□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى بوستان كەنتىدە بېقىلغان بېلىقلار كۆلچەكتىن سۈزۈپ ئېلىنىپ بازارغا سېلىندى. بېلىق بېقىش كۆلچىكىنىڭ يېنىدا، يەتتە - سەككىز جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئوتخور بېلىقنىڭ توردا پىلتىڭلاپ، سۇنى ھەر تەرەپكە چاچرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى مەتروزىنىڭ چىرايىدا مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.
بوستان كەنتىنىڭ كېرىيە ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر، پۈتۈن كەنتتە ئاران 32 ئائىلىلىك 124 كىشى بار. بۇ كەنت كېرىيە دەرياسىغا قوشنا بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، گەرچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن سۇ بايلىقى مول. كەنتنىڭ گەرچە كۆلچەكتە بېلىق بېقىش تارىخى بولسىمۇ، لېكىن سۇ يۈزىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، كۆلەملەشمىگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، پايدا كۆپ ئەمەس ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئەۋەتكەن 1 - شۇجى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بوستان كەنتى ھەر تەرەپتىن ئالاقىلىشىپ، كارخانا ۋە تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، بېلىقچىلىق كەسپىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن لايىھەلەپ پىلانلىدى. ئاخىرىدا، خوتەن ناھىيەسىدىكى 20 نەچچە يىللىق بېلىق بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە بېلىق بېقىش چوڭ ئائىلىسى سۇڭ چۈنيوۋ ئائىلىسى «خېرىدار» بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بوستان كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1 - شۇجى كۇي گاڭ ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى كونا بېلىق كۆلچەكلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى ۋە بىرلەشتۈردى، سۇڭ چۈنيوۋ 4 - 3 مىليون يۈەن مەبلەغنى كۆلچەك ئاستىدىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاش، كۆلچەك توسمىسىنى كېڭەيتىپ مۇستەھكەملەش، باقمىچىلىق رايونىنى ئىلمىي پىلانلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، كەنتتىكى تاشلىنىپ قالغان 468 مو كونا بېلىق بېقىش كۆلچىكىنى ئۆلچەملەشكەن بېلىق بېقىش كۆلچىكىگە ئايلاندۇردى.
6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بوستان كەنتىدىكى بېلىق بېقىش كۆلچىكى بويىدا، سۇڭ چۈنيوۋ بېلىقلارغا يەم بېرىۋاتاتتى، يەم سۇغا سېپىلىشى بىلەن، سانسىزلىغان بېلىق سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىپ، كۆلچەك يۈزىدە بۇژغۇن ھاسىل قىلدى. «مەن كەسپىي ئاپپاراتلارنى سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشكە تەكلىپ قىلدىم، بۇ يەرنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، بېلىق بېقىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ھازىر مەن بەش خىل تۈردىكى بېلىجان سالدىم، مۆلچەرلىشىمچە، يىل ئاخىرىدا 40 توننا تاۋار بېلىق چىقىدۇ.» سۇڭ چۈنيوۋنىڭ دېيىشىچە، تىرىك بېلىق سېتىشتىن باشقا، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۇ يەنە كەنتتە بېلىجان كۆپەيتىش مەركىزى، بېلىق تازىلاش زاۋۇتى ۋە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، باقمىچىلىق، پىششىقلاش، سېتىشتىن تارتىپ تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
كۇي گاڭ مۇنداق ھېسابات قىلدى: ھەر مو بېلىق كۆلچىكىنىڭ يىللىق ھۆددىگە ئېلىش باھاسى 150 يۈەن، بىر يىلدا كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرىدۇ؛ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك كىرىمىنى 200 يۈەن ئاشۇرىدۇ؛ باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى كەنت ئاھالىلىرىگە ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى باقمىچىلىق يېڭى بىلىمى، يېڭى تېخنىكىسىغا ئىگە قىلىپ، كەنتنىڭ بېلىقچىلىقتا سۈپەتنى ئاشۇرۇپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
«كەنت باقمىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەردى» دېدى ئابدۇغېنى مەتروزى ھاياجانلانغان ھالدا. ئىلگىرى، ئۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بېلىق بېقىش ماھىرى بولۇپ، كەنت بويىچە ئۇنىڭ بېلىق كۆلچىكىدىكى بېلىجانلارنىڭ يېتىلىشى ياخشى، پايدىسى يۇقىرى ھېسابلىناتتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ، بىر مو بېلىق بېقىش كۆلچىكىدىن بىر يىلدا قىلىدىغان كىرىمى 500 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.
ئابدۇغېنى مەتروزىنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى ئۇ بېلىجان سالغاندىن كېيىن ئەزەلدىن كۆلچەكنىڭ سۈيىنى ئالماشتۇرمايدىكەن، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىشنى بىلمىگەچكە، بېلىقلار كۆلچەكتىكى قومۇشلارنى يەيدۇ دەپ قارايدىكەن، بېلىقلارنىڭ قورسىقى ئاچتى دەپ ھېس قىلغاندا، ئازراق بېدە ۋە قوناق تاشلاپ بېرەتتىكەن. ھازىر، ئۇ سۇڭ چۈنيوۋدىن ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۈچ بېلىق بېقىش كۆلچىكىدىكى بېلىقلارنى ھەم سېمىز، ھەم يوغان بېقىپتۇ، مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ھەر مو بېلىق بېقىش كۆلچىكىدىن نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئاپتوماتىك يەم سېپىش ماشىنىسى بىلەن سۇڭ چۈنيوۋنىڭ بېلىق بېقىش كۆلچەكلىرىگە يەم سېپىشكە مەسئۇل بولۇپ، بىر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلىدىكەن، ئابدۇغېنى مەتروزى بىر تەرەپتىن پۇل تېپىپ، بىر تەرەپتىن بېلىق بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۆزىنىڭ بېلىق بېقىش كۆلچىكىنى كېڭەيتىپ ياساپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
«باشلامچى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشمۇ تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە بولدى. كۇي گاڭ بوستان كەنتىدە «بېلىقچىلىق +»نى ۋاسىتە قىلىپ، بېلىقچىلىق ساياھىتى، ھېس قىلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، خاس يېمەك - ئىچمەكلەرگىچە كېڭەيتىپ، باش تېمىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ بىلەن ساياھەتنى ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ بېلىق بېقىش كۆلچەكلىرىنى داۋاملىق بىرلەشتۈرۈپ، 1000 مولۇق بېلىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ بېلىقچىلىقتىكى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش كۆزنىكىنى بەرپا قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.