تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىدىن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ قوبۇل قىلىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان خۇشاللىق پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى پايتەخت بېيجىڭدا رەسمىي ئېچىلدى. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش يولىنى ھېس قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىدىن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى يۇرت - ماكانى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيە جەھەتتىن ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدا ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بۈگۈنكى دەۋرگە ئىلھام بېرىپ، كەلگۈسىنى يورۇتتى.

«پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى يۇرت - ماكانى، شۇنداقلا كەڭ كادىرلار، ئامما غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي روھ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم سورۇن.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: بىز پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇنىڭدىن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى بىر مەڭگۈلۈك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيى بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىنى تۇنجى قېتىم ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى قۇرۇش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش پارتىيە تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ ۋە خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش قىلىش روھى ۋە خالىس ئۆزىنى بېغىشلايدىغان خەلق چاكىرىلىق روھى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

بۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنىڭ يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىشى

پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. بۇ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنىڭ يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىشى.

«بۇ بىزنى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىش ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شياۋ شېخۇا مۇنداق دېدى: سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىدىكى تۈرلۈك مەزمۇنلارنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، بوشاشماي كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممەمگە ئالىمەن.

دۆلەت باج باش ئىدارىسى ماناس ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فاڭ يىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «ئاساسىي قاتلامدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا يەنىمۇ كۈچەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن».

بۇ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغان قايتا يولغا چىقىش

مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ قايتا يولغا چىقتى.

تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بۆرەك كېسىلى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئايجامال ھەسەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مېنىڭ ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلىشىمدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مەن ئۆز بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋالاش ئىشلىرى خىزمىتىدە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەمنى ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن».

دۆلەت ئېلېكتىر تورى باي ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: بىز «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خېرىدارلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىيارەت قىلىپ، توك ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر توك ئىشلىتىشتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىمىز؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.

«يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى.» قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسىنىڭ يېڭىباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرئەخمەت ھەسەن مۇنداق دېدى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، جاڭ يەنفاڭ، سۇ لۇپىڭ، گې يوۋجۈن، جاڭ رۇيلىن، خەن چىنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.