تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يول ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادىغا يۈرۈش قىلىش

قورغاس:

يول ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادىغا يۈرۈش قىلىش

قورغاس پورتىغا يىغىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى (6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قورغاس شەھىرىدە ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق ئىدى.

مەلۇم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى قىزغىن ئىدى. ئىشچىلار زاكازلارنى ئۈلگۈرتۈپ تەييارلاۋاتاتتى، مەھسۇلات زاۋۇتتىن چىققاندىن كېيىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق چەت ئەل بازارلىرىغا توشۇلىدۇ.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قورغاس ۋوگزالىدا، كېشەك كىران نۇرغۇن كونتېينېرنى كۆتۈرۈپ جاي - جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ كونتېينېرلار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق بازارلارغا توشۇلىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، بۇ ۋوگزال ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، بۇلتۇر 4032گە يەتتى.

«قورغاسنىڭ قاتنىشى قولايلىق، مەھسۇلاتلىرىمىزنى نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق چېگرا سىرتىغا توشۇغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلارغا توشۇغىلى بولىدۇ» دېدى بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كارخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جياۋۋېي. بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كارخانىسىنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يەتتە ئالاقىدار كارخانا قورغاسقا ماكانلىشىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، قورغاسنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنى زورايتىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

قورغاس شەھىرى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) ۋە جىڭ - غۇلجا - قورغاس تۆمۈريولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ، قورغاس پورتىمۇ بۇ يەرگە جايلاشقان، 140 يىلغا يېقىن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تارىخىغا ئىگە. 100 يىلدىن بۇيان، كارۋانلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى، مەخسۇس پويىزلار تۈرلۈك يۈكلەرنى توشۇشتا قورغاس ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان، قورغاس دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلانغان.

«ئىلگىرى، قورغاس ئاساسلىقى يول ئىقتىسادىغا تايىنىدىغان بولۇپ، كەسىپ تۈرلىرى كەمچىل ئىدى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى» دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۈ شىنمىڭ.

قورغاس «رايون، سىياسەت، ئېچىۋېتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى يادرو قىلىش، پىششىقلاش سودىسى ۋە ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قورغاسنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا يۈرۈش قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، تۈرلۈك كەسىپلەر تېز توپلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، قورغاستا تاشقى سودا، ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش، ساياھەتچىلىك، مال سېتىۋېلىش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك ئىقتىساد شەكىللىنىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلار، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، تېببىي دورىگەرلىك - ساغلاملىق قاتارلىق كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

قورغاسنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ راۋاجلىنىش ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2017 - يىلى، شىنجاڭ خەنياڭ ئېلېكتىر ئىسسىقلىق پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قورغاسقا ماكانلاشتى. «بىز مەۋقەنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا قويۇپ، چەت ئەل بازىرىنى پائال ئاچتۇق، بۇ بىرنەچچە يىلدا مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جىڭشۈەن.

ھازىرقى قورغاستا، سودا گۈللىنىپ، كەسىپلەر كۆپىيىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى قورغاس دۆلەت دەرۋازىسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى ئالدىدا توختىدى، كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى. «قورغاس دۆلەتنىڭ غەربىي دەرۋازىسى، بىز بۇ جايدا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى ھېس قىلالايمىز، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايمىز» دېدى خېنەندىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ جيەنجۇڭ.

سەپەر خاتىرىسى

چىنار دەرىخى ياخشى تىكىلىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى   چارشەنبە    ھاۋا ئوچۇق

قورغاس شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدە بولغان رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا تاشيول پورتى ۋە تۆمۈريول پورتى بار بولغاچقا، يۈك توشۇش قولايلىق، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

مۇشۇ ئاساستا، قورغاس تىرىشىپ كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپلەر توپىنى چۆرىدەپ سودىگەر چاقىردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغاسنىڭ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلالىشىدىكى مۇھىم ئامىل.

چىنار دەرىخى ياخشى تىكىلىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى. قورغاس دىققەتنى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا نۇرغۇن كارخانىنى ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلدى ھەم كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈردى. (لۇ فېڭباۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.