تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشتە قەدەمنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسىدا مەنىسى، شەكلى ئۆزگىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان بىر پارچە ماتېرىيال توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىشنى تەكىتلىدى. مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «بارماق ئۇچى»دىكى يۈكتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاش، كادىرلارغا كۆيۈنۈشتەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە قاتتىق تۇتۇشتا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتەك ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى روشەن تۇرغۇزۇپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدۇ، پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنى.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسى مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيادە كۆپ، زىيادە مۇرەككەپ APP ۋە «مۇردا تۈرىدىكى» «پۇچەك تۈرىدىكى» APPلار، مەجبۇرىي كېڭەيتىش، جۇغلانما نومۇر، رەتكە تۇرغۇزۇشنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئىز قالدۇرۇش، تور خىزمىتى توپىدىكى مەجبۇرىي يوقلىما قىلىش، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش... بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPلىرىدا شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى پەيدا بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىگىلەپ، نۇرغۇن زېھنىي كۈچىنى خورىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق كۆرۈنۈشتە يېڭى ئىپادىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كونا مەسىلە بولۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ جاھىل، قايتىلىنىشچان خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەقىقىي مېھرى بىلەن كۆيۈنۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق كۈچلۈك تۈزىتىلدى. مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتىن تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى، ھەقىقىي يۈكىنى يېنىكلەتتى؛ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تازىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى دەرھال تازىلاپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلاندى؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش، تىزىملىك مۇندەرىجىسىنى تۇرغۇزۇش، كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش ئاساسىدا، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرىنىڭ دائىملاشقان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئېنىقلاش، تۈزەش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە بولغان ئىدىيەۋى تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تېخىمۇ كۆپ يۈكتىن قۇتۇلدى، بىر قىسىم جايلار بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان - تۈزەيدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرى قىسقىلا ۋاقىتتا پەيدا بولغان ئەمەس، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىلتىزىدىن يېنىكلىتىشمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، لېكىن يەنىلا تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە، دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشقا، قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تور كۈچلۈك دۆلىتى مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بىلەن ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ ھەم شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچەش ھەم زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پىروگراممىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا، ئىنچىكىلىشىشىگە، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان جەڭ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ھەم تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرالايدىغان، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدىغان جاسارەت بىلەن، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېگى - تەكتىنى كۆرۈش، ئۈنۈمىنى كۆرۈش، ھەم دائىم تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى غەيرىتىنى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.