تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

ئالتاي ۋىلايىتى:

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ  ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ يىرۇ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا، ئالتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«يېڭىچە» شەكىلدە قەلبلەرگە تېخىمۇ سىڭدۈرۈش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئۈلگە، نەمۇنە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 2515 پارتىيە ياچېيكىسىنى، 52 مىڭ 893 پارتىيەلىك كادىرنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىدىن تەرەققىيات كۈچى قوبۇل قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى.

«رەھبىرىي كادىرلاردا باشتىن - ئاخىر خەلقچىل ھېسسىيات بولۇشى كېرەك» دېدى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزە «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى» مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئوقۇش تاماملانغاندا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن. قانداق قىلغاندا خەلقچىل ھېسسىياتنى قەلبكە پۈككىلى بولىدۇ؟ جاڭ يەن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ، قەلبتە چوقۇم خەلق بولۇش، چىن قەلبتىن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەنلىك، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئاممىنىڭ باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشى ۋە قىيىن ئىشىنى قانچىلىك ھەل قىلىپ بەرگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ».

جاڭ يەن مۇنداق دېدى: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا، ئالتاي ۋىلايىتى ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، <پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش>نى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كۈچلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى <ئەمەلىي ئىش قىلىش> ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى <يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش>تىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئوتلاق كۆچۈشتىكى بەختلىك ئۆتەڭ، ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويدى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خەلققە پايدىلىق يۈرۈشلۈك ھەرىكەتلەرنى باشلاپ يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئامما ئاكتىپ قاتناشتى، ئىنكاسى قىزغىن بولدى».

ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى نىشان - تەلەپنى چىڭ كۆزلەپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، سۈپىتىنىڭ يېتەرلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئارقىلىق، بىر بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئالتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ جىغان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. 4 - ئاينىڭ بېشىدا، بۇ شىركەت ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئۈچ جىغان تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليون يۈەنلىك جىغان مېۋىسى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

يەر ئاغدۇرۇش، چۆنەك ئېچىش، تېرىش... 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قابا ناھىيەسى كۆلباي بازىرىنىڭ قايىڭدى ئارال كەنتىدە، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئاتلىنىپ، 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «دورا جىلغىسىدىكى گۈل دېڭىزى» مەنزىرە بەلبېغىنى بەرپا قىلدى. «كەنت ئاھالىسىنى كىرىمنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، كۆلباي بازىرى بۇ كەنتنى يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت ئېكسكۇرسىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، يېزىنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.» كۆلباي بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شۇەيجۈن مۇنداق دېدى: بۇ كەنت بۇ يىل 330 مو ئوبوروت يەرگە ئىقتىسادىي قىممىتى بار جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىشنى سىناق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەم ساياھەتچىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغىلى، ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاپ، ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىلىشىش نۇقتىسى، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇن، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان يېزا - بازار، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كەنت ئائىلىلىرى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرىدىن سەككىز چوڭ تۈر بويىچە 1000دىن ئارتۇقنى بېكىتتى. ئىش ئورنى ئەمەلىيىتى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئەمەلىي ئىشلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئەمەلىي مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى ساياھەتچىلىك ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ - ئامان، گۈزەل، بەختلىك ئالتاي قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچىدى.

«ھەرقايسى كەنت ئاھالىلىرى، تېزدىن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ چۈجە، كۆكتات مايسىسى ئېلىۋېلىڭلار، ھەممە ئائىلىگە بار!» 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراتۆڭگە بازىرى ئورتا ئارغىلتاي كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ چوڭ كانىيىدىن كۆكتوقاي ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئېرجان بۇلاشنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

«ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن چۈجە، كۆكتات مايسىلىرىنى ئېلىپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم.» كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۈخۇەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كەنت ئىستىراھەت، سەيلە - ساياھەت، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى بەرپا قىلدى، ئاۋات مەزگىلدە ئائىلىمىزنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ...»

«كىچىك دوستلار، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ 3 - نومۇرلۇق كان مەنزىرە رايونى دۆلىتىمىزنىڭ <ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ>ىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ھەم دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان بولۇپ، <قەھرىمان كان> <تۆھپىكار كان> دەپ تەرىپلەنگەن...» 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدا، كۆكتوقاي تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش ئەمەلىيەت لاگېرىنىڭ مەسئۇلى جوۋ پىڭ تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش ساياھىتىگە قاتناشقان كىچىك دوستلارغا شۇنداق چۈشەندۈردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى قىزىل بايلىق «مول كانى»نى قېزىپ بىرىكتۈرۈپ، سەرخىل لىنىيەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دەرسخانىسى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى، كەڭ ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.