تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭنىڭ 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلىپىنى تۈپ مىزان قىلىپ، يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئاشلىق، ياغ بازىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى%99كە يەتكەن. 3 - تەرەپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 90.7 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئۆسكەن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق تۈردە ئارىلاپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ ئۆلچەشنى نىشانلىق ئورۇن بەلگىلەش، دەل جايىدا قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، يېمەكلىك ياغ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى، چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، مەكتەپ ئاشخانىسى، توردا ئالقىشلانغان يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى قاتارلىق مۇھىم كەسىپ ھالىتىنى چۆرىدەپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىشنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى، تەكشۈرۈشنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرىدۇ؛ «سىز كۆرسىتىڭ مەن تەكشۈرەي» پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ ھەم پەسىل بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.