□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
تەرەققىيات − قاتتىق داۋلى، ئىسلاھات − قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «ئىسلاھات - تەرەققىيات سەپىرى» باش تېمىسىدىكى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە 5 - قىسىمدىكى خەۋەر قىلىشتا، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، غەربكە قاراپ مېڭىپ قورغاسقا يېتىپ بېرىپ، يۇغۇرما خەۋەر قىلىش شەكلى ئارقىلىق، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان، تەرەققىيات كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان گۈزەل شىنجاڭنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى.
دەريا - ئېقىنلارنىڭ تىك يارلارنى غۇلىتىپ، ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سانسىز جىلغىلاردا قايتما ئېقىن ھاسىل قىلىش جەريانىدا تەڭداشسىز زور كۈچ توپلىغانلىقىدا. دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقىنىڭ بېيىش، قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. قورغاس پورتى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يولى، بۇ يەردە، تۈرلۈك كەسىپلەر تېز توپلىنىپ، تىرىشىپ «يول ئىقتىسادى»نىڭ «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا ھەم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولماقتا. يول بويى بىز شۇنى كۆردۇقكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مەۋج ئۇرغان ئىسلاھات چوڭ دولقۇنىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولماقتا.
تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئىسلاھات ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنىڭ بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا، قالاقلىقتىن يۈكسىلىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى بەخت مەخپىي شىفىرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، دەرياغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش جاسارىتى بىلەن، ئىسلاھات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ تېزدىن يولغا قويۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى... بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقى تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»ىدا ماڭدى، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى شىنجاڭدا ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى، يېزىلاردا 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختىلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىسلاھات - تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدا ھەممە يەرگە تارقىلىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇ، شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى، كىشىلەر قەلبىنىڭ پارتىيەگە تەلپۈنگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ، ئىسلاھات يەنە يېڭى بىر پەيتكە توغرا كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشتە ئەۋزەللىك ۋە ئىشەنچكە ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «قوش ئايلىنىش»لىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش ئۈچۈن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ھاياتىي كۈچ قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى يارىتىپ، ئىستېمالنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، بوشلۇق كېڭەيتىپ، جاسارەت بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھەربىر كىشىگە باغلىق، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىز يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە ئىلگىرىلەۋاتىمىز، ۋەزىپىلەرنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، خەتەرلىك ساھىللاردىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئارزۇيىمىزنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز تىرىشىپ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى»، قەتئىي ئىرادىلىك «ئېتىقادچى»، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق «بوز يەر ئاچقۇچى كالا»، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان «ئەمەلىي ئىشلىگۈچى»لەردىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتا يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتايلى.