تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» لوپنۇردا يېشىللىق بارلىققا كەلدى

دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلار ئۆستى   قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتىدىغان بولدى

«ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» لوپنۇردا يېشىللىق بارلىققا كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ مېي، ياڭ ۋېي، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، يېشىل ئوت ـ چۆپلەر، ۋىچىرلىشىپ سايراپ تۇرغان قۇشلار، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىقكى كىشىلەر تەرىپىدىن «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان لوپنۇردا بارلىققا كەلدى.

لوپنۇرنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بىر كارخانىنىڭ زاۋۇت رايونىدا، ئىلگىرى گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان شورلۇق قاقاسلىقتا، پەن تەتقىقات خادىملىرى سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان يېشىللىق مەنزىرىسى بەرپا قىلدى. تومۇز ئىسسىق مەزگىلدە، جىگدە، يۇلغۇن، سۆكسۆك، ئالقات قاتارلىق 40 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك قەيسەرلىك بىلەن ئۆسمەكتە، قارلىغاچ، غورۇلاي، پاختەك قاتارلىق قۇشلار ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى.

تەكلىپ بىلەن كەلگەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى كۈچ ئۇلاپ يېشىللىق بەرپا قىلىپ، «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا يېشىل ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

«بۇ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى شۇ جايدىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ قىسمەن ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەپ، ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چاڭ ـ توزاننى تەدرىجىي ئازايتتى.» شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى سۇڭجۈەن 2014 ـ يىلى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يېشىللىق ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە بەلگىلىك ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز ھەتتا دۇنيانىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىتتىكى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئەۋرىشكە بىلەن تەمىنلىدى».

لوپنۇر شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا، ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ ناچار رايونلارنىڭ بىرى. «كۆكتە ئۇچار قۇش يوق، يەردە بىر تال گىياھمۇ يوق، شامالدا قۇم ـ شېغىل ئۇچۇپ تۇرار، ھەممىلا يەر شورلۇق» بۇ، بۇ جايدىكى ئىنتايىن ناچار مۇھىتنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. تۇپرىقى ئىنتايىن ئۈنۈمسىز، شورنىڭ قېلىنلىقى 60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، شامال كۆپ چىقىدىغان، شورلۇق چاڭ ـ توزان كۆپ بولىدىغان كىلىمات ئامىلى بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇ يەردە ئەي بولۇشى ئىنتايىن تەس ئىدى.

ھاياتلىق بولمىغان بۇ يەردە، زاپىسى ئىنتايىن مول بولغان كەم ئۇچرايدىغان قېزىلما بايلىق − كالىي تۇزى ساقلانغان. 2013 ـ يىلى، بۇ جايدا كالىي تۇزى بايلىقىنى ئاچقان دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ تۇپراقتىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان «جاھىل كېسەل»نى «داۋالاش»ئارزۇسىدا، يېشىل زاۋۇت رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.

«بۇ يەرگە تىككەن دەرەخنىڭ ئەي بولىدىغانلىقىنى ئون يىل ئىلگىرى مەن ھەتتا ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتىم.» بۇ يېشىللىقنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغان دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قومۇل ئوقەتچىلىك كەسپىي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى لوجۇڭ مۈلۈك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى داڭ يەنشى مۇنداق دېدى: 2005 ـ يىلى بۇ جايغا كېلىپ يېڭىلا ئىشقا چۈشكەن ۋاقتىمدا، تۆت ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئاپئاق شور قاپلىغان چۆللۈك ۋە قاقاسلىق ئىدى، «ئاشۇ چاغدا يېشىل رەڭنى كۆرۈش ئۈچۈن، بەزىلەر دائىم ئاشخانىغا بېرىپ خاڭگا، كۆك لازا ۋە يوۋبەسەينى كۆرۈپ كېلەتتى».

توپا قېزىش ـ توپا ئالماشتۇرۇش، تۇپراقنى ياخشىلاش، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش... پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىككى يىل ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىشى نەتىجىسىدە، تەخمىنەن 14 مىڭ 600 كىۋادرات مېتىر يەردە ئۆسۈملۈك سورتىنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلدى. 2015 ـ يىلىدىن كېيىن، شىركەت ئىشخانا بىناسى، ياتاق، زاۋۇت رايونىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى يەنە كەينى ـ كەينىدىن نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەردە ئۈچ پارچە يېشىللىق بەرپا قىلدى.

يېقىندا، مۇخبىرلار بۇ جايغا كېلىپ، تۇتاش كەتكەن جىگدە دەرەخلىرى، يۇلغۇنلار، سۆسۈن چېچەكلىك بېدىلەرنىڭ بۈك ـ باراقسان ئۆسكەنلىكىنى كۆردى، مەيىن شامالدا ھاۋا بىردىنلا سالقىنداپ، جىگدە چېچىكىنىڭ سۇس خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى، قۇشلار كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، خۇددى شەھەردىكى باغچىلاردەك تۇيغۇ بەردى.

نۆۋەتتە، پەن تەتقىقات خادىملىرى يەنىلا «لوپنۇر كالىي تۇزى كان رايونى ئۆسۈملۈك سورتىنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»دا سىجىل تۈردە ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە شورلاشقان يەردە يېشىللىق بەرپا قىلىش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. «بىز سىناق قىلىش ئارقىلىق، كۆكەرتىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بۇ جايدىكى كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېشىللىق ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى لى سۇڭجۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.