تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چىن قەلبىدىن جۇڭگونى سۆيۈش

ئېپستېين:

چىن قەلبىدىن جۇڭگونى سۆيۈش

ئېپستېيننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن جيې

«مەن جۇڭگونى سۆيىمەن، جۇڭگو خەلقىنى سۆيىمەن، جۇڭگو مېنىڭ ئائىلەم، دەل مۇشۇنداق مۇھەببەت مېنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇمنى جۇڭگونىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغان.» بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىدىكى بىر پارچە كىتاب بېتى شەكىللىك تاش ئابىدىگە مۇشۇنداق بىر قۇر خەت يېزىلغان.

بۇ سۆزنى دېگەن كىشى دەل ئىزرېيل . ئېپستېين بولۇپ، ئۇ چەت ئەللىك چىراي جۇڭگولۇق.

1915 - يىلى 4 - ئايدا، ئېپستېين ۋارشاۋادا يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىككى ياش ۋاقتىدا، ئاتا - ئانىسى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ، ئاۋۋال خاربىندا تۇرغان، كېيىن تيەنجىندە ئولتۇراقلاشقان.

1937 - يىلى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، ئېپستېين جۇڭگودىكى جەڭگاھ مۇخبىرلىقى ھاياتىنى باشلىغان. تيەنجىن، نەنجىڭ، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، شياڭگاڭ − جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە، ئۇ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ جۇڭگو خەلقى بىلەن باشتىن - ئاخىر قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ياپون فاشىستلىرىنىڭ جۇڭگودا سادىر قىلغان ئۇرۇش زوراۋانلىقىنى پاش قىلىپ، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاياتلىق يولى ئىزدەش ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى مەدھىيەلىگەن.

1944 - يىلى، ئېپستېين ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە مۇخبىرلار ئۆمىكىگە قاتنىشىپ يەنئەنگە بارغان. ئۇ ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ يازغان 20 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ھەم «جۇڭگودىكى تاماملانمىغان ئىنقىلاب» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 1947 - يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارادا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

ئۇ يەنئەندە جۇڭگولۇق كەسىپداشلىرىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنجى ئىنگلىزچە تېلېگراممىسى ئۇ تۈزىتىپ بەرگەندىن كېيىن تارقىتىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا باشلىغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ چىڭلىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئېپستېين جۇڭگوغا قايتىپ، يېڭى جۇڭگو تاشقى تەشۋىقات ژۇرنىلى «جۇڭگو قۇرۇلۇشى»(كېيىن نامى «بۈگۈنكى جۇڭگو»غا ئۆزگەرتىلگەن)نى چىقىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان.

ئېپستېين 1957 - يىلى جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، 1964 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىل بىللە خىزمەت قىلغان «بۈگۈنكى جۇڭگو» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ سابىق 1 - مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاڭ يەن ئىلگىرى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: ئېپستېيننىڭ جۇڭگونىڭ تاشقى تەشۋىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى بىر پارچە ماقالىنى تۈزىتىش ياكى بىر ژۇرنالنى ياخشى چىقىرىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا قاتلىمىدىن يېڭى جۇڭگونىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بولدى.

«تارىخ ماڭا بەلگىلەپ بەرگەن زامان ۋە ماكاندا، مېنىڭچە ھېچقانداق ئىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەنلىكىم ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولمىسا كېرەك.» ئېپستېين تەرجىمىھالىغا ئەنە شۇنداق يازغان.

2005 - يىلى 5 - ئايدا، ئېپستېين بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. خوتۇنى خۇاڭ خۇەنبى ئېپستېيننىڭ ئەينى يىلى يازغان جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ئىلتىماسى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. سارغىيىپ كەتكەن قەغەز ۋاراقلىرىدىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ كەينىدە ئوتتەك قىزغىن جۇڭگو قەلبى بار.

«ئۇ چىن قەلبىدىن جۇڭگوغا تەلپۈنگەنىدى، ئۇنىڭ جۇڭگوغا ئالاھىدە مۇھەببىتى بار ئىدى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق كىشىنىڭ جۇڭگونىڭ نام - شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايتتى.» خۇاڭ خۇەنبى مۇنداق دېدى: ئېپستېين بىر ئۆمۈر جۇڭگونى يازدى، ئۇ خۇددى جۇڭگو ئۈچۈن تۇغۇلغاندەكلا، جۇڭگونى چوڭقۇر، ساپ مۇھەببىتى بىلەن سۆيدى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ھېچقانداق نەرسە تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

«جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىنتېرناتسىيونالىزمغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ، مەن ئىنتېرناتسىيونالىزمدىن ۋەتەنپەرۋەرلىككە قاراپ يۈرۈش قىلدىم.» ئېپستېين ئىلگىرى مۇشۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى يىغىنچاقلىغان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.