ئاپتور: چېن شۇاڭشى
باش يازدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قۇلىستاي ئوتلىقى سۇلۇق يېرىدە، ئاققوتان، قارا تۇمشۇق چايكا قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى بۇ جايدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئوينىشىپ، ئوزۇق ئىزدەپ، ئوتلاقتىكى ئارغىماق، قوي-كالىلار بىلەن بىرلىكتە ئىناق، گۈزەل تەبىئىي ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.
قۇلىستاي ئوتلىقى سۇلۇق يېرى پەسىل خاراكتېرلىك سۇلۇق يەر بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەگرى-بۈگرى دۆربىلجىن دەرياسى بۇ جاينى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ جايدا قومۇشلار قويۇق، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول. سۇلۇق يەرنى بويلاپ ماڭغاندا، گاھىدا قومۇشلار ئوراپ تۇرغان سۈزۈك كۆل كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ياۋا غاز، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق تۈرلۈك پەسىل قۇشلىرى، سۇ قۇشلىرى ۋە بېلىقلار سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدۇ؛ گاھىدا يەنە بۇلاق، كۆل، كىچىك ئېقىنلاردىن ھاسىل بولغان كىچىك ئېرىقچىلارنى بويلاپ ماكانلاشقان ئارغىماق، قوي-كالىلار ۋە ئۇچار قۇشلار كۆزگە چېلىقىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاغانتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)