تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆكيار روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «كۆكيار روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى مەۋقەنى «كۆكيار روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشقا قويۇپ، «دەرسلىك + ئىشخانا + بازا + ئەدەبىيات ـ سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى»دىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن «1132 مەكتەپ قىزىل ئېكولوگىيە مائارىپ چەمبىرىكى»نى بەرپا قىلىپ، بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش، پۈتكۈل جەريان بويىچە ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۈگۈن، بىزنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىمىز نەزەرىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆكيارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاشتىن ئىبارەت.» 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى «كۆكيار روھى ۋېنرۇن ئىشخانىسى»دا، ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار «كۆكيار روھى» دەۋر قىممىتى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ـ تەكلىپلەرنى رەتلەپ، «كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي مىساللار توپلىمى»نى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتى.

«<كۆكيار روھى> بىر جۈملە شوئار ئەمەس، ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، مەن دەرسخانا ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا <كۆكيار روھى>نى ياخشى چۈشەندۈرىمەن، بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز» دېدى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ گو.

بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ بازىرى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بازىسىغا كېلىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئورمان ۋە ئوتلاققا بولغان ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قاتار ـ قاتار كۆچەتلەرنى تىكتى.

«كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، بىز جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداش روھىمىزنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لياڭ يۇڭ.پائالىيەتكە قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «كۆكيار روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ھالدا يۇرت ـ ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى ياخشى قوغدايمىز.

شىنجاڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى سۇچىلىق خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى.

سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي مىقدارى تىزگىنلىنىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىرىنسىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، سۇ رايى تارماقلىرى، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ ئەھۋالى، يامغۇر ئەھۋالى ۋە نەملىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تەستىقلانغان يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ۋە چۈشۈرۈلگەن سۇ مىقدارىنى تەڭشەش بۇيرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2021 ـ يىللىق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىگە پائال تەييارلىق كۆرۈپ، بۇ يىل 4 ـ ئايدا، كۈچ تەشكىللەپ «تۆت مەنبە، بىر غول» توغراقلىق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش رايونى، سۇ باشلاش دەريا يولى، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش چۈشۈرگە ئېغىزى، سۇ يەتكۈزۈش مىقدارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، 2021 ـ يىللىق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.