تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىسلاھات روھى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ يولىنى يورۇتتى

يۈەن گېڭ:

​ئىسلاھات روھى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ يولىنى يورۇتتى

يۈەن گېڭنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي

«ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھايات دېمەكتۇر.» شېنجېن شېكوۋدىكى ۋېيبو تېغى ئېتىكىگە تىكلەنگەن بۇ مەشھۇر شوئار كىشىگە ئىسلاھات ئاۋانگارتى يۈەن گېڭنى ئەسلىتىدۇ.

يۈەن گېڭ، 1917 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ باۋئەندىن. 1938 - يىلى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، 1939 - يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شۇ يىلى خۇيباۋ خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتنىشىپ، دۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە شياڭگاڭ - جيۇلۇڭ رايونىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلار ئەترىتى دۇڭجياڭ زۇڭدۈيىنىڭ ھەربىي يېتەكچىسى، ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، شياڭگاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى، 4 - دالا ئارمىيەسى توپچىلار تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان. 1949 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان.

1978 - يىلى، يۈەن گېڭ سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش مۇدىرى بولغان، ئارقىدىن شېنجېندا شېكوۋ سانائەت رايونىنى قۇرغان ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈستىدە بىر قاتار ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، «جۇڭگوچە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ دەسلەپكى شەكلى»نى بەرپا قىلغان.

«شۇ چاغدىكى شېكوۋ ھەقىقەتەن نامرات، چەت جاي ئىدى، تاتلىق سۇ چىقىدىغان ئىككىلا قۇدۇق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتال ئاساسى ناھايىتى ئاجىز ئىدى» دېدى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى لياڭ شيەن ئەسلەپ.

دەل مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتا، شۇ چاغدىكى شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ مەسئۇلى يۈەن گېڭ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ»، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ «تاغ ئېچىش زەمبىرىكى»نى ئاتقان.

1979 - يىلى 8 - ئايدا، شېكوۋ سانائەت رايونىدىكى تۇنجى قۇرۇلۇش شېكوۋ پورتى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان. يۈەن گېڭ ئىجادىي ھالدا داش قازاننى چېقىپ تاشلاپ، نورما بەلگىلەپ، نورمىدىن ئاشۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاچقا، ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېز ئالغا سىلجىتىلغان. مائاش - مۇكاپاتنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن چېكى بولماسلىق ئۇسۇلى تەدرىجىي ھالدا جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدىكى كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان مۇھىم رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىغا ئايلانغان.

دەل يۈەن گېڭنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، شېكوۋدا قىسقىغىنا نەچچە يىلدا «داش قازان»نى چېقىپ تاشلاشتىن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقىچە، تۇرالغۇنى تاۋارلاشتۇرۇشتىن يەنە مەملىكەت بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىشقىچە بولغان بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھاتلار قوزغىتىلغان.

1984 - يىلى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، «ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھايات دېمەكتۇر» دېگەن شوئار يېزىلغان شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ بېزەكلىك ئاپتوموبىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەن.

ۋەنكې گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ شى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: 1983 - يىلى مەن شېنجېنغا بارغان دەسلەپكى مەزگىلدە «نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلمەيتتىم»، يۈەن گېڭنىڭ «ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھايات دېمەكتۇر» دېگەن شوئارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىم قوزغالدى.

سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى ما يۈخۇا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر «ۋاقىت پۇل دېمەكتۇر، ئۈنۈم ھايات دېمەكتۇر» دېگەن بۇ ياڭراق شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسا ھەم مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان نەچچە ئون تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى بولمىغان بولسا، ئەينى يىلى شېنجېندا سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، ئامانلىق سۇغۇرتىسى، خۇاۋېي شىركىتى، ۋەنكې شىركىتى قاتارلىق كېيىنكى كۈنلەردە ئەلا سۈپەتلىك بازارلاشقان گېنى بارلىقى ئىسپاتلانغان بىر تۈركۈم كارخانىلار بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.

لياڭ شيەننىڭ قارىشىچە، بۇ كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا «ئاچقۇچ شۇكى، ئۇلار دەسلەپتىلا زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى يولغا قويغان».

شېكوۋ سانائەت رايونىنىڭ ئىزدىنىشنى باشلىشى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.

40 نەچچە يىلدىن بۇيان، چېگرا رايوندىكى قالاق، كىچىك بازار تەرەققىي قىلىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، شېنجېننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1980 - يىلىدىكى 270 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 2 تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئاسىيادىكى شەھەرلەر ئىچىدە 5 - ئورۇنغا ئۆتتى.

پۈتۈن يەرشارىدىكى 4000دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى ئېدىتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى شېنجېننى «بىر قانچە مۇۋەپپەقىيەت ئۈلگىسى ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بىرى» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈەن گېڭ دائىم شوپۇرغا ئۆزىنى شېكوۋ پورت رايونى، چىۋەن پورت رايونى ۋە ماۋەن پورت رايونىنى يول بويلاپ ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ كېلىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ بۇنىڭدىن خۇشاللىناتتى ۋە مەمنۇن بولاتتى.

2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، يۈەن گېڭ كېسەل سەۋەبىدىن 99 يېشىدا ۋاپات بولدى. 2018 - يىلى، يۈەن گېڭغا شەرەپ بىلەن «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» دەپ نام بېرىلدى؛ 2019 - يىلى، شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دەپ شەرەپ نامى بېرىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.