تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىر دوكتورنىڭ بەختلىك قايتىپ كېلىشى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

«بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، بىزنىڭ ئىدىيەمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان نەزەرىيەۋى ئاساس ماركسىزم، لېنىنىزم.» 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى 143 - تۇەن 9 - ليەنىدىكى «2 - ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر مۇزېيى»دا، 62 ياشلىق دوكتور چېن يۈچى بىر توپ ياش ئېكسكۇرسىيەچىگە قايناق ھېسسىيات بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا تامغا چاپلانغان كىلاسسىك ئۈزۈندىلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىۋاتاتتى.

چېن يۈچى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا بۇ قىزىل مۇزېينىڭ قۇرغۇچىسى. «بۇ يەرگە كەلگەن نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنىڭ كۆڭلىدە ئىككى سوئال بار: مەن نېمە ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مۇزېينى قۇردۇم؟» چېن يۈچى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «مەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىم بىلەن قايتىپ كەلدىم» دېدى.

1977 - يىلى دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، چېن يۈچى ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ھەم ئاشۇ يىللاردا ئىنتايىن كەمچىل بولغان ماگىستىر ئاسپىرانتقا ئايلانغان. 1994 - يىلى، ئۇ يەنە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان، 2000 - يىلى كېنتۇككى داشۆسىدە ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىغا كىرىپ خىزمەت قىلغان.

«ماددىي تۇرمۇش ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولسىمۇ، لېكىن مەن دائىم بىر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلاتتىم.» چېن يۈچى مۇنداق دېدى: چۈنكى قەلبىمدە ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ۋەتەننى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم. ھەر قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلىغىنىمدا، يۇرتۇمدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلاتتىم. «ئامېرىكىدىكى تاللا بازارلىرىدا Made in China (جۇڭگودا ياسالغان)نى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەن ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە ۋەتەننىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋەتەن بىلەن زىچ باغلانغان، ئەگەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، بىزنىڭ بارلىقىمىز بولمىغان بولاتتى. مەن ياخشىلىقنى بىلىشىم، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشۈم، ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك.» چېن يۈچى كىشىلىك ھاياتىنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىغان.

2016 - يىلى، ئامېرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرگىلى 22 يىل بولغان چېن يۈچى ۋەتەنگە قايتىشنى قارار قىلغان، «مەن يۇرتۇمغا قايتىمەن، يولغا چىققان جايىمغا قايتىمەن».

شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چېن يۈچى نۇرغۇن چوڭ كارخانىنىڭ نوپۇزلۇق تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولدى. جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لايىھەلەش يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇر ئىسسىقلىق تېخنىكىسى باش نازارەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نۇر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر تۈرىنىڭ تېخنىكا ۋە سىستېما توپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. 2018 - يىلى سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقاشقا، ئۇ شەرەپ بىلەن 7 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو چياۋمىنلار ساھەسى تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە شىنجاڭ داشۆسى ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولدى. چېن يۈچى چىن كۆڭلىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ۋەتەن تۇپرىقىدا تۇرغاندا، كۆڭلۈم ئەڭ خاتىرجەم بولىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمنى تەقدىم قىلىش مېنىڭ ئەڭ زور پەخرىم».

چېن يۈچى ئۆزىنىڭ يۇرتى − 8 - شى 143 - تۇەندىن ئۈچ مو كېلىدىغان قورۇ سېتىۋېلىپ، مۇزېي قىلىپ قۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن كۆڭۈل قويۇپ يىغقان نەچچە مىڭ پارچە كونا بۇيۇمنى كۆرگەزمىگە قويدى، بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۇنى «2 - ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر مۇزېيى» دەپ ئاتاشتى. «دادام 1 - ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى، مەن 2 - ئەۋلاد، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىم كېرەك» دېدى چېن يۈچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.