تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سودا ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىسادنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى خەلق ئىگىلىكىدىكى ئاساس خاراكتېرلىك ۋە باشلامچى خاراكتېرلىك كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان قاتناش تورىغا تايىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى «چوڭ يولى»نى ياخشى قۇرۇش بىلەن بىللە، زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى پەيدىنپەي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

غول سىستېما تەدرىجىي شەكىللەندى

«بۇ، شىنجاڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسىدىن توقۇلغان رەخت، كۆپچىلىك سىلاپ بېقىڭلار، يېنىك، نېپىز، يۇمشاق، راھەتمىكەن...» 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، نىڭبو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ شيېيى توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يى جىڭ مېھمان سودىگەرلەرنى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

«شىركەتنىڭ ھازىر 350 مىڭ ئۇرچۇقى ھەم 1050 گاز پۈركۈپ رەخت توقۇش ماشىنىسى بار، يىلىغا 150 مىليون مېتىر يېرىم پىششىقلانغان رەخت ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتلار ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ يىلقى زاكاز 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىزىلىپ بولدى.» يى جىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ بازارنى داۋاملىق كېڭەيتمەكچى.

«ھازىر، بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ كۆرگەزمىلەردە جانلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مېھمان سودىگەرلەرگە كارخانىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى باش تېمىلىق كۆرگەزمىلەر شىنجاڭ كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەت ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، شۇ ئارقىلىق سېتىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

2015 - يىلى چىقىرىلغان «شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2015 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يىپەك يولى سودا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي چوڭ يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىدار رايونى يېتىلدۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزا تەقسىملەش - يەتكۈزۈش تورى، ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە تورى، سودا ۋە ئۇچۇر سۇپىسى تورى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان سودا ئەشيا ئوبوروتى تور سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھالقىش دەرىجىسى زور، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئىستېرېئولۇق، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى غول سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر يادرو، توققۇز رايون، كۆپ تۈگۈن»لۈك سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ بوشلۇق جەھەتتىكى جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى سودا ئەشيا ئوبوروتى يادرولۇق چەمبىرىكىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلى - بورتالا، ئالتاي - بېيتۈن قاتارلىق توققۇز سودا كەسپى توپلاشقان رايوننىڭ ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تۈگۈن شەھەرلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇش ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى بويىچە ئايرىپ تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرىدۇ.

كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

ھەر كۈنى خۇڭفېڭ چوڭ بازىرىنى ئايلىنىش كورلا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ لىرۇڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. «بۇ يەردە نەرسە - كېرەكلەر مول، ئۆيىمىزگىمۇ يېقىن، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش بەك قولايلىق» دېدى ۋاڭ لىرۇڭ.

2018 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، كورلا شەھىرى خۇڭفېڭ يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى جۇڭگوچە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئاساس قىلىنغان بىنادىن بەشنى سېلىپ، «ئەنئەنىۋى بازار» مەنزىرىسى شەكىللەندۈرۈپ، خۇڭفېڭ يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى «يولدىكى بازار»دىن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بازارغا ئۆستۈرۈپ، 200گە يېقىن سودىگەرنى بۇ يەردە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

«بازارنى ئۆزگەرتىش ئاممىنى ئازادە، قولايلىق ئىستېمال مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە سودىگەرلەرنىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، ھازىر مەن ھەر ئايدا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن، تىجارەت كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن» دېدى خۇڭفېڭ چوڭ بازىرىدىكى سودىگەر يۈ جىخۇڭ.

پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا نەزەر سالساق، كۆلىمى چوڭ، دەرىجىسى يۇقىرى، كەسىپ ھالىتى يېڭى، ئىقتىدارى تولۇق بولغان بىر تۈركۈم سودا تور نۇقتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تېكەس ناھىيەسىدىكى لىجيې مىللىي ئۆرپ - ئادەت پىيادىلەر كوچىسى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى بىڭخې پىيادىلەر كوچىسى قاتارلىق 13 كوچا رايونى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىناق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ھەرقايسى جايلار يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالەتلىرىنى نۇقتىلىق يېتىلدۈردى، بۇ، شەھەر ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئوبوروت سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى. 2019 - يىلى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 361 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016 - يىلىدىكىدىن 56 مىليارد 180 مىليون يۈەن ئاشتى. تىجارەت - سودا مۇھىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا جەمئىي ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 2 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدىكىدىن %26 ئاشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئوبوروتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئوبوروت تورىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى(كۆكتات بازىرى)نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋار سودا بازارلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت تەمىنلەش زەنجىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەر، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى داۋاملىق ئومۇملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسى قۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرى تېخنىكىسى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى

ئەنئەنىۋى سودا ئوبوروتى كەسپى بىلەن «ئالاقە تورى +»نىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى شەھەر تۇرمۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تۈرلۈك يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى تىجارەت شەكىللىرى بارلىققا كەلدى.

2017 - يىلى قۇرۇلغان كۇچا شەھىرى ۋېيۋېي تېز يەتكۈزۈش - ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار، توردا تاماق بۇيرۇتۇش قاتارلىق توردا، تور سىرتىدا سېتىشنى يولغا قويدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن نەپ ئالغاچقا، بۇ سۇپا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. «ھازىر سۇپىنىڭ ئايلىق سېتىش سوممىسى 3 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەۋقەنى يەرلىكتىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئولتۇراق رايونلارغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. يەنە چوڭ تىپتىكى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز» دېدى بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىڭ چىجىن تونۇشتۇرۇپ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش، «ئېلېكتىرونلۇق سودىدا قوش ئۈلگە كۆرسىتىش سىستېمىسى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاسىتە قىلىپ، تور ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى گەۋدىلەندۈردى. ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى «كىچىك ھەم گۈزەل» تور يېڭى سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىشقا يېتەكلىگەچكە، شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى كۆپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توردا ئالقىشلانغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن جەمئىي تۆتى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسىدىن بەشى تەستىقلاندى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا كىرىپ ماكانلاشقان كارخانا 4000دىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 324 ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ۋە 183 سۈپەتلىك ماركا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلۈپ، «ئالاقە تورى + يېمەكلىك كەسىپ زەنجىرى» قاتارلىق بەش خىل يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى» قاتارلىق 11 خىل خاس ئەندىزە بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى بەرپا قىلىندى. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى(شەھىرى)دىن جەمئىي 51ى تەستىقلاندى؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تۇتقا قىلىنىپ، يېزا دەرىجىلىك، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىت، نۇقتىسى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا تىرەك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، يېزا (بازار)، كەنت دەرىجىلىك پونكىت، نۇقتا 3000دىن ئېشىپ، پونكىت، نۇقتىلار پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.