تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يىۋۇ بازىرىنى ئېچىۋېتىش

شيې گاۋخۇا:

خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يىۋۇ بازىرىنى ئېچىۋېتىش

شيې گاۋخۇانىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې يۈنتىڭ

جېجياڭدا سەييارە ئوينىلىۋاتقان ھازىرقى زامان ۋۇجۈ تىياتىرى «يىۋۇدىكى گاۋخۇا» تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دىرامىدىكى باش قەھرىماننىڭ ئەسلىي تىپى بولغان شيې گاۋخۇا ئىلگىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يىۋۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئۇ ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بىرىنچى يۆنىلىش دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە قارىماي، رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يول بويى يايما بازارلىرىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىپ، يىۋۇدىن ئىبارەت يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ، 2018 - يىلى شەرەپ بىلەن «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 2019 - يىلى شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

شيې گاۋخۇا، 1931 - يىلى تۇغۇلغان، جېجياڭ چۈجوۋدىن. 1982 - يىلى 5 - ئايدىن 1984 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە يىۋۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

ئەينى چاغدىكى يىۋۇ «بىر يول، يەتتە چىراغ بولغان، بىر كاناي ئاۋازىنى پۈتۈن ناھىيە بازىرى ئاڭلايدىغان» نامرات ناھىيە ئىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ بولغان يىۋۇ دېھقانلىرى تۈرلۈك قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان، شەھەردە كىچىك كۆلەمدىكى يول بويى يايما بازارلىرى تەدرىجىي ئۆز ئالدىغا شەكىللەنگەن.

يۇقىرىنىڭ تاۋار بازىرى بىلەن شۇغۇللىنىش - شۇغۇللانماسلىق توغرىسىدا تېخى ئېنىق ھۆكۈمى بولمىغاچقا، شۇ جايدىكى بەزى تارماقلار بۇ يول بويى يايما بازارلىرىنى «ھايانكەشلىك قىلغانلىق، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغانلىق» دەپ قاراپ زەربە بەرگەن.

1982 - يىلى 6 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ناھىيە بازىرىدا يايما ئاچسا دائىم ئالاقىدار تارماقلار «قورشىۋالىدىغان» دېھقان ئايال فېڭ ئەيچيەن ناھىيەلىك ئورگان قورۇسى سىرتىدا شيې گاۋخۇانى توسۇۋېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن پۇقرالارنى يايما ئاچقىلى قويمايدىغانلىقىنى سورىغان. ئەينى چاغدا، شيې گاۋخۇانىڭ يىۋۇغا كېلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىگە ئەمدىلا بىر ئايدىن ئاشقان بولۇپ، فېڭ ئەيچيەننىڭ سۆزى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.

شيې گاۋخۇا يىۋۇدىكى ئاممىنىڭ يايما ئېچىش قاتارلىق تىجارەت - سودا ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ھەم ئۆمەك باشلاپ ۋېنجوۋغا بېرىپ تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانسېرى بازارنى جانلاندۇرۇشنىڭ مەركەزنىڭ روھى، پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ يايما بازىرىنى قويۇۋېتىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان.

ئەينى چاغدىكى تارىخىي مۇھىتتا، بازارنى قويۇۋېتىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كادىر مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، غەمگە پاتقانىدى. بۇ ھەقتە شيې گاۋخۇا بىر قېتىملىق ناھىيەلىك ئورگان يىغىنىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار بازىرى ئېچىۋېتىلىدۇ، مەسىلە چىقسا مەن ئىگە!» دېگەن.

1982 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يىۋۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى چوۋچېڭ بازىرىدىكى خۇچىڭمېن ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغان. بىرمەھەل ئەتراپتىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى «قورشىۋېلىنغان» يايمىچىلار خۇددى كەلكۈندەك يىۋۇغا قاراپ ئاققان.

مۇشۇ ئاساستا، يىۋۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يەنە دېھقانلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇش، دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە يول قويۇش، ئۇزۇن يوللۇق توشۇپ سېتىشىغا يول قويۇش، كۆپ يوللار ئارقىلىق رىقابەتلىشىشىگە يول قويۇشتىن ئىبارەت «تۆتكە يول قويۇش» ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر - يېزا ئىقتىسادىنى يەنىمۇ قويۇۋەتكەن.

1984 - يىلى، شيې گاۋخۇا يىۋۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «سودىنى گۈللەندۈرۈپ ناھىيە قۇرۇش»تىن ئىبارەت رايون ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇش، پائال نەتىجە يارىتىش، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەر شارى بويىچە بۇ ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.

شيې گاۋخۇا ئىلگىرى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا، پۇقرالارغا پايدىلىق بولسىلا بولدى، رامكىلارنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك، بۇنىڭ بىز كادىرلارنىڭ پايدا - زىيىنى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەننىلا ئويلايتتىم».

«ئۇ ياراتقان ياخشى سودا مۇھىتى يىۋۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى چوڭ بىر ئاچقۇچ.» شيې گاۋخۇانىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى، جىنخۇا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شوۋچۇن مۇنداق دېدى: شيې گاۋخۇانىڭ نەزەرىدە پەقەت خىزمەتلا بار، خىزمەت ئالاھىدىلىكى − يۇقىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىك يارىتىش. «ئۇ كۈندۈزى %80تىن كۆپرەك ۋاقتىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىشقا سەرپ قىلدى، ھەر كۈنى كەچتە بەش سائەتكە يېقىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىشخانىدا تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈردى، خاتىرە دەپتىرى رەڭگارەڭ ئىزاھاتلار بىلەن توشۇپ كەتتى».

«شيې گاۋخۇا ئۆزىگە يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. يىۋۇ بازىرىنى ئېچىشتىكى تۆھپىكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يىۋۇدا بىرمۇ ئۆيى، بىرمۇ دۇكىنى يوق، ئۇنىڭدا يىۋۇدىكى ھېچقانداق كارخانىنىڭ پاي چېكىمۇ يوق» دېدى ياڭ شوۋچۇن ئەسلەپ.

«يىۋۇ شيې گاۋخۇانى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان خې جيەننۇڭ مۇنداق دېدى: «باي بولىمەن دېسەڭ، يىۋۇغا بار» دېگەن سۆز ئەينى چاغدا ھەرقايسى جايلاردىكى تەمىنات - سودا خادىملىرى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالغان. شيې گاۋخۇانىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ پائال نەتىجە يارىتىش روھى كېيىن يىۋۇنىڭ ھەر نۆۋەتلىك بەنزىسىنىڭ كۈچ ئۇلاپ ئىزدىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا مەدەت بولۇپ، بۈگۈنكى يىۋۇ بازىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1995 - يىلى شيې گاۋخۇا چۈجوۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققان. بېيىغان يىۋۇ پۇقرالىرىمۇ ئۇنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمىغان، 1995 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەپ، يىۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، بالاڭگۇ دۇمبىقى چېلىپ شيې شۇجىنىڭ «ئۆيگە قايتىشى»نى قارشى ئالغان.

«ئۇ ئىسلاھات روھى ئارقىلىق بازارنى جانلاندۇرۇشتىكى ئاۋانگارت بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، چۈجوۋغا رىشتە باغلىدى.» شيې گاۋخۇا 2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، خاڭجوۋدا 88 يېشىدا ۋاپات بولدى. تەزىيە زالى نەق مەيدانىدىكى بۇ تەزىيەنامىگە شيې گاۋخۇانىڭ ھاياتى يىغىنچاقلانغانىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.