تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

تۇرپان شەھىرى:

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە قىزغىنلىق يېتەرلىك بولدى

«بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم غەم قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى پىلانلاپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردۇق» دېدى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېنشېڭ.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» بويىچە تۈر تىزىملىكى تۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇرۇش بىلەن، ئىش ئورنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.

ئېتىز بېشىدىكى «مىكرو يىغىن مەيدانى»دا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئەۋەتكەن ئورۇنلاردىكى كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك ئارىلىقىدا 100 يىللىق پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى بىللە ئەسلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر جۈپ قولى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى پارتىيە دەرسىنى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا يۆتكەپ كېلىپ، بىزنى پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىزنىڭ كەنتىمىزنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى ماچاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ماھىرەگۈل قادىر «ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

يوللار راۋانلاشتى، خەلق بېيىدى، يېزا - كەنتلەر گۈزەللەشتى

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەندىلا، پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى قورغان كەنتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن ئاممىۋى قاتناش بېكىتىگە كېلىپ ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى. ئاممىۋى ئاپتوبۇس دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىپ، 30نەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى.

«ئىلگىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇس يوق ئىدى، پەقەت ۋېلىسىپىت ياكى توكسىكلىت بىلەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇيتتۇق، بەكلا قولايسىز، شۇنداقلا بىخەتەر ئەمەس ئىدى» دېدى قورغان كەنتىدىكى تولۇقسىز 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئابلەت ئابلىز.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پىچان ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان چوڭ ئاممىۋى قاتناش تورىنى بەرپا قىلىپ، يېزا نۆۋەتچى لىنىيە يولۇچى تىرانسپورتىدىن شەھەر - يېزا ئاممىۋى قاتنىشىغا سىلىق ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى باراۋەرلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئىشلار ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك بېجىرىلدى: ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى لۈزۇڭ كەنتى يېزا يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېزىلاردا سەييارە خالىس كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي شىنجاڭ قالقانسىمان بەز كېسىلىنى داۋالاش مەركىزى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى قالقانسىمان بەز كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى؛ پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى سىركىپ كەنتى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى مۇستەھكەملەش تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى...

ھازىرغىچە، تۇرپان شەھىرى ئامما ئۈچۈن 28 مىڭ 915 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئىشتىن 3454نى ھەل قىلدى.

تېخنىكا يەتكۈزۈلۈپ كەسىپلەر گۈللەندى

«ئىلگىرى مەن بىر يىلدا پەقەت بەش قېتىم سۇغىراتتىم، ئۈزۈم تېلىنى ئۈچ قېتىم پۇتايتتىم، ئەزەلدىن مېۋىسىنى شالاڭلاتمايتتىم. ئۈزۈم كۆپ مېۋە بەرسىمۇ، لېكىن دانىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايتتى، سۈپىتى تەلەپكە يەتمەيتتى، كىرىمىم ھەمىشە باشقىلارنىڭكىدىن ئاز بولاتتى. بۇ يىل، تېخنىكلارنىڭ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشىدا ئۈزۈمدىن قىلغان كىرىمىم چوقۇم خېلى كۆپ ئاشىدۇ» دېدى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى تۈگمەن بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئۆمەر ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ.

5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرپان شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئۈزۈم تېلىنى پۇتاش تېخنىكىسى بويىچە نەق مەيداندا تەربىيەلەشكە قاتناشتى. شۇ كۈنى، تېخنىكلار ئۈزۈم تېلىنى پۇتاش، ئوغۇت، سۇ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك چۈشەندۈردى ھەم كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

4 - ئايدىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى كۆپ قېتىم تېخنىكا تايانچلىرىنى ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىگە بېرىشقا تەشكىللەپ، ئۈزۈمنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش بويىچە نەق مەيداندا تەربىيەلەشنى سىجىل قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە تەربىيەلەنگەن ئامما 400 كىشىدىن ئاشتى.

تۇرپان شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.