شىنجاڭ بەش يىلدا 28 مىليون 375 مىڭ 600 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىدى
قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى سىجىل ئاستىلىدى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 27 - قېتىملىق دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈنى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا تايىنىپ، جەمئىي 28 مىليون 375 مىڭ 600 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ۋەزىپىنى %126 ئورۇندىغان، قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى سىجىل ئاستىلىغان، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇملاشقان يەرنىڭ تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلىك، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون. يەرنىڭ قۇملىشىشىنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، قۇملۇق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش جەھەتتە، شىنجاڭ دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش - قۇمنى تىزگىنلەش، قاشالاپ قوغداش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق باشقۇرۇش - قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى ۋە چارۋىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئازايتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 43ى تەسىس قىلىندى، كۆلىمى 8 مىليون 90 مىڭ مو بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى 25 بولۇپ، كۆلىمى 4 مىليون 247 مىڭ مو بولدى.
قۇملاشقان يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش جەھەتتە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى 45 مىڭ 700 مو يەردە قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملىدى، يېڭىدىن دۆلەت قۇملۇق باغچىسىدىن توققۇزنى قۇردى، ئومۇمىي سانى 27گە يەتتى، پىلانلانغان ئومۇمىي كۆلەم 2 مىليون 879 مىڭ مو بولدى. جەمئىي 3 مىليون 304 مىڭ مو «ئۈچ شىمال» سۈنئىي ئورمىنى بىنا قىلىشنى، 4 مىليون 167 مىڭ 870 مو تاغ (قۇملۇق)نى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈشنى، 4 مىليون 222 مىڭ مو تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى، 1 مىليون 15 مىڭ مو تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى، 4 مىليون 809 مىڭ 500 مو چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى تاماملاپ، قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئاستىلاتتى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا جەمئىي سالغان مەبلىغى 13 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يەتتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۆلەملەشكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.