تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا شەھەردىكى ئايال مەھبۇسلار

ھېكايىلەر توپلىمى (17)

تۈرمىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاياللار كامېرىدىكى يولداشلار ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تۈرمىنى مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ، تۈرمىدىكى كۈرەشنى قانات يايدۇردى. □ مېڭ ياڭ سىزغان

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

«... جۇ دەنخۇانى ئەسلەپ، پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ تۇنجى ياچېيكىنى قۇرۇش؛ ...» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە يۇقىرىقى مىسرالار ئويۇلغان بىر ئابىدە بار. 1938 - يىلى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى جۇ دەنخۇا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاساسى − دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەلىم - تەربىيە مۇدىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئىنقىلاب چوغىنى چاچقان.

1938 - يىلىدىن باشلاپ، شېڭ شىسەينىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تاللاپ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇ دەنخۇا قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئايال كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى. ئۇلار ئاخبارات، مائارىپ، مالىيە قاتارلىق تارماقلاردا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل بولۇش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مايىل بولۇش ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، تۈرلۈك ناملار بىلەن شىنجاڭدىكى كوممۇنىستلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى نەزەربەند قىلغان، قاماپ قويغان. 4 - تۈرمىگە قامالغان ئايال يولداشلارنىڭ بالىلىرى يېنىدا بولۇپ، تۈرمىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆگىنىش ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تۈرمىنى مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ، تۈرمىدە كۈرەشنى قانات يايدۇرغان.

«بىز كۆكىرىپ قالغان مومىنى يېمەيمىز!» ئاياللار كامېرىدا بىر كۈندە ئىككى ۋاقلا تاماق بولۇپ، يەيدىغىنى ئازراقمۇ ياغ قوشۇلمىغان سېسىغان بەسەي شورپىسى ۋە قۇم ئارىلاشتۇرۇپ ئېتىلگەن كۆكىرىپ قالغان موما ئىدى، شۇڭا بالىلار دائىم ئاغرىپ قالاتتى. ئاياللار كامېرىدىكى چوڭلار ۋە بالىلار بىر كېچە - كۈندۈز يېمەي - ئىچمەي، ئاچلىق ئېلان قىلىش كۈرىشى ئارقىلىق داۋالاش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش مەدەنىيەت كۇرسى قاتارلىقلارنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان، تۈرمە تەرەپ ئاخىرى ئاياللار كامېرىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، كېچىلەپ مىفەن يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش مەدەنىيەت كۇرسىمۇ ئېچىلغان. ئايال يولداشلار نۆۋەت بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بالىلارغا ھېساب دەرسى ئۆتۈپ، خەت ئۆگىتىپ ۋە ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، تۈرمىدىكى ئالاھىدە مۇھىتتا ئىنقىلابىي ئەۋلادلارنى تەربىيەلىگەن.

تۈرمىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، شەرتسىز قويۇپ بېرىپ يەنئەنگە قايتۇرۇشنى كوللېكتىپ تەلەپ قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق كوممۇنىستلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرغان. ئاياللار كامېرىدىكى يولداشلارنىڭ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، تۈرمە تەرەپ چاغان، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا قاماقتىكى ئەر يولداشلارغا يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئاياللار كامېرىدىكى يولداشلار تۈرمىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق ئەرلەر كامېرىدىكى بارلىق يولداشلارنىڭ تىزىملىكىگە ئېرىشىپ، ھېيت - بايرام ئۆتكۈزگەندە ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلىرىنى سېتىپ، يېمەكلىككە ئالماشتۇرۇپ، ئادەم سانى بويىچە تۈرمىدىكى ئەر سەپداشلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا زور ئىلھام بەرگەن.

بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، جۇ دەنخۇا دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلغار ياش جاڭ يۈجېن بىلەن ئالاقە ئورناتقان. جاڭ يۈجېننىڭ يەنئەنگە بېرىش ئويى بارلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جۇ دەنخۇا ۋە ئاياللار كامېردىكى باشقا بىر نەچچە يولداش قولغا ئېلىنغان بارلىق يولداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى شىلىم بىلەن بىر پارچە ئاق رەختكە يېزىپ، جاڭ يۈجېننىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە ھاۋالە قىلغان. گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، بۇ تىزىملىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گومىنداڭدىن ئادەم تەلەپ قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولغان.

1944 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، دۈشمەنلەر تۈرمىدىكى كوممۇنىستلارنى ئۈچ قېتىم ئومۇميۈزلۈك سوراق قىلغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك سوراقتا، دۈشمەنلەر جۇ دەنخۇادىن: «سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن (كوممۇنىزم ئۈچۈن) قۇربان بېرىشنى خالامسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ مەردانىلىك بىلەن: «مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاداققىچە قۇربان بېرىشنى، يەنى كوممۇنىزم ئۈچۈن ئاداققىچە قۇربان بېرىشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. بىر قېتىم 15 كوممۇنىستنى سوراق قىلغاندا، ئۇلار ئارىسىدا پەقەت شېن لىڭ بىرەيلەنلا ئايال يولداش ئىدى. دۈشمەنلەر ئايال يولداشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاسان دەپ ئويلاپ، خائىن ليۇ شىپىڭنى ئىشقا سېلىپ شېن لىڭنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن. ئويلىمىغان يەردىن ليۇ شىپىڭ ئېغىز ئېچىشى بىلەنلا شېن لىڭ ئۇنى تىللاپ ئاغزى - بۇرنىغىچە تويغۇزۇۋەتكەن. دۈشمەنلەر قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، تەھدىت سېلىپ، ئازدۇرۇپ، تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئايال كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى قىلچە تەۋرىنىپ قالمىغان، ئۇلار ئىنقىلابچىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قەيسەرانە كۈرەش قىلىش روھى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ كۆپ قېتىملىق سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قۇتقۇزۇشى نەتىجىسىدە، «ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، كوللېكتىپ يەنئەنگە قايتىش»تەك قەتئىي ئىشەنچنى قەلبىگە پۈككەن تۈرمىدىكى كوممۇنىستلار ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغان. 1946 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، چوڭلار، بالىلار لىق ئولتۇرغان ئون يۈك ئاپتوموبىلى دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دىن ئايرىلىپ، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.