تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يوللار راۋانلىشىپ، كەسىپلەر گۈللەندى قەدەم پۇختا، تېز بولدى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، كاڭ خاۋيەن

تومۇز ئىسسىقتا، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئىسلاھات - تەرەققىيات سەپىرى باشلاندى. 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ، سانجى، شىخو، بورتالادىن ئۆتۈپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئەڭ غەربىي ئۇچىدىكى قورغاسقا بېرىپ، يول بويى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى ماتېرىيال ياساش سودىگەرلىرىدىن، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن ماكانلاشقان كارخانىلارغىچە، يەنە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەنگەن پورت شەھەرلىرىگىچە... بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەھەرلەر توپىنى تۇتاشتۇردى، سودىگەرلەر توپلاشقان، كەسىپلەر گۈللەنگەن بولۇشتەك گۈللىنىش گۈزەل يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

ئەشيا ئوبوروتى راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولدى

6 - ئاي كىرىشى بىلەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدىكى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسى، جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئايرىپ تارقىتىش مەركىزى دەل مۇشۇ ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىدا. ھەر كۈنى تەرەپ - تەرەپكە قاتنايدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پوسۇلكىلارنى بۇ يەرگە توپلايدۇ، ئاپتوماتلاشقان ئايرىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاندىن دەل جايىدا مەنزىلگە تارقىتىپ يەتكۈزۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى زور مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە توشۇلىدۇ.

«6 - ئايدىن بۇيان، بىز ئۇلاپ يەتكۈزىدىغان پوسۇلكىلارنىڭ سانى ئادەتتىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشتى. بۇ پوسۇلكىلار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىغا تايىنىپ، تېز سۈرئەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۈن لىمىن.

سانجى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ بىر ئەزاسىىغا تەۋە. خەرىتىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۈرۈمچى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. گىرەلىشىپ كەتكەن تاشيول تورى خۇددى قان تومۇرغا ئوخشاش ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۇ شەھەرلەر توپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يۈك ئاپتوموبىللىرى تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى قاچىلاپ، شەھەرلەر ئارىسىدا تەرەققىيات ئوزۇقلۇقىنى يەتكۈزمەكتە.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇ شەھەرلەر يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 300 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2015 - يىلىدىكى 233 مىليارد 80 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 350 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئاشتى؛ سانجى ئوبلاستىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 94 مىليارد 34 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 138 مىليارد 725 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.3 ئاشتى؛ ئىلى ئوبلاستىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 149 مىليارد 550 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 230 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.6 ئاشتى...

بىر قاتار ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، كەسىپ ئاساسى پۇختا بولغان تەرەققىيات رايونى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ سىجىل ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا چوقۇم يېڭى قالتىس نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى نامايان بولدى

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىخو شەھىرىدە، كەيسەي بىيوتېخنىكا(شىخو) شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىيو پېنتادى ئامىن، پولى ئامىد ۋە پولىئېستېر ئامىد ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى، بۇ يېڭى ماتېرىياللار دۆلىتىمىز بىيوتېخنىكىسىنىڭ سانائەت ۋە ماتېرىيال ساھەسىدىكى يېڭى بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. پولى ئامىد مەھسۇلاتلىرىنى توقۇمىچىلىق، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون، ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

«بىزنىڭ شىخوغا ماكانلىشىشنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، قاتناش تورى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان ئەۋزەل شارائىتنى كۆزلىگەنلىكىمىزدە، يەنە بىر تەرەپتىن، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىدە. شىخو كۈيتۈن، مايتاغ بىلەن قوشنا، بىز ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان كۆپ قىسىم خام ماتېرىيال ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايدۇ» دېدى كەيسەي بىيوتېخنىكا (شىخو) شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خۇڭبو.

كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى قاتارلىقلار شىخودا تۇتىشىدۇ. شىخونىڭ ئون مىنۇتلۇق ئىقتىساد چەمبىرىكى مايتاغ - كۈيتۈن - شىخو شەھەرلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككى سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ناھىيە - شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۆت سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكىدە قورغاس، باقتۇ، ئالاتاۋ، دولاتا، جېمىنەيدىن ئىبارەت بەش پورت بار.

ۋاڭ خۇڭبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەتنىڭ تۆۋەن ئېقىن خېرىدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت ئاساسى بىرقەدەر كۈچلۈك ئۆلكىلەرگە تارقالغان. بازارلاشتۇرۇپ كېڭەيتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىخونىڭ قاتناش تورى تېز، مەھسۇلاتلارنى توشۇش ئىنتايىن قولايلىق.

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا، جېڭۋېي شىنجاڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يۇقىرى سىپتىلىقتىكى كابېل ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا يىلىغا 100 مىڭ توننا سىپتا مىس سىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەرتىپلىك يۈرۈشۈۋاتاتتى.

بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا، بىر مىس پارچىسى پىششىقلانغاندىن كېيىن، دىيامېتىرى 1.76 مىللىمېتىردىن 3.0 مىللىمېتىرغىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان مىس سىملارغا ئايلىنىدۇ. 70 نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قۇيۇپ، ئارقا - ئارقىدىن پىروكاتلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ مىس سىملارنىڭ شەكلى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىلىپ، نانومېتىرلىق مىس سىم قىلىپ پىششىقلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرون ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ھەتتا ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە نازۇك ئەسۋابلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ غەربكە ماڭغاندا كەيسەي بىيوتېخنىكىسى، جېڭۋېي يېڭى ماتېرىياللىرىغا ئوخشاش كارخانىلار ناھايىتى كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقچىلىقى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن ماكانلىشىپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى لىنىيە بويىدىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى تېز نامايان بولدى.

غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلىتىلدى

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شەرقتە ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە قورغاس شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم قاتناش يولى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم يول.

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قورغاس شەھىرىدە مەلۇم تاشقى سودا پىششىقلاش كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان پىنتوزا، ئىنچىكە پىنتوزا، گازىر قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، بۇ ماللار قورغاس پورتىغا يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا توشۇلىدۇ.

2012 - يىلى، باش ئىشتابى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان بۇ كارخانا قورغاستا مەبلەغ سېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. «بىز قورغاستا پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلساق، توشۇش ھەققىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تېجەپ قالالايمىز» دېدى بۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى لياڭ فېڭ.

ئۆزىنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتىدىن باشقا، بۇ كارخانا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاكالىتەن ئېكسپورت قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ماللارنىڭ كۆپ قىسمى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئارقىلىق قورغاسقا توشۇلىدۇ.

«قورغاسنىڭ ئالمائاتا بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ. مۇشۇ يىللاردا، بىز ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا تايىنىپ قورغاسقا مال ماڭدۇرۇپ، ئاندىن يەنە قورغاستىن ئالمائاتاغا توشۇپ يەتكۈزدۇق، قولاي قاتناش بىزنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى» دېدى لياڭ فېڭ.

بورتالا شەھىرىگە جايلاشقان مەلۇم يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىمۇ تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويدى. «بىر قېتىملىق يەرمەنكىدە، بىز ئوتتۇرا ئاسىيالىق خېرىدارنىڭ زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ئىگىلەش ئارقىلىق، بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بورتالادا زاۋۇت قۇردۇق، 2020 - يىلى مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. نۆۋەتتىكى زاكاز مىقدارىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەن بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق» دېدى بۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى لو گۇييوۋ.

بېيىش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 5500 كىلومېتىردىن ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئاساسىي رامكىسى شەكىللىنىپ بولدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان قاتناش يول تورىغا تايىنىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.