تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكياردا يېشىللىق بەرپا قىلىپ بىر ئۆمۈر پۇشايمانسىز ئۆتۈش

ئىمام مەمەت:

كۆكياردا يېشىللىق بەرپا قىلىپ بىر ئۆمۈر پۇشايمانسىز ئۆتۈش

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (13)

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرىدىكى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى (4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئىمام مەمەت. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

شەخس ئارخىپى

ئىمام مەمەت 1945 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، 1964 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن، 1977 - يىلى تارىم داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇتقۇچى بولغان، 1984 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1985 - يىلى كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى بولغان. 1986 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى قۇم - بوران مەنبەسى بولغان كۆكياردا كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ 3000 مو ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداشقا قاتنىشىپ، شۇ ئىشلىگەنچە 30 نەچچە يىل ئىشلىگەن.

«بۇ ئۆمرۈمدە مېنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنىم كۆكياردا كۆچەت تىكىش بولدى. ئەگەر يەنە مېنىڭ بېرىپ ئورمانلىقنى قوغدىشىمغا ئېھتىياج بولسا، مەن ئەتىلا يولغا چىقىمەن.» − ئىمام مەمەت

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كۆكياردىكى يېشىللىق كۆك ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەنىدى، ئېگىز ۋە رەتلىك سۇۋادان تېرەكلەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئورمان رايونىدا ئالما دەرىخى، ياڭاق دەرەخلىرى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرى قاتمۇقات يېشىللىق ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.

«بىزنىڭ كۆچەت تىكىشىمىز، ئورماننى قوغدىشىمىز، يېشىللىقنى ئاسرىشىمىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېشىللىق قاپلىغان چەكسىز ئورمانلىقتا خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى ئۈچۈندۈر» دېدى ئىمام مەمەت.

بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن ئىمام مەمەت كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تۇنجى پونكىت باشلىقى، مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى.

كۆكيارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى 3000 مو ئورمان يېرىنىڭ ھەربىر جايىدا ئىمام مەمەتنىڭ ئىزى بار، ئۇ كۆكيارنىڭ ئىلگىرىكى «قارا بوران چىقىپ باھار تۈسىنى يوقاتقان، سېرىق قۇم كۆك ئاسماننى قاپلىغان» مەزگىلىدىن، بۈگۈنكى كۈندىكى «ياپيېشىل تېرەك - سۆگەتلەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان، باغلار شاپتۇل، ئۆرۈك چېچەكلىرىگە تولغان» مەنزىرىسىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى بۇ ئورماننى قوغداپ، بۇ دەرەخلەر بىلەن بىللە ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش ئىدى.

ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدىن چۆل - جەزىرىدە يىلتىز تارتىشقىچە

1977 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئىمام مەمەت تارىم داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.

«ئۇ چاغدا، مەن ئوقۇغۇچىلارغا دەرەخ ئۆستۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگىتەتتىم، ئوقۇغۇچىلارنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا پىراكتىكىغا ئاپىراتتىم، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرەتتىم، ئۇ كۈنلەر مەنىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئىدى» دېدى ئىمام مەمەت ئەسلەپ.

1985 - يىلى ئىمام مەمەت ئاقسۇغا يۆتكەلمەكچى بولدى. «ئاقسۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولسام، مەكتەپنىڭ 3000 مو مېۋىلىك بېغىدا كارامىتىمنى كۆرسىتەلەيمەن، يەنە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدىم» دېدى ئىمام مەمەت.

يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇنى كونا ساۋاقدىشى − شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ئەسقەر قاسىم توسۇۋالدى، خېلى ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كېيىن، ئۇ ئەمدىلا قۇرۇلغان كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ پونكىت باشلىقى بولدى.

ئىمام مەمەتنىڭ كەسپىي ساپاسى يۇقىرى ئىدى، دەسلەپتە ئۇ يېزىنىڭ باشقۇرۇش، قوغداش پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىكەنمەنغۇ، بۇ قانچىلىك ئىشتى، دەپ ئويلىغانىدى.

ئەمما، كۆكيارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدا، ئۇ ھاڭ - تاڭ قالدى: كۆز يەتكۈسىز سېرىق توپىلىق چۆل - جەزىرە، گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلار، دەل - دەرەخ تۈگۈل، ھەتتا گىياھمۇ يوق ئىدى، قۇياش ئوتتەك قىزدۇراتتى، يەنە كېلىپ سۇ مەنبەسى يوق ئىدى، قانداقمۇ دەرەخ ئۆستۈرگىلى بولسۇن؟ ئىمام مەمەت پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى.

بىر چوڭقۇر ئازگالدىن ئاتلاپ ئۆتكەندە، يەر يۈزىدىكى توپا يۇمشاق بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرەلمەيلا توپىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزىدىكى توپىلارنى سۈرتۈۋەتتى، يەنە ئاغزىدىكى توپىلارنى تۈكۈردى، شۇ دەقىقىدە ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدى.

«مەن ئىلگىرى ئازادە، يورۇق داشۆ دەرسخانىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتىم، پاكىز ھەم سالاپەتلىك ئىدىم، كىشىلەر ھۆرمەتلەيتتى. بۇ جايدا... سىز يەنىلا مېنى ئاقسۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتۇرۇۋېتىڭ.» ئىمام مەمەت شۇ چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش قوماندانى خې جۈنيىڭغا ئىستېپانامە تاپشۇرغاندا شۇنداق دېدى.

«سىز بىر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، سىزنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىڭىزمۇ ناھايىتى كۈچلۈك، ئىشىنىمەنكى، سىز چوقۇم كۆكيارنى كۆكەرتىشتە رولىڭىزنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايسىز!» ئىلگىرى جياڭجۈن ۋاڭ جېننىڭ قىسمىغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خې جۈنيىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشتىمۇ قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدى، «سىز خاتىرجەم ئىشلەڭ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، سىزگە تىرەك بولىدۇ!» دېدى.

بىر كېچە ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىغان ئىمام مەمەت ئەتىسى سەھەردە بىر خالتا ناننى يۈدۈپ، كۆكيار كۆچەت تىكىش ئىش ئورنىدا يەنە پەيدا بولدى.

شۇ ئىشلىگەنچە 30 نەچچە يىل ئىشلىدى.

كۆچەتلەر ئەي بولسا، مەن ئاندىن يولدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالايمەن

كۆكيار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق − تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، «كۆك قىيا» دېگەن مەنىدە. كۆك رەڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كۆكياردا كۆچەت تىكىش قانچىلىك قىيىن؟ تارىخقا قاراپ باقساقلا بىلىمىز.

«ئونسۇ ناھىيەسى تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر بۇ يەرگە كەڭ كۆلەمدە گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈپ، يازلىق ئوردا سالدۇرماقچى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرپاندىن مەخسۇس ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ يەردە كارىز كولاپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ چىقارماقچى بولغان، مەبلەغ كۆپ كەتكەن بولسىمۇ ئۈنۈمى تۈزۈك بولمىغان، بىرنەچچە جايدا بۇزۇلۇپ كەتكەن كارىزلا قېپقالغان.

مىنگو دەۋرىدە، يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ كۆكياردا بوز يەر ئېچىپ ئورمان بىنا قىلىشنى سىناق قىلغان، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىرقانچە تۈپ كۆچەتنىمۇ تۇتقۇزالمىغان، كېيىن بۇ ئىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

1987 - يىلى ئەتىيازدا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەر يىلى كۆچەت تىكسەك ئۆزگەرمىدى شۇ چۆل - باياۋان، ھەر يىلى كۆچەت تىكىمىز كونا جاي بولدى ئايان»دەپ ئاتالغان كۆكيارغا ئۈمىدكە تولغان كۆچەتلەر تىكىلدى.

«كۆكيار رايونىدىكى تۇپراقنىڭ شور تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى جاينىڭ %9.87كە يېتىدۇ، بۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن شور تەركىبى %1.0تىن يۇقىرى جايدا ئورمان بىنا قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ئۆلچەمدىنمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، يەر پولاتتەك قاتتىق بولغاچقا، تۈزلەش تەسكە چۈشتى.» ئىمام مەمەت مۇنداق دېدى: «كۆچەتلەر تىكىلدى، سىناق تېخى ئالدىمىزدا.»

ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىشنىمۇ ئوخشاشلا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئىمام مەمەت بىلەن ئۈچ تېخنىك ھېرىپ كەتكەندە، ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۈستىگە كىيىمىنى سېلىپلا، ئازراق مۈگدىۋالاتتى؛ قورسىقى ئاچسا خالتىدىكى ناننى ئېلىپ ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپلا يەيتتى.

«بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەي قىلىشىمىز، بۇ كۆچەتلەرنى قىشتا قالايدىغان ئوتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.» شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئىمام مەمەت ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ خوتۇنى كۆز ئالدىدىكى چاچلىرىنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، پۇتلىرى لاي بۇ كىشىگە سەپسېلىپ قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن قىزىقارلىق قىلىپ: «يولداش، كىمنى ئىزدەيسىز؟» دەپ سورىغان.

1988 - يىلى ئەتىيازدا، 3000 مو يەردىكى كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %87.5كە يەتكەن بولۇپ، تۇپراق ئەھۋالى ياخشىراق بولغان قۇمسىمان ئەت تۇپراق رايونلىرىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98كە يەتكەن.

«دەرەخلەر ئەي بولسا، مەن ئاندىن يولدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭالايمەن.» زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ئىمام مەمەت مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ جاراڭلىق ئاۋازدا شۇنداق دېدى.

ھەربىر تۈپ دەرەخ ئۆزۈمنىڭ بالىسى

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىمام مەمەت كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، سارايدىكى جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، تۇپراق قېتىپ كەتكەن كۆكيار ئەسلىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلىش تېمى ئالدىدا، خىيالى يەنە بۇرۇنقىغا قايتتى.

كۆكيارنىڭ تۇپرىقىنىڭ ئۈستى بىر قەۋەت نېپىز توپا بولۇپ، ئاستى بولسا ئۇيۇل تاشتەك چىڭ قاتتىق توپا قاتلىمى ئىدى. كۆچەت تىككەن دەسلەپكى مەزگىلدە، 1000 مو يەرنى تۈرتۈپ تۈزلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، تۆت توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈرەك پىچىقى سۇنۇپ «ھېرىپ» كاردىن چىقتى. ئىمام مەمەت تىت - تىت بولۇپ تاماق يېيەلمىدى، ئۇخلىيالمىدى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى چۆرىدەپ قايتا - قايتا تەتقىق قىلدى، ئۇ كۈرەك پىچىقىنى ئېلىپ پارچىلىدى، ئۈزۈلگەن ئىزنى ئېلىپ سېلىشتۇرۇپ سىزدى، ئارقىدىن ئۈزۈلگەن ياپراقچىنى ئېلىپ كۈچەپ توپىغا سانجىپ، ئاخىر ئۆزگەرتىش ئارقىلىق توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ كۈرەك پىچىقى، پولات چىشىنى كەپشەرلەش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىپ، كۈرەك پىچىقى ئاسان سۇنۇپ كېتىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

1988 - يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا، ئىمام مەمەت سىرتتا يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا كۆكيارغا كېلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ سارغىيىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ دەرھال ئادەم يىغىپ، ئۆستەڭگە 300 خالتا قۇمنى يۆتكىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆستەڭ سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرمىدى. ئىمام مەمەت غازاڭلارنى ئېلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بى كېشيەننى ئىزدەپ باردى، باش توسما تاقالغانلىقتىن، ئۆستەڭنىڭ سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، دەل - دەرەخلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا سۇغىرىلمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئىمام مەمەتنىڭ نەزەرىدە كۆكياردىكى ھەربىر تۈپ دەرەخ ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئوخشايتتى. بۇ «بالىلار»نىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن ئوغلى ئەسقەر ئىمامنى كۆكيارغا ئېلىپ كەلدى.

ئەسقەر ئەسلىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىقماقچى ئىدى، ئىمام مەمەت مۇنداق دېدى: «كۆكيار ئادەم چېنىقتۇرىدىغان جاي، چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ جاپاسىغا چىدىغاندىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسەن».

سۇغىرىش، چارلاپ تەكشۈرۈش، تولۇقلاپ تىكىش... ئەسقەر ئەسلىدە ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپلا كەتمەكچى بولغانىدى، لېكىن كۆكياردىكى دەرەخلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە يوغىناۋاتقانلىقىنى، دەل - دەرەخلەرنىڭ سايە تاشلاپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، كېتىشكە كۆزى قىيمىدى.

«ھازىر مەن دادامنىڭ بۇ كۆچەت مايسىلىرىنى قەدىرلەش ھېسسىياتىنى بارغانسېرى چۈشەندىم، مەنمۇ بۇ ئورمانلىقنى قوغدىيالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ئەسقەر.

«نۇرغۇن كىشى مەندىن كۆكيارغا كېلىپ كۆچەت تىككىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلامسىز؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا: بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنىم كۆكياردا كۆچەت تىكىش بولدى. ئەگەر يەنە مېنىڭ بېرىپ ئورمانلىقنى قوغدىشىمغا ئېھتىياج چۈشسە، مەن ئەتىلا يولغا چىقىمەن، دېدىم» دېدى ئىمام مەمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.