تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۇ تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتكۈزدى ھەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى، سۇچىلىق ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، سۇچىلىقنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش

6 - ئايدا لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئۇدا يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى ئەتراپىدىكى توغراق، يۇلغۇن، قومۇشلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھاياتىي كۈچكە تولغان توغراقلىق كەچكى شەپەق نۇرىدا ئالتۇن نۇر چېچىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كېلىشكە جەلپ قىلدى.

لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق ئۆتۈش گۈزەللىكى شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام بىر كۆرۈنۈشى. 2000 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 21 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 8 مىليارد 430 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈپ، تۆۋەن ئېقىن ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، تۆۋەن ئېقىن دەريا بويىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى.

شىنجاڭ «دەريا - كۆللەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش»نى سۇچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزدى.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى شوجاڭزا كەنتى 4 - گۇرۇپپىدىكى بىر ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ يېنىدا، يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلگەن ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى توغرا خاتىرىلىيەلەيدۇ ھەم سانلىق مەلۇماتلارنى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 2019 - يىلىدىن باشلاپ، جىڭ ناھىيەسى يەر ئۈستى سۈيىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت قۇدۇق ۋە توكنى قوش تىزگىنلەش تۈرىنى قۇرۇشنى باشلاپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى تۆت ئاساسلىق دەريا ئېقىنى، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن توققۇز ئېقىن، ئىككى سۇ ئامبىرى، 172 غول، تارماق، كىچىك ئۆستەڭ ۋە 1040 ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ ھەممىسىگە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھېسابلاش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىپ، سۇچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

2017 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ماسلاشتۇرۇلۇشى تەرتىپلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قاتتىق، قوغدىلىشى كۈچلۈك بولغان دەريا - كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ - كىچىك دەريا - كۆللەرنىڭ ھەممىسىدە ئېنىق قوغدىغۇچىلار بار بولدى، زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، دەريا - كۆللەرنى دائىملىق چارلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش

شىنجاڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، ئىچىدىغان سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقىچە، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىدىن شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاشقىچە، سۇچىلىق خادىملىرى باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى مەسئۇلىيەت ۋە ئىنتىلىش قىلىپ، سۇچىلىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

2020 - يىلى 6 - ئايدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈپ، سۈپسۈزۈك سۇ دېھقانلارنىڭ ھويلىسىغا ئېقىپ كىردى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ قەلب ئېتىزىغا ئېقىپ كىردى. بۇ قۇرۇلۇش پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. «كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆل سۈيى ئىچەتتۇق، كېيىن يەر ئاستىدىن سۇ تارتىدىغان بولدۇق، ئازراق پۇراق بار ئىدى، سۇ ئىشلىتىشىمىزمۇ مۇقىم ئەمەس بولۇپ، دائىم سۇ توختاپ قالاتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل يېڭىدىن تۇتاشتۇرۇلغان تۇرۇبا سۈيىنى ئىچىپ ناھايىتى تاتلىق ھېس قىلدۇق» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا ھاشىم.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يېزىلاردا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 400دىن ئارتۇق تۈرنى يولغا قويۇپ، بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش

شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ زامان - ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، قانداق قىلغاندا تەرەققىيات داۋامىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ؟ 2017 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت، قانۇن - نىزام، تېخنىكا ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قومۇل شەھىرى ئىسلاھات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى خۇاڭلۇگاڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى لۈ رۇڭگۇاڭنىڭ 52 مو يېرى بار ئىدى. سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ شۇ جايدا يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لۈ رۇڭگۇاڭ 52 مو يېرىدە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىمى ئاشتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش، نورمىلىق باشقۇرۇش ئاساسىدا، 38 سۇ ھوقۇقى سودا سۇپىسى قۇرۇپ، دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى ئېشىنچا سۇ مىقدارى سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق سۇ تىزگىنلەش تەپەككۇرى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، «خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىقى» ۋە سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتى پۇختا سۇچىلىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ تۈزەش كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.