ئاپتور: نيەن لېي
6-ئايدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان باغراش كۆلى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، 600 مىڭ مو قومۇشلۇق سۇلۇق يېرى يېشىللىققا پۈركىنىپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل سۈيى بىلەن گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى «سۈيى سۈزۈك، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، باغراش كۆلىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش تۈرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى