى يارىتىپ، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىنى يېڭىلىدى.

ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى؛ سەككىز يىلدا يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى 35 ياشتىن 77 ياشقا ئۇزاردى... نامرات، قالاق ھالەتتىن قەدەم ئېلىپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى يۈكسەكلىككە قەدەم قويماقتا.

ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى... جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.

يول يىراق ھەم ئۇزۇن، ئەمما يىراق بولسىمۇ چوقۇم يېتىپ بېرىش كېرەك؛ كۆڭۈلدە نىشان بولغاندىلا، جەزمەن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش: باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى بايراققا پۈتۈپ، ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش

پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى باشتىن - ئاخىر قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى باشتىن - ئاخىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۇتىشىدىغان ئابىدىگە نەقىشلىدى.

قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، خەلقنى قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشىشكە يېتەكلەشتىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقىچە؛ يەر ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ «يەر تېرىغۇچىنىڭ يېرى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ قەسەم بېرىشكىچە ... 100 يىللىق پارتىيە تارىخى خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان سەلتەنەتلىك داستان.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىشى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئېنىق ئۇقتۇردى.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ −

ماۋ زېدۇڭ جاڭ سىدېغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» تېمىلىق نۇتقىنى ئېلان قىلغانىدى؛ جوۋ ئېنلەي كۆپ يىل تاقىغان ئىزناك «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» ئىدى؛ جۇڭنەنخەي شىنخۇامېننىڭ ئىچىدىكى توسما تامغا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»... دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى.

پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلاش دەل كوممۇنىستلارنىڭ قەتئىي ئىرادىسى.

2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مېيگۇ ناھىيەسى سىئېجى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى 26 ياشلىق جياڭ فۇئەن تۇيۇقسىز يىقىلىپ قېلىپ، قايتا ھوشىغا كېلەلمىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى ئىلگىرىكى تاشيول يوق، ئىچىدىغان سۇ يوق كەنتنىڭ ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش، بىر كەنتتە بىر يەسلى بولۇش، سۇ ۋە توك يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىدى...

«پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن مەشئەل يېقىپ تاغدىن چۈشۈپ، ئۇنى چۆرىدىۋېلىپ يىغلىدى، ئۇنىڭ مېڭىۋېرىپ ئۈچ جۈپ ئاياغنى يىرتىۋەتكەنلىكىگە يىغلىدى، ئۇنىڭ ياخشى قېرىنداش بولغانلىقىغا يىغلىدى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىغا يىغلىدى...» سىز خەلقنى قەلبىڭىزگە پۈكسىڭىز، خەلق سىزنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرىدۇ.

تارىخنى ئەسلىسەك، قايسى بىر سىياسىي پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدەك خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتالىغان، خەلققە چىڭ تايىنالىغان؛ پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، قايسى بىر دۆلەتتە جۇڭگودىكىدەك يۈز مىليونلىغان خەلق پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مەردانە ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلىگەن.

ھەممىدە خەلققە تايىنىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشى، ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى −

ئۈچ چىدىن ئارتۇق كېلىدىغان بىر بامبۇك خادىسىغا شەندۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇدىكى 88 شەھەر - بازار، كەنتنىڭ يەر نامى ئويۇلغان...

بۇ بامبۇك خادىسى شەندۇڭنىڭ لەيياڭدىكى دېھقان تاڭ خېئېنغا تەۋە ئىدى. ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان يىللاردا، ئۇ ۋە يۇرتداشلىرى كىچىك ھارۋىنى جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىن خۇەيخەي ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، بامبۇك خادا ئۈستىگە ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشتىكى 4000 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئاياغ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويغانىدى.

بىر سىياسىي پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئەڭ ئاخىرىدا خەلق رايىنى مايىل قىلالىغان - قىلالمىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ.

خەلقنىڭ «كىچىك ياغاچ كېمە»لىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى؛ خەلقنىڭ «چوڭ ھۆددىگەرلىك»ى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باستى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ مەنىۋى شەجەرىسى يۈز مىليونلىغان خەلقنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى −

«ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئويغاندى، ئاندىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتتى...» بىر تورداش ئالقىشلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئويغانغان يىللار»غا شۇنداق باھا بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.

يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، تەخمىنەن 20 مىليون ئىنقىلابىي قۇربان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىدى.

لى داجاۋ، جياۋ يۈلۇ، گۇ ۋېنچاڭ، خۇاڭ دانيەن... زامان - ماكان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئېتىقاد مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئاتلىنىپ، قان تۆكۈپ باش كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي، جان - دىلى بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە مەنىۋى ئابىدىلەرنى تىكلىدى.

قىزىل كېمە روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى... ئەسىر ھالقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش داۋامىدا تاۋلاپ چىققان روھىي شەجەرىسى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرماقتا، يېتەكلىمەكتە.

دەۋرگە يول باشلاش: تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاھاننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە رولچى بولۇش

2021 - يىلى «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋۇخەن باھار پەيزىگە چۆمۈپ، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى مىسلىسىز ئاشقانىدى. ئالدىنقى باھاردىكى ئازاب تۈگىتىلمەكتە.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئېنىقسىزلىققا تولدى. 100 يىلدىن بۇيانقى كەڭ تارقالغان ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو يۇقۇمنى تېز سۈرئەتتە تىزگىنلىيەلىدى؟

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ «جۇڭگو جاۋاب قەغىزى»نى چۈشەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك. 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قەتئىي سالماق بولۇپ، شىددەتلىك دولقۇنغا قارشى جەڭ قىلدى.

نەنچاڭ شەھىرى سېپىلىدا، كەسكىن ھالدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشتىكى تۇنجى پاي ئوق ئېتىلىپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئىنقىلاب بايرىقى جەۋلان قىلدۇرۇلدى.

ۋېنچۈەن خارابىسىدە، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلدى، بىز پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ كەسكىن سىنىقىنى يېڭىپ، سالماقلىق، ئېغىر بېسىقلىق، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

......

تەبىئىي ئاپەتتىن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغىچە، دىپلوماتىيەدە قامال قىلىشتىن غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش، قورشاپ توسۇشقىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەڭداشسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى بولدى.

خەتەرلىك - قىيىن پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ھازىر پۈتۈن يەر شارىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ، گىرەلىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، خىرىسنىڭ كەسكىنلىكى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى. 100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى −

«ماقۇللاندى!»

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشى، بىرتۇتاش پىلانلىشى ئارقىسىدا، 2035 - يىلىغا يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ يېڭى مەنزىرىسى دۇنيا ئالدىدا نامايان بولدى −

ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈلىدۇ؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ...

بۇ يىل 1 - پەسىلدە، جۇڭگو ئىقتىسادى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشتى. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدىغان نەتىجە قەغىزى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىشتىن شىبەيپودىن چىقىپ «ئىمتىھانغا بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كىرىش»قىچە، يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسىنى قۇرۇشقىچە... بوشاشماي كۈرەش قىلىش ۋە جاپالىق ئىزدىنىش ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىدىكى: «بىز كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر».

«مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا مۇنداق ئىككى ئامىلنىڭ ئاساس قىلىنغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن: بىرى، ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش مۇقىم قىممەت قارىشى بار بولۇپ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرالايدۇ، يەنە بىرى، ئىنتايىن ياخشى بولغان ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارى» دېدى ۋېنگىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مەجېسسي پېتېر.

100 يىللىق بوران - چاپقۇندا، بىر سىياسىي پارتىيە قانداق قىلىپ باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابىي روھنى ساقلاپ، ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلالىدى؟

1927 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 5 - قۇرۇلتىيىدا تۇنجى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رېۋىزىيە كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

1952 - يىلى ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىدىكى تۇنجى دېلو پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى.

91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە، «چوڭنىڭ چوڭغا لايىق سالاپىتى بولۇشى كېرەك». سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىنى ساغلاملاشتۇرۇش 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنى تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

100 يىللىق ماڭغان يولىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەسلىي مەقسەت ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى بولۇپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

100 يىل دەل گۈللەر خۇش پۇراق چاچقان مەزگىل بولدى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان مەزگىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ بوشاشماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلماقتا.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ئىشەنچكە تولدى، مۇقەررەركى يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.