تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئوقۇپ ئەسلىي مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۇيۇشتۇردى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي ئىختىيارىي مۇخبىرلار مېڭ يەنلى، زو شياۋيۈ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۇيۇشتۇردى، ئەينەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 100 يىللىق پارتىيە تارىخىغا سىڭگەن تارىخىي لوگىكا، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كۆپ خىل شەكىلدە چوڭقۇر ئۆگىنىش

ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى، ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى، «كىتاب ئوقۇش سالونى» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېتەكلەپ ئوقۇش، يېتەكلەپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش، مەركەزلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: بىز تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى قىلچە تەۋرەنمەيدىغان غايە - ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، سادىقلىقنى تاۋلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلايدىغان «تۆمۈر توسما»نى قۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ياخشى ئالىدىغان «كەڭ يەلكە»نى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش، سىناق ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شياۋ شېخۇا مۇنداق دېدى: «مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئۆگىنىش مېنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، مەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىنى يەكۈنلەش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى، كۇرستا شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەر كونسۇلتاتسىيە قىلىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش، سىن كۆرۈش، سىناق ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. «ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشۇم يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن قېزىلما بايلىق چارلاپ ئېچىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆتكىلىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە نەپكە ئېرىشتۈرىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ جۈن.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، جەۋھىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش

يېقىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى مەركەزلىك ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئۆگىنىش بىلەن تەتقىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى؛ بەنزە ئەزالىرى يېزا - بازار - مەيدان (كوچا باشقارمىسى)لار، كەنت - ئەترەت(مەھەللە)لەر، زاۋۇت - كان - كارخانىلار، تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى مۇستەھكەملىدى. بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: «بىز كىتاب ئوقۇش كۇرسىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئۆگىنىش شەكلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە باش تېمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەزمۇننى بېيىتىپ، مۇھاكىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۈمىد - ئارزۇسىنى ئەمەلىي تۈر ۋە مەسئۇلىيەتنامىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىمىز، ئۈلگە بولىمىز».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى قاراماينىڭ 60نەچچە يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش - تەرەققىيات تارىخى، ۋەتەن ئۈچۈن نېفىت تەقدىم قىلىش تارىخى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 5 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى يېقىندا نەق مەيدان ئەمەلىيىتىدە ئۆگىنىش شەكلىدە شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئاڭلىغان ۋە مىكرو پارتىيە دەرسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قىزىل بايلىقلاردىن مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، قاراماينىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

خوتەن ۋىلايىتى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم، ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، «پارتىيە تارىخىغا بولغان تونۇش» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان تونۇش»تىن ئىبارەت ئىككى مۇھاكىمە باش تېمىسىغا ئايرىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە سۆھبەتلىشىش، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، كۇرسانتلارنى ئۆگىنىش تەسىراتى، ئۆزى ئېرىشكەن ھاسىلات، خىزمەت ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تەسىرات ئالماشتۇرۇش، تەسىراتىنى ئورتاقلىشىشقا تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ باش تېمىنى مەركەزلەشتۈرۈشى، نەتىجە - ئۈنۈمنى مەركەزلەشتۈرۈشى، يۆنىلىشتىن ئاغماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، رەھبەرلەر لېكسىيە سۆزلەش، كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن «تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى. قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېڭخۇي مۇنداق دېدى: «بىز ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئورگانىك بىرىكىشى ۋە بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك».

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە دەرسى سۆزلەش، پارتىيە دەرسى ئاڭلاش، پارتىيە دەرسىنى باھالاشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلىدى؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ «كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش»، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى «كەڭ كۆلەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش»نى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىر - بىرلەپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

تارباغاتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى مەنىۋى ئوزۇق تولۇقلاش كۇرسى، پارتىيەۋىلىكنى ساپلاشتۇرۇش كۇرسى، ئىستىلنى كۈچەيتىش كۇرسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كۇرسىغا ئايلاندۇردى. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى كىتاب ئوقۇغاندا ئويلىغان، ھېس قىلغانلىرىغا ئاساسەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئۆزى قىلماقچى بولغان بىر كونكرېت ئەمەلىي ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەلىيىتىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سانجى شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ خاۋ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق چاكىرىلىق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، خەلق چاكىرى خىسلىتىمىزنى ساقلاپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.