تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ «كىچىك ئۆمەك» شەكلىدىكى ئىسلاھات خاتىرىسى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى شىخو شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ، غەربكە قاراپ ئۈچ سائەتكە يېقىن يول يۈرۈپ، بورتالا چېگرا ئىقتىسادى ھەمكارلىق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چېگرا ھەمكارلىق رايونى» دېيىلىدۇ)غا يېتىپ كەلدى.

6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، چېگرا ھەمكارلىق رايونىدىكى بىر ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيىنىڭ ئىچىدە، بورتالا شەھىرى رۈنجىن ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يۈەنرۇي ئىشچىلارنى باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەڭشەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ شىركەت رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلايتتى.

«بۇلتۇر 6 - ئايدا بىز شېنجېندىن كېلىپ بۇ يەرگە ماكانلاشتۇق، بىرىنچى باسقۇچلۇق تۈرگە 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق، لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 3000 گۇرۇپپا ئوپتىكىلىق كامېرا ئىشلەپچىقىرىش» دېدى جاڭ يۈەنرۇي.

شېنجېندىن بورتالاغىچە بولغان ئارىلىق 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ شىركەت نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە ماكانلىشىشنى تاللىدى؟

«بىز بىر تەرەپتىن، بۇ يەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە قىزىقتۇق، چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئالاتاۋ پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 40نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ئېكسپورت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا قولايلىق ئىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جاينىڭ ئىشچى ئىشلىتىش، توك، يەر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەن» دېدى جاڭ يۈەنرۇي.

چېگرا ھەمكارلىق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلىرىنىڭ چېگرا سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلىش رايونى، چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشتىكى ۋاسىتە. بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ <كىچىك ئۆمەك> تەشكىللەش شەكلىدىكى دومىلىما تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، چېگرا ھەمكارلىق رايونلىرىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرىدىكى ۋۇتەي سانائەت باغچە رايونى، شەرقىي سانائەت باغچە رايونى ۋە ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك سانائەت باغچە رايونى بىر قېتىملىق چوڭ تەڭشەشنى كۈتۈۋالدى.

بورتالا شەھىرى چېگرا ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رامكىسى ئىچىدە، بۇ بىرقانچە باغچە رايونىنى بىرىكتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، ئوخشاش بىر باشقۇرۇش كوللېكتىپى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش سودىگەر چاقىرىشتەك مەشغۇلات شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.

«بۇ بىرقانچە باغچە رايونى بورتالا شەھىرىدە بولۇپ، ئىلگىرى ئۆز ئورنىنى بەلگىلىشى توغرا بولماسلىق، تەرتىپسىز تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى. بىز چېگرا ھەمكارلىق رايونىنى باشلامچى قىلىپ، بىر رايون، ئۈچ باغچە قىلىپ بىرىكتۈرۈپ، باغچە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆمەك تەشكىللەپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى قارار قىلدۇق» دېدى بورتالا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، چېگرا ھەمكارلىق رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ ليەنجۈن.

بۇ تەرەققىيات پىكىر يولىغا ئاساسەن، ئۈچ باغچە رايونىنىڭ كەسىپ پىلانى قايتىدىن تەڭشەلدى. چېگرا ھەمكارلىق رايونىدىكى ئاساسلىق رايون(ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك سانائەت باغچە رايونى) ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، تاش ماتېرىياللىرى ئايلانما ئىقتىسادى ۋە ئالتۇن سودا كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ۋۇتەي سانائەت باغچە رايونى يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ؛ شەرقىي سانائەت باغچە رايونى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىدۇ.

باغچە رايونلىرىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پىكىر يولىدىمۇ يېڭى بۆسۈش بولدى.

بورتالا شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋېي سۇڭ بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ چېگرا ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى دېگەن يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولدى. شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىشى بورتالا شەھىرىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.

ۋېي سۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىش كارخانىلارنى سودىگەر چاقىرىشتىن ماكانلىشىشقىچە بولغان جەرياندا يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرىدىغان مەسئۇل خادىمغا ئىگە قىلىدىكەن. «ئىلگىرى بىز سودىگەر چاقىرىشقىلا مەسئۇل بولاتتۇق، ھازىر كارخانىلارنىڭ كېڭىشىشتىن ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىگىچە ھەممىسىگە چېگرا ھەمكارلىق رايونى قارىمىقىدا تەسىس قىلىنغان سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت بۆلۈمى پۈتۈن مۇساپىلىك مەسئۇل بولىدۇ» دېدى ۋېي سۇڭ.

بۇ يىل 5 - ئايدا، بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىنكى چېگرا ھەمكارلىق رايونى تۇنجى قېتىم چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغا بېرىپ سودىگەر چاقىردى. كارخانىچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، ۋېي سۇڭ يەڭگىللەپ قالدى.

«بىز ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە سودىگەر چاقىردۇق، نۇرغۇن كارخانا، بولۇپمۇ ئېكسپورتقا پىششىقلاش تىپىدىكى كارخانىلار چېگرا ھەمكارلىق رايونىغا بەك قىزىقتى، يېقىندا ئىككى كارخانا نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرمەكچى» دېدى ۋېي سۇڭ.

كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، چېگرا ھەمكارلىق رايونى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر باغچىسى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى سالدى؛ 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر باغچىسى 3 - قارارلىق قۇرۇلۇشىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل 8 - ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر باغچىسىغا ئېلېكتىرونلۇق ياسىمىچىلىق كارخانىسىدىن 15ى ماكانلاشتى، يەنە ئون كارخانا ماكانلىشىشنى كۈتمەكتە.

ھازىرغىچە، چېگرا ھەمكارلىق رايونى كۆلەمدىن يۇقىرى 46 كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 205 كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى.

□سەپەر خاتىرىسى

ئىسلاھات باغچە رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى

6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى  دۈشەنبە  ھاۋا ئوچۇق

بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چېگرا ھەمكارلىق رايونى» دېيىلىدۇ)دا زىيارەتتە بولغاندا، ئىسلاھاتنىڭ كۈچى مېنى يەنە بىر قېتىم ئىختىيارسىز ھاياجانغا سالدى.

چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، بورتالا چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىدە بار بولغان تەرەققىيات بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، يەنە باشقا كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى.

چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، باغچە رايونى ئىسلاھاتىدا باغچە رايونىنىڭ رايون فۇنكسىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، باغچە رايونىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاساسىي كەسىپكە كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، سودىگەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، باغچە رايونى قوشۇنىنىڭ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان جاسارىتىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەشىقىنى يېتەرلىك قىلىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىش كېرەك.

(چېن چياڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.