تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

18 «قىزىل بارماق ئىزى»دىن ياڭرىغان «گۈلدۈرماما»

شياۋگاڭ كەنتى:

18 «قىزىل بارماق ئىزى»دىن ياڭرىغان «گۈلدۈرماما»

1981 - يىلى، قىسمەن «چوڭ ھۆددىگەرلىك» باشلامچىلىرى پاخال ئۆينىڭ ئالدىدا چۈشكەن ئوپچە سۈرەت (ماتېرىيال سۈرەت). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن نو

يازلىق يىغىم ۋاقتى يېتىپ كەلدى، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزىدىكى بۇغداي باشاقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى، تۈپتۈز، ئازادە يوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خۇيجوۋ ئۇسلۇبىدىكى كىچىك بىنالار ئارىسىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى يېڭىلا ئېسىلغان بولۇپ، مۇئامىلىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

شياۋگاڭ − تارىخ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ كەنت يەنە بىر يىللىق مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندىكى مەنزىرىدىن 40نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ كەنتنىڭ ئاشلىق ئىستېمالىدا سېتىۋېلىشقا، پۇل ئىشلىتىشتە قۇتقۇزۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرزگە تايىنىدىغان «ئۈچتە تايىنىدىغان كەنت» ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. تاغلىق يېزىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەينى يىلىدىكى 18 دېھقان ئەزىمەتنىڭ «قىزىل بارماق ئىزى»دىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

1978 - يىلى، ئەنخۇي 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان بىر مەيدان ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان. ئېتىز - ئېرىقلار چاك - چاك يېرىلىپ، يەرلەر ئاق قالغان، نۇرغۇنلىغان دېھقان سىرتلارغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلغان. «مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان، يەر تەقسىملەپ يەككە ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان» ئاشۇ يىللاردا، ئىش قىلغاندا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق بولۇش»، تەقسىماتتا «داشقازان تامىقى يېيىش» دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، بىر يىلدا تاپقان ئىش نومۇرىغا ئاران 100 جىڭغا يېقىن ئاشلىق بۆلۈپ بېرىلەتتى.

ئاچلىقتىن قورقۇپ كەتكەن شياۋگاڭلىقلارنىڭ كۆڭلىگە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيىش ئۈچۈن جەزمەن يەرنى تەقسىملەپ ئايرىم ئىشلەش كېرەكلىكى ئايان ئىدى! 1978 - يىلى قىش كېچىسى، شياۋگاڭ كەنتىدىكى بىر ئېغىز ۋەيرانە، كونا پاخال ئۆيدە، 18 دېھقان ئەزىمەت بالىچاقىلىرىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، قەسەم بېرىپ ئىتتىپاق تۈزۈپ، «مەخپىي كېلىشىم» ئىمزالاپ، قىپقىزىل بارماق ئىزىنى باستى.

«بىز يەرلەرنى ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بېرىمىز، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئىمزا قويۇپ تامغا باسىدۇ، ئەگەر كېيىن شۇنداق قىلالىساق، ھەربىر ئائىلە پۈتۈن بىر يىللىق يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغانلىرىغا ۋە غەللە - پاراققا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەتتىن پۇل، ئاشلىق تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئەمەلگە ئاشمىسا، بىز كادىرلار تۈرمىدە ياتساقمۇ، كاللىمىز كەتسىمۇ رازى، ئەزالارمۇ بالىلىرىمىزنى 18 ياشقىچە بېقىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ».

بۇ «ھايات - ماماتلىق كېلىشىم» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت مۇزېيىغا قويۇلدى. «چوڭ ھۆددىگەرلىك» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1979 - يىلى شياۋگاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى مول ھوسۇل ئالدى، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1955 - يىلىدىن 1970 - يىلىغىچە بولغان ھوسۇلنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر بولدى.

18 قىزىل بارماق ئىزى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىز يېزىلىرىنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، «بىرىنچىدىن كۆلىمى چوڭ، ئىككىنچىدىن ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان خەلق گۇڭشېسى تۈزۈلمىسى ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇپ تاشلىنىپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئازاد قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت كەم، قىس بولۇش ھالىتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دېھقانلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

يەن خۇڭچاڭ، يەن جىنچاڭ، گۇەن يوۋجياڭ، يەن لىخۇا... ئەينى يىلى «جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ» «چوڭ ھۆددىگەرلىك»نى يولغا قويغان 18 دېھقان ئەزىمەتتىن ھازىر ئاران ئونى قالدى، كۆپىنچىسى 70 ياشتىن ئاشتى.

«جىنچاڭ ئاشپۇزۇلى»نىڭ ئالدىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا، 80 ياشقا يېقىنلاپ قالغان يەن جىنچاڭنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. جىنچاڭ ئاشپۇزۇلى ئۇ ئۆزى ئاچقان دېھقانلار ئارامگاھى بولۇپ، ھەر يىلى يۈزنەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. كۆپ يىللار ئىلگىرى، ئۇ ئەينى يىلى خەۋپ - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئېرىشكەن 30نەچچە مو ئېتىزنىڭ ھەممىسىنى ئوبوروت قىلىۋېتىپ، بالىلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم «ئىگىلىك تىكلىدى»: دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، تاللا بازىرى ئاچتى، يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى...

دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شياۋگاڭلىقلار ئىسلاھاتنىڭ بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا پۈتۈپ قالمايدىغانلىقىنى، جەزمەن «ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش»تەك شياۋگاڭ روھىغا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بايقىدى. شياۋگاڭ كەنتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە باشلامچىلىق بىلەن يېزا باج - ھەق ئىسلاھاتى، يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش - تىزىملاش - كىنىشكا تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، كوللېكتىپ مۈلكى پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى، «ئۈچنى ئۆزگەرتىش» (بايلىقنى مۈلۈككە ئۆزگەرتىش، مەبلەغنى پايغا ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنى پايچىكقا ئۆزگەرتىش) ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «ھەممە ئائىلە يەرنى ھۆددىگە ئېلىش»تىن كەنت كوللېكتىپ مۈلكىگە قارىتا «ھەممە كىشى پاينى ئىلكىدە تۇتۇش»قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

فۇجيەن پەنپەن گۇرۇھى، بېيجىڭ ئېنيۈەن شىركىتى، خېيلۇڭجياڭ بېيداخۇاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى، ئەنخۇي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى... ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شياۋگاڭ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ مەنبەسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، كىرىم جەھەتتىمۇ «ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، شياۋگاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 16 مىڭ 169 يۈەندىن ئېشىپ 27 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمى 6 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 11 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭ ھۆددىگەرلىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات دولقۇنىنى قوزغاپتۇ، بىزچۇ؟» − «شياۋگاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش» ۋىيشىن توپىدا دائىم مۇشۇنداق مۇزاكىرە بولۇپ تۇرىدۇ.

بۇ ۋىيشىن توپىدا شياۋگاڭ كەنتىدىكى 18 «يېڭى باشلامچى» − شياۋگاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش چولپانلىرى بار، يەنە شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان، ئوي - پىكىرگە باي ياشلارمۇ بار.

شياۋگاڭ كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يەن يۈشەن توپ ئەزالىرىنىڭ بىرى، ئۇ «چوڭ ھۆددىگەرلىك» باشلامچىسى يەن خۇڭچاڭنىڭ ئوغلى. سىرتتا كۆپ يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، 2014 - يىلى ئۇ كىرىمى خېلىلا يۇقىرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتلاندى. ئۇنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە بىر پارچە ئاق دوسكا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شياۋگاڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم «ھەل قىلغۇچ چارە»لەرنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.

«ئاتا - بوۋىلارنى ياد ئېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى داۋاملىق ئىسلاھات قىلىش.» يەن يۈشەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ «گۈلدۈرماما» ساداسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىق ياڭرىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.