تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تەجرىبە، ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلۇپ، مەسىلە - كەمتۈكلۈكلەر تەھلىل قىلىنىپ، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇنۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل پىلانلاپ، پائال يولغا قويۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاڭلىق ئاتلىنىپ، قىزغىن قاتنىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى؛ پائالىيەت ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنىڭ تەدرىجىي ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر - مۇھەببىتىنى، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ساپ قەلبى، چىن ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، غايە - ئېتىقادىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تاۋلايدىغان «بىلەي تاش» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنى ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن بەھرىمەن قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇش كېرەك؛ نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بىر تۈركۈم سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خەلقنى كۆزلەيدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە پايدىلىق بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلققە بىۋاسىتە بەخت يارىتىدىغان بىر تۈركۈم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك؛ خىزمەت تىزىملىكىنى ياخشى تۇتۇپ، ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىپ، ھەقىقىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن مەركىزىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ھوسۇل ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.