تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي

ئالتۇن رەڭلىك قۇياش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا نۇر چېچىپ تۇراتتى. مۇقەددىمە زالىدا، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى باش تېما قىلىنغان سىر رەسىمدە نامايان قىلىنغان چوغدەك قىزارغان تاغلار، بوياق بېرىلگەندەك قاتمۇقات ئورمانلاردىن نامايان بولغان ھەيۋەتلىك مەنزىرە ئوخشاشلا توق قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاش ياتقۇزۇلغان يەر يۈزى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ چاقناپ تۇراتتى.

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئەمدىلا پۈتكەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتكە كېلىپ، «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش يولىنى ھېس قىلدى.

ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 147 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى، ئۆزى تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات يېقىندا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيتتە، پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈلۈككە، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولغان پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيى بار بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپە تۇنجى قېتىم ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلىندى.

100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.

كۆرگەزمە زالىغا 2600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 3500 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئەمەلىي بۇيۇم قويۇلغان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيەدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى مول مەزمۇنلۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

بۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل −

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى «ماگۇەن شەرتنامىسى»نىڭ زور سوممىلىق تۆلەم پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن تارقاتقان قەرز پۇل زايومى، دۇنخۇاڭدىكى نوم ساقلاش ئۆڭكۈرىدىن ئوغرىلانغان «جىنگاڭ نومى»، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ھالدا تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان ئاساسىي تەڭسىز شەرتنامە... بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇردى، ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي ھالدا يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى، دۆلەت خەۋپتە قالدى، خەلق كۈلپەتكە ئۇچرىدى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى.

«مانا بۇ <ئەگرى دەستە>لىك پىلىموت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى پىلىموت كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ياپونلار ئالدى بىلەن مىناميوت، تاغ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئاندىن <ئەگرى دەستە>لىك پىلىموت، <سەنبا مىلتىقى> بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى. ئۇ چاغدا بىز ئۇلار بىلەن نەيزە ئىشلىتىپ ئېلىشتۇق، تالاپەتكە ئۇچراش نىسبىتى ئۈچتە بىر، تۆتتە بىر نىسبەتتە بولدى. قورال ياخشى بولمىغاچقا، قۇربان بېرىش زور بولدى».

ماركسىزم خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ئازادلىقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش يولىنى يورۇتتى، شۇنداقلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گۈللىنىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان جۇڭگوغا تاڭ نۇرى ئېلىپ كەلدى.

ماركس، ئېنگېلسنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، ئەينەك كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى ماركسنىڭ «بىريۇسسېل خاتىرىسى» 4 - خاتىرە دەپتىرىنىڭ قول يازمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلار كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىمۇ ياكى ئەسلىي نۇسخىسىمۇ؟» دەپ سورىدى.

قول يازمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاقىدار تارماقلار كۆپ تەرەپتىن توپلىغان ئەسلىي نۇسخا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئۇنداقتا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەن» دېدى.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا بۇ تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالدى.

نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىنىڭ كۆرۈنۈشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مەنزىرە ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 58 پارتىيە ئەزاسىنىڭ تىزىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى پىروگراممىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئىنچىكە ھېس قىلدى.

بۇ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل −

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك، ئەڭ چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئېلىمىزدىكى تۇنجى «خۇڭچى» ماركىلىق ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ، تۇنجى «دۇڭفېڭ» ماركىلىق پىكاپ، قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى ياساش، سەيخەنبانى قۇرۇش... ھەربىر پارچە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، ھەربىر بۆلەك تارىخىي پاكىتلار كىشىلەرنى قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئاشۇ يىللارغا قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى.

پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتتى.

پېچىنە - پىرەنىك ئوراش قەغىزى، ئەينەك گازلىق سۇ بوتۇلكىسى، قاڭالتىر پىرەنىك قۇتىسى، ئېمال ئىدىشى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 -، 80 - يىللىرىدىكى بىر يۈرۈش «كونا بۇيۇملار»نى كۆرسەتكىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدىغاندۇ؟» دېدى.

98 - يىلدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش.» ئەسىر گىرەلىشىش پەيتىدە، «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىندى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردۇق... بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىشلار».

شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل −

«جۇرۇڭ» ناملىق مارس ماشىنىسىنىڭ مودېلى، شەندۇڭ ناملىق كۈرەشچى ئاۋىياماتكا توپى مودېلى، گاۋتيې فۇشىڭ ناملىق تەقلىدىي ھەيدەش بۆلۈمچىسى...جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پات - پات بېشىنى لىڭشىتتى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختاتتى: «ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ماددا ئىچىدە، يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ، يەنىلا قايتا - قايتا سۆزلەش، قايتا - قايتا تۇتۇش كېرەك...»

«سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش كېرەك» دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن.

كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، مەخسۇس بىر «زامان - ماكان تونېلى» لايىھەلەنگەن. چوڭ ئېكراندىكى سۈرەت تەسۋىرىدە 1921 - يىلى، 1949 - يىلى، 1978 - يىلى، 2012 - يىلى، 2020 - يىلىدىن ئىبارەت بەش مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى تاللىنىش ئارقىلىق، چىراغ نۇرلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى داۋامىدا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىسى نامايان قىلىنغانىدى.

3400 مېتىرغا سوزۇلغان كۆرگەزمە لىنىيەسى، بىر يېرىم سائەت ۋاقىت.

ئېكسكۇرسىيە داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېسىپ ئۆتۈلگەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئالدى تەرەپتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سېلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش تارىخى مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

«بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە ئازراق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يۈزەكى ئايلىنىپ كۆرۈشكىمۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. تەپسىلىي كۆرگەندە، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ يېڭىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئىلھام بېرىش، تەربىيە بېرىش ئەھمىيىتى يەنىلا ئىنتايىن زور. بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتە بۇ يەرگە كېلىپ ئۆگەنسەك، ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 6 - قەۋىتىدىكى قىزىل چوڭ زالدا چىراغلار چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك ئىدى.

ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن... كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.» جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى چوڭ زالدا جاراڭلاپ، ياڭراق سادا ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

بۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنىڭ يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىشى، بۇ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشتىكى قايتا ئاتلىنىش.

پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغاندىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغاندىلا، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.