تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدىكى بىر كىيىم - كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى كارخانىسىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدىكى شىنمېي دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ۋە خوتەن ناھىيەسىدىكى ياڭاق سودا بازىرىغا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن كارخانىلارنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى، لوپ ناھىيەلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسى ۋە خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى ئاياغچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق جايلاردا چېن چۈەنگو ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائاش كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپ گۈللەنسە ئاندىن ئاممىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشىدۇ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا كىرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى. قىممەتلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، تارىخىي سۈرەتلەر ئالدىدا چېن چۈەنگو پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قۇربان تاغىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك. چېن چۈەنگو يەنە بۇ يەردە مەخسۇس تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت پىيونېرلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى لەنتيەن يەسلىسىدە ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. چېن چۈەنگو بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش، تەمىنات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارغا مۇنداق تاپىلىدى: بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تىرىشىپ ياخشى يېتىشتۈرۈش كېرەك. زاۋا بازىرى كۆتەكئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدىرېيىم ئابباسنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەندە، چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى گۈلباغ مەسچىتىگە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ خوتەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خوتەن خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى قەتئىي بوشاشماي ئاشۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. بىخەتەر، مۇقىم بولغان ياخشى مۇھىتنى كۈچەپ يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك؛ خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش كېرەك؛ خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

كېرىيە ناھىيەسىدە چېن چۈەنگو يەنە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. ھويلىغا كىرىپلا چېن چۈەنگو خۇشال ھالدا: «مەن ئۆيۈمنى يوقلاپ كەلدىم» دېدى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.