تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەدەبىيات ئارقىلىق كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنىۋى كۈچ بېغىشلاش

لۇ ياۋ:

ئەدەبىيات ئارقىلىق كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنىۋى كۈچ بېغىشلاش

لۇ ياۋ (ئوڭدا) شىمالىي شەنشى يېزىلىرىنى زىيارەت قىلماقتا.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ زۇڭيى فوتوسى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي شىنيى

بۇ يىل، «ئاددىي دۇنيا»نىڭ مالاي يېزىقىدىكى نۇسخىسى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنغىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى، 200 قېتىمدىن ئارتۇق قايتا بېسىلدى، سېتىلىش مىقدارى 20 مىليون پارچىدىن ئاشتى ھەم كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. ئۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرگە جۇڭگونىڭ شەھەر ـ يېزا جەمئىيىتىنى چۈشىنىدىغان بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

يەنئەن داشۆدىكى ۋېنخۇيشەندە بىر كىچىك قەبرىستانلىق بار. «ئاددىي دۇنيا»نىڭ ئاپتورى لۇ ياۋ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ كەينىدىكى تامدا «كالا كەبى ئەمگەك قىلىش، تۇپراق كەبى بېغىشلاش» دېگەن بىر نەچچە چوڭ خەت جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

لۇ ياۋ، ئەسلىي ئىسمى ۋاڭ ۋېيگو، 1949 ـ يىلى شىمالىي شەنشىنىڭ چىڭجيەن ناھىيەسىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى ئوقۇتالمىغاچقا، كىچىك چېغىدىلا يەنچۇەن ناھىيەسىدىكى تاغىسىغا ئاسراندى ئوغۇللۇققا بېرىۋېتىلگەن.

ئۇ چاغلاردا ئۈنۈمسىز سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق ۋە ئاچلىقتا ئۆتەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا، تاغىسى ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئاشلىقى سەيكاڭ تۇەنزى ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، يۇرتداشلار جان قۇتقۇزىدىغان ئاشلىقىدىن يېرىم قاچىنى ئۇنىڭ مەكتەپكە ئېلىپ بېرىپ يېيىشى ئۈچۈن ئايرىپ بېرەتتى...

نامرات تۇرمۇش لۇ ياۋنىڭ روھىي پەزىلىتىنى تاۋلىغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «دەل مۇشۇ ئۈنۈمسىز تۇپراق ۋە تۇپراققا ئوخشايدىغان يوقسۇل يۇرتداشلار مەندە ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئالالايدىغان چىدامچانلىق ۋە قۇربانلىق بېرەلەيدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈردى − شۇڭا ئۆزۈمنى يەنە مەنىۋى جەھەتتە باي ھېس قىلىمەن».

شىمالىي شەنشىدىن ئىبارەت بۇ تۇپراق ھەمدە شۇ تۇپراقتىكى خەلق ئۇ بىر ئۆمۈر يازىدىغان باش تېمىغا ئايلانغان.

1973 ـ يىلى لۇ ياۋ يەنئەن داشۆنىڭ جۇڭگو تىل ـ ئەدەبىيات شىسىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەدەبىيات دېڭىزىغا چۆكۈپ، «ئەدەبىيات ئۇستازى» ليۇ چىڭ بىلەن «ئۇچراشقان». شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىزچىل ليۇ چىڭغا ئوخشاش رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا ئۆز ھاياتىنى جۇلالاندۇرغان.

20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدا مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمى جۇش ئۇرغان، يازغۇچىلار سېھرىي رېئالىزم، ئاڭ ئېقىمى، سىمۋولىزملىق ئىجادىيەت داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىزدەنگەن. «كىشىلىك ھايات» ناملىق پوۋېستى بىلەن داڭق چىقارغان لۇ ياۋ 1975 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي داستان خاراكتېرلىك بىر روماننى ئىجاد قىلىۋاتقانىدى.

«ئادەتتە ئاپتور رومان ئىجادىيىتىدە، ۋەقەلىك رامكىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىشنى باشلاپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن لۇ ياۋ بەك ئېھتىياتچان، ئۇ ئۈچ يىلغا يېقىن پۇختا ۋە ئەستايىدىل تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىگەن» دېدى شەنشى ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «لۇ ياۋنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئاپتورى لياڭ شياڭياڭ.

لۇ ياۋ ئالدى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 100گە يېقىن رومانىنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۈزۈۋالغان ھەم ئۇنىڭ 90 - 80 پارچىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان. تارىخىي مۇساپىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ 1975 ـ يىلىدىن 1985 ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «خەلق گېزىتى» «شەنشى گېزىتى» «پايدىلىنىش خەۋىرى» «يەنئەن گېزىتى» ۋە «يۈلىن گېزىتى»نىڭ توپلىمىنى كۆرۈپ چىققان، گېزىتنى ۋاراقلاپ بارمىقى ئاغرىپ تېلىپ كەتكەندە ئالىقىنى بىلەن داۋاملىق ۋاراقلىغان.

1985 ـ يىلى كۈزدە، لۇ ياۋ تۇڭچۇەن كان ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى چېنجياشەن كۆمۈركانىغا كېلىپ، روماننىڭ 1 ـ قىسمىنى ئىجاد قىلىشقا باشلىغان.

1986 ـ يىلى، «ئاددىي دۇنيا»نىڭ 1 ـ قىسمىنى تاماملىغاندا، لۇ ياۋنىڭ ئىشەنچكە تولغان رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەرقايسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە «زىيادە كونا» دەپ قارالغان.

«كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن ئەسەر قايتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ئالدىدا، لۇ ياۋ يەنىلا سەگەك، ئەمما قەتئىي بولغان.» لياڭ شياڭياڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ قارىشىچە، تۇرمۇش بىلەن تېما ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى بەلگىلەيدۇ، باشقا ئۇسلۇبتا يېزىلغان «ئاددىي دۇنيا» مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر، «بۇ ئەسەر بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يېزىلغان».

ھېلىمۇ ياخشى، كىتابتىكى ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پائال ئالغا ئىنتىلىش روھى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئاۋازى پىروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى يې يۇڭمېينى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، «ئاددىي دۇنيا» رادىيو بىلەن قاناتلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز مىليونلىغان ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈلۈپ، غايەت زور ئىنكاس قوزغىغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يىلى بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچى 300 مىليوندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەت 2000 پارچىدىن ئاشقان.

1991 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، «ئاددىي دۇنيا» 3 ـ نۆۋەتلىك ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. لۇ ياۋ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «كەڭ ئوقۇرمەنلەر سىزدىن ۋاز كەچمىسىلا، بەدىئىي ئىجادىيەت ئوتى قەلبىڭىزدە ئۆچمەيدۇ. خەلق تۇرمۇشى چوڭ دەرىخى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭ شاخلىرىغا قونۇپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز».

ئالتە يىل يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئىجادىيەت ئارقىلىق يارىتىلغان بۇ مىليون خەتتىن ئاشىدىغان كاتتا ئەدەبىي ئەسەر لۇ ياۋنى ھالسىراتقان. 1992 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، لۇ ياۋ شىئەندە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 1995 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، جەسەت كۈلى ئانا مەكتىپى يەنئەن داشۆدىكى ۋېنخۇيشەنگە دەپنە قىلىنغان.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ «ئاددىي دۇنيا»نى ياقتۇرۇشى، لۇ ياۋغا بولغان ھۆرمىتى يېڭىلىنىپ بارغان. «ئاددىي دۇنيا»غا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان رادىيو دىرامىسى، دىراما، تېلېۋىزىيە تىياتىرى پەۋقۇلئاددە نادىر ئەسەرگە ئايلانغان، لۇ ياۋنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاب، دىراما، ھۆججەتلىك فىلىم، چىنچياڭ تىياتىرىمۇ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

«لۇ ياۋ <ئاددىي دۇنيا> ئارقىلىق ياشلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ۋە مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، بۇ، دەۋر سەھنىسىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى. شۇڭا ئۇ زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ، كىشىلەرگە مەنىۋى كۈچ بېغىشلىيالايدۇ» دېدى ئوبزورچى شياۋ يۈنرۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.