تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ماناس ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىما نان باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو ماناس ناھىيەسىدىكى جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھارىقى شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. شىما نان باغچىسىدا، چېن چۈەنگو باغچە رايونى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بازارنى كۆزلەپ، تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىك ناننى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭ نۇڭفۇ بازىسى ماناس يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىخەنزە - ماناس چوڭ كۆۋرۈكىدە، چېن چۈەنگو ماناس دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم ماناس دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېقىن رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

لەنجوۋۋەن بازىرى ئېرداۋشۇۋوزى كەنتىدە، چېن چۈەنگو كەنت ئاھالىسى ياسىننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشچانلىقىمىز ۋە ئەقىل - پاراسىتىمىزگە تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ شېرىن، تېخىمۇ ئۈمىدلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئۇ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىش، ئەمەلىي بېجىرىشنى تاپىلىدى.

چېن چۈەنگو يەنە ماناس بازىرى شىگۇەن مەسچىتىگە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ قالتىس مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي بۇ مۇھىم ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلاپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىشى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە «تۆت تارىخ» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئۇرغۇتۇلغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.