تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر كۆۋرۈك تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىنى بەرپا قىلدى

گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى (6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ داۋاملىق غەربكە قاراپ سەپەر قىلدى. قورغاسقا بارىدىغان يولدا، پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى توردا ئالقىشلانغان كۆۋرۈك − گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىگە كەلدى.

گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى شىنجاڭدىكى تۇنجى قىيپاش تارتىلغان كۆۋرۈك، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تاشيولدا قوش مۇنارلىق، قوش ئارقانلىق پولات لىم قىيپاش تارتىلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈشى شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم، زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

يېشىللىققا پۈركەنگەن ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار ئارىسىدا كۈمۈش رەڭلىك بىر چوڭ كۆۋرۈك خۇددى غايەت زور ئەجدىھادەك بوشلۇقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزى ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى تاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل گوزىگوۋغا ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرە بېغىشلاپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

گوزىگوۋ ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ تەبىئىي دەرۋازىسى. قەدىمكى دەۋردە، بۇ جاي دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، «پولات ئۆتكەل» دەپ ئاتالغان. گوزىگوۋنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، بۇ جاينىڭ قاتنىشى ئەزەلدىن قىيىن مەسىلە ئىدى.

بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن لى بىن ئىلى دەريا ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ شىنجاڭ قاتناش سېلىنما(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلى شۆبە شىركىتى يول ئاسراش ۋە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى. ئىلگىرىكى سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا، ئۇ ناھايىتى خورسىنىدۇ.

«1997 - يىلى، مەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇيتتىم، ئۇ چاغدا ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتچى ئاپتوبۇستا 24 سائەت ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.» لى بىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر تاغلىق رايوندا ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتەتتى.

گوزىگوۋ جىلغىسىدىكى تاغ چوققىلىرى تىك، چوقچىيىپ تۇرىدۇ، ھەمدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى ئاپتوموبىل گوزىگوۋدىن ئۆتكەندە «S شەكىللىك» ئايلانما تاغ يولىدا ماڭاتتى، يولنىڭ بىر تەرىپى تىك يار، يەنە بىر تەرىپى چوڭقۇر ھاڭ ئىدى. ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، گوزىگوۋ ئۇلارنىڭ دەريا ۋادىسىدىن چىقىش قەدىمىنى توسۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى.

2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، گوزىگوۋنىڭ قاتناش بوغما ھالىتى ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇپ تاشلاندى. «ھازىر، بىز ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارماقچى بولساق، ئەتىگەندە يولغا چىقساق، چۈشتىن كېيىنلا يېتىپ بارىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن مۇساپىدە يول ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى، بىخەتەر ھەم قولايلىق» دېدى لى بىن.

گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى سەپەرگە چىقىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى تېزلىتىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 47 ياشلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى سۈي يۇڭجياڭ بىر ئاپتوموبىل ھاكنى ئېلىپ گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ كۆكدالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.

«چوڭ كۆۋرۈك پۈتۈشتىن بۇرۇن، بورتالادىن چىقىپ گوزىگوۋنى كېسىپ ئۆتۈشكە بەش - ئالتە سائەت كېتەتتى، ھازىر ئىككى سائەتمۇ كەتمەيدۇ. بۇ نەچچە يىلدا، ئىككى جاي ئارىسىدىكى يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپەيدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ كۆپەيدى.» سۈي يۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: تۆت يىل ئىلگىرى، تەخمىنەن تۆت كۈندە بىر قېتىم بورتالا شەھىرى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ كېلىدىغان زاكاز ئالالايتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم بۇ لىنىيەگە زاكاز ئالالايمىز.

شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ بو مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكىمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، چوڭ كۆۋرۈكتە قاتنىغان ئاپتوموبىل قېتىم سانى كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %10 ئەتراپىدا ئاشقان.

سەپەر خاتىرىسى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە قاتناش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەيشەنبە ھاۋا ئوچۇق

گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى ئىلى دەريا ۋادىسىنى مىڭ يىللاردىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تارىخقا ئايلاندۇردى.

گوزىگوۋ ئىلى دەريا ۋادىسىغا كىرىپ چىقىدىغان «بوغۇز» جاي بولۇپ، ئىلگىرى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تەبىئىي توسۇق ئىدى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى.

كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا گوزىگوۋ چوڭ كۆۋرۈكى ياسالدى. بىر كۆۋرۈك ياسىلىپ، تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى، ئىلگىرىكى قاتناش قىيىن بولغان جاي داغدام يولغا ئايلاندى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ياسىلىپ، چوڭ كۆۋرۈكلەر سېلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىرنى بۆسۈپ ئۆتتى.

بۇ يىل «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل. بىز جەزمەن قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

(لۇ فېڭباۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.