قىزىلسۇ ئوبلاستى:
خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ پېڭ
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تۇتۇش، خاس كەسىپلەرنى تۇتۇش، ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى تۇتۇشقا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى. «بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، <ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى>نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، <ئون تۈرلۈك خەلق ئۈچۈن قىلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي ئىش>نى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق» دېدى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ شىنگاڭ مۇخبىرلارغا.
يېڭى دېھقانلارنى تەربىيەلەش يېڭى يېزا قۇرۇش
«بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ھەم ئاساس نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە، ھەم ئەمەلىي يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، مېنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىشىمدا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە مەكتىپىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى يۇقىرى ساپا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى سۇنتاغ كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇسالام ئېزىز ھاياجانلانغان ھالدا.
بۇ يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەتكە ماھىر ھەم يېزىدا يىلتىز تارتىپ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مول ئىلمىي تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق باشقا دېھقانلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ، تېخنىكا يەتكۈزۈپ، ئۈلگە كۆرسىتەلەيدۇ.
يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلىرى تىرىكى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستى يەنە يېزا ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرىنى يېتىشتۈردى. بولۇپمۇ كەسپىي ئورۇنلاردىكى تېخنىك خادىملارغا يۈزلەنگەن ئۇنۋان باھالاش سىستېمىسىنى يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارغىچە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىنى ئۇرغۇتتى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى 1004 قارار قانات يايدۇردى، تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار جەمئىي 39 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولدى.
يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش يېڭى تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش
ئىقتىسادىي تەرەققىيات كەسىپكە تايىنىدۇ، كەسىپ گۈللەنمىسە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ.
ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى تاقۇت كەنتى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ زاۋۇت ئۆيىگە كىرگەندە، 1000 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق ئازادە زاۋۇت ئۆيىدە جىڭغا سېلىنىپ، يەشىكلەرگە قاچىلىنىۋاتاتتى. ياڭاقلارنىڭ ئوراپ قاچىلىنىپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەركىن ئابلىزنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.
تاقۇت كەنتى خاس باغ - ئورمان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياڭاق سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بارغانسېرى كۆپ ئامما ياڭاققا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. تاقۇت كەنتى يەنە جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ياڭاق سېتىش زاكاز كېلىشىمى ئىمزالاپ، زاكازلىق سېتىۋېلىش، دەرىجىگە ئايرىپ سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
تاقۇت كەنتى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2019 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان تاقۇت كەنتى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا ئۈچ كارخانا ماكانلاشتى.
«ھازىر مەن ھەر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالىمەن» دېدى بۇ بازىغا جايلاشقان بو يى خۇرۇم پەلەي پىششىقلاش زاۋۇتىغا كىرگەندە، خىزمەتچى سائەتگۈل كېرەم ئالدىراش پەلەي تىككەچ.
تاقۇت كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كەسىپلەرنىڭ تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
يېڭى ئولتۇراق رايون قۇرۇش يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش
ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىنىڭ مەركەزلىك تۇتاش نۇقتىسىدا، يېڭىدىن سېلىنغان قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.
6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەردىلا شاكىر كېرىماخۇننىڭ خوتۇنى ئۆي تازىلاشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ ھەر كۈنى ناشتىدىن كېيىن قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ئىدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىدە بىز ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، بەختلىك ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى بىز بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق.» شاكىر ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«قىزىلسۇ ئوبلاستى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت، دېھقان ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قىزىلسۇ ئوبلاستىچە خاسلىققا ئىگە بولغان، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم كەنت - بازارلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى كەنت - بازار بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئاۋ شىن.