تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر پاي ئوق بىلەن يېڭىش ـ يېڭىلىشنى بەلگىلەش

شۈ خەيفېڭ:

بىر پاي ئوق بىلەن يېڭىش ـ يېڭىلىشنى بەلگىلەش

1984 ـ يىلى لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شۈ خەيفېڭ ئەرلەرنىڭ تاپانچىنى ئۆزى تاللاپ ئېتىش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن مۇكاپات ئالماقتا.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن دېرېن، جاۋ جيەنتۇڭ

تاپانچىنى كۆتۈرۈش، قارىغا ئېلىش، ئېتىش...

1984 ـ يىلى يازدىكى لوس ئانژېلېستا، جۇڭگونىڭ قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى شۈ خەيفېڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيە تارىخىدا مۇھىم ئابىدە تىكلەندى. 100 يىلغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرى جۇڭگولۇقلار چېمپىيونلۇق مۇكاپاتىنى ئېلىش سەھنىسىگە چىقىدىغان پەيتنى كۈتۈۋالدى.

شۇ چاغدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سامارانچ مۇكاپات تارقاتقاندا شۈ خەيفېڭغا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن جۇڭگو تەنتەربىيە تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر كۈن، مەن بۇ ئالتۇن مېدالنى ئۆز قولۇم بىلەن جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىگە بەرگەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن».

يىللار تېز ئۆتمەكتە، بۇ قىممەتلىك تارىخ ئەۋلادمۇئەۋلاد تەنھەرىكەتچىلەر تەرىپىدىن قايتا ـ قايتا مەدھىيەلەنمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە پېنسىيەگە چىققان شۈ خەيفېڭنىڭ 40 يىل بۇرۇنقى شۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھازىرقىدەكلا ئېسىدە بار. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق قارىغان: ئولىمپىك چېمپىيونىنىڭ باشقا دۇنياۋى مۇسابىقىلەردىكى چېمپىيونلار بىلەن بولغان پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. «دۆلەت بايرىقىمۇ چىقىرىلدى، دۆلەت شېئىرىمۇ ئورۇنلاندى، شۇڭا بۇ خىل تۇيغۇمۇ بىرقەدەر تونۇش».

شۈ خەيفېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا خۇددى «يېڭى تۇغۇلغان موزاي»نىڭ «يولۋاسنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان»لىقىدەك، ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەن مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىغان ئەڭ ئاخىرقى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغانىدىم، رېپېر ماڭا مۇكاپات ئالغىلى بېرىشنى ئۇقتۇرغاندا، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدىم.

«گەرچە مەن قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنى ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بىز قاتناشقان تۈردىكى تۇنجى ئالتۇن مېدال ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۈتكۈل دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم» دېدى ئۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ بارا ـ بارا بۇ ئالتۇن مېدالنىڭ ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. لوس ئانژېلېستىكى خۇاچياۋلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ تەبرىكلىشى، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى قىزغىن قارشى ئېلىشلار ئۇنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان. ئۇ مۇخبىر دوستلىرىدىن ئۆزىنىڭ چېمپىيون بولغانلىق خەۋىرى بېسىلغان گېزىتنىڭ پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا «ئەس ـ ھوشىنى يوقاتقان»دەك بولغان.

بۇ ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى تەستە قولغا كەلگەن. شۇ يىللاردا دۆلەت ئىچىدىكى مەشىق شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق بولۇپ، شۈ خەيفېڭنىڭ كەسپىي قارىغا ئېتىش مەشىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمۇ ئۇزاق ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاشۇ يىللار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا جۇڭگو يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بولغاچقا، بىرقەدەر نامرات ئىدى، مەن ئەنخۇيدىن كەلگەن، ئۇ يەر تېخىمۇ نامرات، ئەينى چاغدا پۈتۈن ئۆلكە كوماندىسىدا پەقەت ئىككىلا ئىمپورت قىلىنغان تاپانچا بار ئىدى، كىم مۇسابىقىگە بارسا شۇ ئىشلىتەلەيتتى، ئوقمۇ شۇنداق ئىدى، ئىمپورت قىلىنغان ئوق بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، ھەربىر ئادەمگە نورما بەلگىلەپ بېرىلەتتى».

ئۆلكىلىك كوماندىنىڭ مەشىق مەيدانىدا قىشتا پار يوق ئىدى، قارىغا ئېتىش تۈرىدە قولنى ئۇزاق ۋاقىت ئوچۇق قويۇشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا شۈ خەيفېڭ ئۈششۈك يارىسى بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئاشلىق بېلىتى، تاماق پۇلى ۋە ئۆزى ئىشلەتكەن تاپانچىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كەلگەن. بېيجىڭ گەرچە تېخىمۇ سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن مەشىق شارائىتى ئاز ـ تولا ياخشىلانغان، قىشتا مەشىق مەيدانىغا ناھايىتى چوڭ بىر مەش قويۇلۇپ مەيدان تېمپېراتۇرىسىغا كاپالەتلىك قىلىنغاچقا، ئۇ ئاندىن ئۈششۈك يارىسىنىڭ ئازابىنى تارتمايدىغان بولغان.

تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شۈ خەيفېڭ مەشىق ۋە مۇسابىقىدىن باشقا ۋاقىتلاردا تاللا بازىرىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى، «ئۇ چاغدا يانچۇقۇمدا 30 دوللارلا بولغاچقا، ھېچقانچە نەرسە سېتىۋالغىلى بولمايتتى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، تاللا بازىرىدا نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، يولدا ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆردۈم» دېدى شۈ خەيفېڭ ئەسلەپ.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى چولپانغا ئايلانغاندىن كېيىن، شۈ خەيفېڭ تېخىمۇ زور بېسىمغا بەرداشلىق بەرگەن، ئۇنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياخشى ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش ـ ساقلىيالماسلىقى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۇنىڭ قارىغا ئېتىش ھاياتىدىكى بېسىم ئەڭ چوڭ بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالغان. ئۇ ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەشىققە قايتا كىرىشىپ، بىر نەچچە ئاي ئەستايىدىل مەشىق قىلغان، ئاخىرىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىسىدىنمۇ ئىككى ھالقا ئارتۇق چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، شۈ خەيفېڭ قارىغا ئېتىش چەمبىرىكىدە ئۈزۈل ـ كېسىل پۇت تىرەپ تۇرالىغان.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، شۈ خەيفېڭ يەنە ئون يىل تەنھەرىكەتچى بولغان. سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ تىرېنېر بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن: 1996 ـ يىللىق ئولىمپىك چېمپىيونى لى دۈيخۇڭ بىلەن 2000 ـ يىللىق ئولىمپىك چېمپىيونى تاۋ لۇنا ئۇنىڭ شاگىرتى ئىدى، 2004 ـ يىللىق ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇ قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوماندىنى باشلاپ بىراقلا تۆت ئالتۇن مېدال ئالغان.

بىر تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈ خەيفېڭ مەن تەلەيلىك ئىكەنمەن، دەپ ئوچۇق ئېيتتى. «تەنھەرىكەتچى بولسىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى، دۆلەت سىزگە مۇشۇنداق ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ نورمال سەۋىيەرىڭىزنى نامايان قىلسىڭىزلا، ئاندىن دۆلەت يەنە سىزگە شەرەپ ۋە مۇكاپات بېرىدۇ، شۇڭا مەن ئىزچىل ئۆزۈمگە چوقۇم تىرىشىشىم كېرەك دەيتتىم» دېدى ئۇ.

شۈ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر ئەۋلاد تەنھەرىكەتچىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق. «دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش روھىنىڭ بولۇشى ماھارەت تەنتەربىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر، چۈنكى ماھارەت تەنتەربىيەسىدە ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر بىر خىل مەنىۋى تىرەك بولمىسا، ئاسانلا بەرداشلىق بەرگىلى بولماي قالىدۇ. ھازىر مەشىق شارائىتى ۋە ئىلمىي مەشىق سەۋىيەسى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، شۇڭا ھازىرقى تەنھەرىكەتچىلەردە ئىلگىرىكى تەنھەرىكەتچىلەردە بار بولغان ئاشۇنداق روھ بولىدىغان بولسا، چوقۇم ناھايىتى تېز نەتىجە چىقىدۇ».

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى شۈ خەيفېڭ يەنىلا ئالدىراش، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، تەنتەربىيە روھىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.