تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30 مىليوندىن ئارتۇق پوچتا يوللانمىسىنى خاتاسىز يەتكۈزۈش

ئەكبەر ئىمىن:

30 مىليوندىن ئارتۇق پوچتا يوللانمىسىنى خاتاسىز يەتكۈزۈش

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (14)

ئەكبەر ئىمىن (سولدا) شاگىرتلىرىغا قولمۇقول ئۆگەتمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئوبوروت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى تەمىنلىگەن

شەخس ئارخىپى

ئەكبەر ئىمىن، 1961 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، 1990 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1983 - يىلىدىن باشلاپ پوچتالىيونلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جەمئىي يوللانما يەتكۈزۈش مۇساپىسى 560 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان، يەتكۈزگەن ھەر خىل پوچتا يوللانمىسى 30 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بىر قېتىممۇ خاتالىق كۆرۈلمىگەن. 2007 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەر كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى «ئون ياخشى» ئۈلگە قاتارىغا كىرگەن، 2009 - يىلى مەملىكەت بويىچە «سەمىمىي، ئىشەنچلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 2010 - يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، «2014 - يىلى قاتناش سىستېمىسىنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس» ۋە « پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل تېز يەتكۈزگۈچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

«بىر پارچە پوچتا يوللانمىسى بەلكىم بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى يوللانما تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ قولىغا ئامال قىلىپ ۋاقتىدا يەتكۈزسەم دەيمەن.» − ئەكبەر ئىمىن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

بۇ يىل 11 - ئايدا، شىنجاڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئوبوروت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى سودا كارخانا مەركىزىنىڭ يوللانما قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش خادىمى ئەكبەر ئىمىن 60 ياشقا كىرىدۇ، پېنسىيەگە چىقىشىغا يېرىم يىلمۇ ۋاقىت قالمىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە: خىزمەت ۋاقتىدىن بىر سائەت ئىلگىرى ئىدارىگە كېلىپ، تالونلارنى تازىلاپ، رەتلەپ، ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ، ئاندىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرىغا قاراپ ماڭىدۇ.

ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئون ياخشى» پوچتاليون، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى... ياش چاغلىرىدىن 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغۇچە، 28 تىپلىق ۋېلىسىپىتتا يوللانما يەتكۈزۈشتىن پوچتا بولكىۋايىنى ھەيدەپ يوللانما يەتكۈزۈشكىچە، خىزمەت قىلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەكبەر ئىمىن نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشتى، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى.

ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ۋاز كەچمەي ئىشلەش

پوچتاليونلۇق خىزمىتىگە ھەممەيلەن ھەۋەس قىلىدىغان يىللاردا، ئەكبەر ئىمىن ئاپىسىنىڭ خەت توشۇيدىغان ۋېلىسىپىتىدا ئولتۇرۇپ، كىچىك ھەمراھلىرىنىڭ ھەۋەس نەزەرى ئىچىدە، چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئايلىناتتى. بالىلىق چاغلىرىدىلا بۇ كەسىپكە بولغان قىزغىنلىق ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.

1983 - يىلى، ياش ئەكبەر ئىمىن كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىستەكلىرى بىلەن ئارزۇسى بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى پوچتا تارماق ئىدارىسىنىڭ بىر پوچتاليونى بولۇپ، بوغدا يولى ۋە بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى بىرنەچچە كوچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خەت - چەك، پوسۇلكا، تېلېگرامما، گېزىت - ژۇرناللىرىنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى.

ناھايىتى تېزلا، ئۇ خىزمەتنى يالغۇز قىزغىنلىق بىلەنلا ئىشلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەكبەر ئىمىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىغا پىششىق بولمىغانلىقتىن، كونۋېرت، كوچا، ئىشىك نومۇرلىرىدىكى خەتلەرنى تۈزۈك ئوقۇيالمايتتى، خىزمەتداشلىرى تۆت - بەش كوچا بۆلىكىنىڭ يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىمۇ، ئۇ بىر بۆلەكنىڭ يوللانمىسىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئارانلا ئورۇندىيالايتتى.

ئەكبەر ئىمىن تىل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىگە كەلدى، ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەچلىك كۇرستا ئوقۇشقا تىزىمغا ئالدۇردى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، چارچىغان تېنىنى سۆرەپ، ئالدىراپ - تېنەپ بىرنەچچە چىشلەم ناننى يەپلا كەچلىك كۇرسقا ماڭاتتى، ئىككى يىل ۋاقىتتا تىل سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئورۇنداپلا قالماي، يەنە «ئىگىسىز خەت - چەكلەر»نىمۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچىدى.

بىر قېتىم، ئەكبەر ئىمىن «گۇيۈەن كوچىسىدىكى توختىغا تېگىدۇ» دېگەن بىر پېرېۋوت چېكىنى يەتكۈزمەكچى بولدى، ئەينى چاغدا گۇيۈەن كوچىسىدا ئۈچ كوچا، 200دىن ئارتۇق ئىشىك نومۇرى، 1000غا يېقىن ئائىلىلىك بار ئىدى، «توختى» دېگەن بۇ ئادەمنى نەدىن تاپقۇلۇق؟ بۇ پېرېۋوت چېكىنى ئەسلىدە «ئادرېسى ئېنىق ئەمەس» دەپ ئەۋەتكەن جايغا قايتۇرۇۋەتسىمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇ پېرېۋوت چېكىنىڭ قوشۇمچە كاتەكچىسىگە «ئۈچ ئايلىق پېنسىيە پۇلى» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ يەنە تىرىشىپ بېقىشنى قارار قىلدى.

ئارقىدىن ئەكبەر ئىمىن ئەتراپتىكى ئاھالە كومىتېتى ۋە ساقچىخانىغا بېرىپ، نوپۇس ساقچىسىنىڭ ياردىمىدە 300 گە يېقىن ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئاخىر پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى توختىنى تاپتى.

توختى بوۋاي پېرېۋوت چېكىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا ئارقا - ئارقىدىن «رەھمەت!رەھمەت! ئائىلىمىز دەل پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇراتتى» دېدى.

ئەكبەر ئىمىن قولىدىن ئۆتكەن ھەربىر پوچتا يوللانمىسىنى خۇددى گۆھەردەك بىلەتتى، ئىگىسىگە ساق - سالامەت تاپشۇرۇپ بېرەلىسەملا، قانچىلىك جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلايتتى.

«بىر پارچە پوچتا يوللانمىسى بەلكىم بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا سەل قاراشقا بولمايدۇ». ئەكبەر ئىمىننىڭ ئاتا - ئانىسى پوچتا سىستېمىسىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ مۇشۇنداق گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغاچقا، بۇ كەسىپنىڭ ئالىيجانابلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەتتى.

«مەن بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرىمەن». 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ، ئەكبەر ئىمىن ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان بىر جۈملە سۆز بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىسەممۇ چىن كۆڭلۈمدىن رازىمەن.

ئۆزى ئۈلگە بولۇش سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆگىتىش

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، ئەكبەر ئىمىننىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزىدىغان قاتناش ۋاسىتىسى ۋېلىسىپىتتىن موتوسىكلىتقا ئۆزگەردى، ئۇ يەنە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى.

ئۇ چاغلاردا دائىم بوران چىقىپ تۇرىدىغان ئۇلانباي ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوچتا يوللانمىسىنى يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، شارائىتى ئەڭ جاپالىق يول بۆلەكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەكبەر ئىمىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ تەۋەلىك رايونىنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن باراي»!

پوچتا يوللانمىلىرىنى بوران ئۇچۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر كۈنى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەكبەر ئىمىن ئەستايىدىللىق بىلەن پوچتا يوللانمىلىرىنى چىڭ باغلىۋالاتتى.

بىر قېتىم يوللانما يەتكۈزۈش جەريانىدا، بوران دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى ھەم ئەكبەر ئىمىننىڭ موتوسىكلىتىنىمۇ ئۆرۈۋەتتى، موتوسىكلىتتىن يىقىلىپ چۈشكەن ئەكبەر ئىمىن بىلىكىنىڭ يارىلانغانلىقىغا قارىماي، پوچتا يوللانمىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەۋەلىك رايونىدا قىسىملار كۆپرەك، جەڭچىلەر خەت - چەككە تەقەززا، يوللانمىلارنى يىتتۈرۈپ قويسام بولمايدۇ.

ئالاقە تورى ۋە قاتناشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پوچتاليونلۇق كەسپىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھازىرقى تېز يەتكۈزگىچىلەرگە ئايلاندى.

2005 - يىلى، خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئەكبەر ئىمىن شىنجاڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئوبوروت چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق تىجارەت بۆلۈمىنىڭ تۇڭچېڭ بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. ئۇنىڭ ئىدارىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پوچتاليون ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، رەھبەرلىك ئۇنى يېنىكرەك ئىش ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويماقچى بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس يولداشلارغا ئېتىبار بېرىڭلار، مەن يەنە ئىشلىيەلەيمەن».

خىزمىتى تېز يەتكۈزۈشكە ئۆزگەرگەچكە، يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. يېڭى خىزمەت ئورنىغا تېزرەك ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلىگەچ ئۆگەندى، كەمتەرلىك بىلەن ياش خىزمەتداشلىرىدىن ئۆگەندى.

ئىشلىگەندىن كېيىن جەزمەن ياخشى ئىشلەش كېرەك! بۇ، ئەكبەر ئىمىننىڭ كەسىپ مىزانى، ئۇ خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش بىلەن بىللە «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 38 يىلدىن بۇيان 20دىن كۆپ شاگىرتنى قولمۇقول تەربىيەلەپ چىقتى.

كېرەم قادىر ئەكبەر ئىمىن يېتىشتۈرۈپ چىققان شاگىرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىيلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە ئەكبەر ئىمىن ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا «بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرەمسەن؟» دەپ سورىغان.

ئېنىق جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەكبەر ئىمىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا: «ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن ياخشى ئىشلىگىن!» دەپ ئىلھام بەردى.

«يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن پوچتا يوللانمىلىرىنى يىراق - يېقىنلىققا قاراپ رەتلىۋالىمىز، تەرتىپ بويىچە يەتكۈزسەك ئاندىن ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، مەن ساڭا ياردەملىشىپ يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈۋېتەي، ئارتۇق يول مېڭىپ يۈرمىگىن» «خەت - چەكلەرنى يەتكۈزگەندە ئەگەر ئاھالىلەر ئۆيىدە بولمىسا، قوشنىلىرىدىن سورىساق بولىدۇ، بەلكىم قوشنىسى ئۇنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن.» ئەكبەر ئىمىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئۇنىڭغا بىراقلا ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرىدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەسىپ ياشلارنى ئىلگىرىكىدەك جەلپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۆز ھەرىكىتىم بىلەن ئاددىي ئىش ئورنىدىمۇ رەڭدار كىشىلىك تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى ئويلايمەن» دېدى ئەكبەر ئىمىن قەتئىيلىك بىلەن.

خىزمەتنى 30 نەچچە يىل خاتاسىز ئىشلەش

«باشتىن - ئاخىر قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئەستايىدىل مەسئۇل بولدى، خېرىدارلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى.» بۇ، شىنجاڭ پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى سودا كارخانا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بى لۇڭنىڭ نەزەرىدىكى ئەكبەر ئىمىن ئىدى.

ئەكبەر ئىمىن شۇ شەھەردىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىنى قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، بى لۇڭ ئۇنىڭ بىلەن كەسىپداش ئىدى. قوبۇل قىلىش - يەتكۈزۈش بۆلۈمى ئاساسلىقى سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىنى يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكى ۋە سۈپىتىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇلاتتى.

كەسىپ ئەمدىلا قانات يايدۇرۇلغاندا، يەتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، يەتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچقا، خىزمەت بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. «سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىنى يەتكۈزۈشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟» ئەستايىدىل ئەكبەر ئىمىن نۇرغۇن ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىدىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ دەرھال تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، خەت - ئالاقىنى ئىشتىن - سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ يىلى ئۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ 15 مىڭ پارچە قېتىمدىن ئارتۇق خەت - ئالاقىسىنى خاتاسىز يەتكۈزدى.

بىر قېتىم، ئەكبەر ئىمىن شاگىرتى ئابدۇكېرىم ئابدۇرېشىتنى باشلاپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىنى يەتكۈزمەكچى بولدى. بېرىشتىن ئىلگىرى، قارشى تەرەپ بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشكەندە ئۇ ئۆيدە بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇلار بارغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ يەنە ئۆيگە كەچتىلا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدا ساقلاپ ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 1 بولغاندىلا ئاندىن قارشى تەرەپ قايتىپ كەلدى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ تېخىچە ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سەل خىجىل بولغان ھالدا خەت - ئالاقىنى دەرھال تاپشۇرۇۋالدى.

ئەكبەر ئىمىننىڭ خىزمەتكە بولغان قەتئىيلىكى ۋە تىرىشچانلىقى خېرىدارلارنىڭ ئالقىشى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەت - ئالاقىسىنى يەتكۈزۈش كەسپى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى. ھالبۇكى، ئەكبەر ئىمىن دائىم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزىيەتنى ياخشىلىغاندىن كېيىن قايتىدىن يېڭى بازار ئېچىشقا ئاتلاندى. ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا: «مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا شۇ يەر ماڭا ئېھتىياجلىق جاي!».

بۈگۈنكى كۈندە، ئەكبەر ئىمىن كۈندە بانكىنىڭ سەككىز تور نۇقتىسىنىڭ يوللانما يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىدۇ، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول ماڭىدۇ، مەيلى يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋېلىش ياكى بېجىرىشتە بولسۇن، ئۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا جەمئىي 560 مىڭ كىلومېتىر يول يۈردۈم، 30 مىليون پارچىدىن كۆپرەك پوچتا يوللانمىسىنى خاتاسىز يەتكۈزۈشتەك نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردۇم، بۇنداق بولغاندا دەم ئېلىشقا چىقساممۇ ئۆكۈنمەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.