تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەملىشىش دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ئاقىل كەلگۈسىنى يورۇتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، رەقەملىشىش تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيدى، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى ھەمدە ئالاقىلىشىش شەكلى قاتارلىقلاردا شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش بولدى.

رەقەملىك ئىقتىسادتا «يۇمشاق» «قاتتىق» دېتال قۇرۇلۇشى تەڭ يولغا قويۇلدى

2019 - يىلى، قاناس مەنزىرە رايونىدا 5G تورى قۇرۇلۇپ، 5G + VR تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاستا قەدەملىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونلىرىنى تېز سۈرئەتتە جانلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى؛ شۇ يىلى، قاغىلىق ناھىيەسى شىخىشيۇ يېزىسىنىڭ راسكام كەنتىدە كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش تاماملىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز 5G ۋە كېيىنكى ئەۋلاد تورنى يادرو قىلغان ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ئاساسىي ئەسلىھەسىنى قۇرۇشنى تېزلەتتى، 5G تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، 5G تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردىكى مەركىزىي شەھەر رايونى ۋە نۇقتىلىق سانائەت باغچە رايونلىرىدا 5G تورى بىلەن قاپلىنىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەۋەرلىشىش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 6508ى قۇرۇلۈپ، 5G ئابۇنىچىلىرى 3 مىليون 420 مىڭغا يەتتى.

رەقەملەشكەن كەسىپلەر تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش قەدىمى تېزلەشتى.

ھازىر، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى دۆلەت دەرىجىلىك بۇلۇت ھېسابلاشنى قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە شىنجاڭ «تىيانشان بۇلۇت»نىڭ يادرولۇق بازىسى بولۇپ قالدى. باغچە رايونىدا خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى سانلىق مەلۇمات مەركىزى (قاراماي)، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇرۇلدى ھەم كەينى - كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

«تىيانشان بۇلۇت» پىلانى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىۋاتقان 11سانلىق مەلۇمات مەركىزى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى. سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كۆلىمى غەربىي قىسىم بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، «ئىككى يادرو، كۆپ يۇلتۇز» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى.

«شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ بۇلۇتقا چىقىشى»غا قاتناشقان كارخانا 20 مىڭدىن ئاشتى. ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى، قاراماي شەھىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى «ئۈچ تور يۇغۇرۇلغان» شەھەر قۇرۇپ چىقتى؛ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئاقىل+» قۇرۇلۇشى مەھەللە مۇلازىمىتىدىن تامغا بېسىپ كىنىشكا بېجىرىشكىچە، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئاممىۋى مۇلازىمەتكىچە بولغان ئىشلارنى قولايلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنى زامانىۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

2020 - يىلى، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىلىرى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى %10.4 ئاشتى، ئۇنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ GDP سىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %27.3كە يەتتى.

كۆپ ساھەدە «رەقەملىشىش دەرۋازىسى» ئېچىلدى

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ئاقىل كان قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلاپ، كانچىلىق ساھەسىدە يېشىل، بىخەتەر، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

5G تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى سانائەتنىڭ ئالاقە تورى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ ساھەنىڭ «رەقەملىشىش دەرۋازىسى»نى ئاچتى، ھەرقايسى كەسىپلەر چوڭقۇر بولغان رەقەملىشىش ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلدى.

شىنجاڭ جۇڭتەي(گۇرۇھ)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خۇاۋېينىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان سانائەت ئالاقە تورى، 5G تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، فۇكاڭ ئېنېرگىيەسى، خۇاتەي شىركىتى، توقسۇن نېڭخۇادىن ئىبارەت ئۈچ رەقەملىشىش باغچە رايونىنى بەرپا قىلىپ، «رەقەملەشكەن باغچە رايونى» «رەقەملەشكەن كان قۇدۇقى» قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر يەتكۈزۈش يولى 5G+ ماشىنا ئادەم بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈلىدىغان بولدى؛ شەرقىي جۇڭغار 1100 كىلوۋۇلتلۇق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئۆزگەرتىش پونكىتى 5G+360 گىرادۇسلۇق VR تېخنىكىسى ئارقىلىق تولۇق كۆرۈنۈشلۈك سىنغا ئېلىنىپ، 4K يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنمە ئۈسكۈنىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈلىدىغان بولدى؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسى ھەم ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىللىرى بېكىتىلىپ، ئۈچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېخ(زاۋۇت) يېتىلدۈرۈلدى... سانجى ئوبلاستى سانائەت ئالاقە تورىدىكى بىر تۈركۈم تىپىك قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەتتە ئورۇن «ئاپتونوم رايوننىڭ 5G+ سانائەت ئالاقە تورى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى، باغچە رايونى بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئالاقە تورى يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق 20 نەچچە نۇقتىلىق كەسىپنى قاپلىغان بولۇپ، رەقەملەشكەن لايىھەلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ياسىمىچىلىق، تورلاشقان ماسلاشتۇرۇش، سەرخىللاشقان باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر تېز ئومۇملاشتۇرۇلدى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ماشىنا - جابدۇق، قېزىش كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. سانائەت ئەسلىھەلىرىنى بۇلۇتقا چىقىرىش ۋە كارخانىلارنىڭ بۇلۇتتىن پايدىلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سانائەت APPسىنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ. سانائەت باغچە رايونى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «باغچە رايونى ئاقىل چوڭ مېڭىسى» بەرپا قىلىدۇ.

رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش دولقۇنى مەۋج ئۇردى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ يۇمشاق دېتال كەسىپلەر باغچىسى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال كەسىپلەر باغچىسىدا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 550تىن ئارتۇق بولۇپ، 225 كارخانا كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشتى. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ يۇمشاق دېتال كەسىپلەر باغچىسىدا «جۇڭگو يۇمشاق دېتال داڭلىق كەسىپلەر باغچىسى» بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ سىياسىتى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇمشاق دېتالنى قوللىنىش ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، سانائەت يۇمشاق دېتاللىرىنى چوڭقۇر قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 51 ناھىيە (شەھەر) ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە، شەھەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بايرىمى، تۈرلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ھەم يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 300 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 200 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكۈنە قاتارلىق تېرمىنال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مىكرو كومپيۇتېر، مۇلازىمەتچى كومپيۇتېر، كومپيۇتېر يانداش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر، يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنىڭ قاتتىق دېتال ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.