جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئالاھىدە پىروگراممىسى
«بۈگۈنكى جۇڭگو − شىنجاڭ سەھىپىسى» «مانا بۇ جۇڭگو − شىنجاڭ سەھىپىسى» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كۆرسىتىلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئالاھىدە پىروگراممىسى «بۈگۈنكى جۇڭگو − شىنجاڭ سەھىپىسى» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 10دا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىنى ھەمدە شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «ئانار بۇلۇت» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى، ئۈرۈمچى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاخبارات تور پونكىتلىرى، يېڭى تاراتقۇ ئابۇنىچىلار تېرمىناللىرى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، پىروگراممىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى سائەت بولۇپ، مەزمۇنى نۇقتىلىق ھالدا «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ قاتلامدىن ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىدىكەن. جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا كۆپ يول بويىچە تارقالغان مۇخبىرلار يۈرۈش شەكلىدىكى بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىش ئارقىلىق، كۆرگۈچىلەرنى قىزىل ئىزنالارنى ئىزدەشكە، گۈزەل شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىشقا، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى شۇ كۈنى سائەت 14تە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە يەرلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارەت» «مانا بۇ جۇڭگو − شىنجاڭ سەھىپىسى»نى ئالاھىدە بىۋاسىتە ئاڭلىتىدۇ، بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن بىر سائەت بولۇپ، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى رادىيو سۇپىلىرىمۇ ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە رادىيوسى، قازاقچە رادىيوسىمۇ شۇ كۈندىكى «ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» پىروگراممىسىدا ئالاھىدە بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىنى ئاڭلىتىدۇ.