تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

بۇ ھاياتىمدا جۇڭخۇا ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىمدىن ئۆكۈنمەيمەن

ما خەيدې:

بۇ ھاياتىمدا جۇڭخۇا ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىمدىن ئۆكۈنمەيمەن

ما خەيدېنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ شياۋچىڭ

شاڭخەي شەھىرى جيۇجياڭ يولى 111 - نومۇرغا جايلاشقان دالۇ بانكىسىنىڭ ئەسلىي ئورنىغا شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن «مۇنەۋۋەر تارىخىي ئىمارەت» دېگەن نام تاختىسى ئېسىلغان بولۇپ، مەدەنىيەت - تارىخ ھەۋەسكارلىرى دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، بۇ بانكا بىناسىدا بىر خۇسۇسىي شىپاخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شىپاخانا ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى دەل دوختۇر ما خەيدې ئىدى.

ما خەيدې، ئەسلىي ئىسمى جورجى. ھاتەم، 1910 - يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى لىۋان.

1933 - يىلى، ما خەيدې ياۋروپادا تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شاڭخەيگە بېرىپ شەرق ئىسسىق بەلباغ كېسىلىنى تەكشۈرگەن. جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا قەدەم باسقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولغان.

1934 - يىلى كۈزدە، ما خەيدې سۇڭ چىڭلىڭ بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ما خەيدې چەت ئەللىك ئىلغار زاتلاردىن تەشكىللەنگەن ماركسىزم ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدا مەشھۇر زاتلاردىن سمېدلېي، لۇيىس. ئاللېي قاتارلىقلار بار ئىدى. دالۇ بانكىسىنىڭ بىناسى ئىچىدىكى شىپاخانا بىر مەزگىل ئۆگىنىش، ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، سۇڭ چىڭلىڭ يەنە بۇ جاينى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىلىشىش، يىغىن ئېچىش ئورنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.

1936 - يىلى ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ما خەيدې «شاڭخەي خىروم كەسپىي ئىشچىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتى»نى يېزىشقا قاتناشقان ھەمدە ئاشكارا ئېلان قىلغان. شۇ يىلى ئۇ شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ شىئەنگە كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا شىمالىي شەنشىگە يېتىپ بارغان، سەپەرداشلىرىدىن بىرى دەل كېيىن «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى نۇرلاندۇردى» ناملىق ئەسەرنى يازغان ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر ئېدگار. سىنو ئىدى.

شىمالىي شەنشىدە، ما خەيدې ئۆزىنىڭ تېببىي ئىلىم جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سومكىسىنى ئېسىپ يۈرۈپ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگونى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ يەنئەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇڭ چىڭلىڭنى شۇ جاينىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجى توغرىسىدىكى دوكلات بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان ھەم ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلىش ۋە تەقسىملەش خىزمىتىگە قاتناشقان.

1937 - يىلى ما خەيدې يەنئەندە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. دەل شۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ جورجى. ھاتەم دېگەن ئىسمىنى جۇڭگوچە «ما خەيدې» دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا شىمالىي شەنشىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزىنى دەل شۇ يەردە «ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلغۇچىدىن خەلقنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەڭچىگە ئايلاندىم» دەپ قارىغان.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ما خەيدې باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ما خەيدې جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، 1950 - يىلى ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ سەھىيە ئىشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغان.

ما خەيدې پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جىنسىي كېسەللىك ۋە ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ھەم تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ئۇ ماخاۋ كېسىلىنى يوقىتىشنى كۈرەش نىشانى قىلغان. جۇڭگونىڭ چەت - ياقا رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇزۇن يول يۈرۈپ، تاغلىق كەنت، يايلاقلارغا بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغان، نەچچە ئونمىڭ ئاغرىق ئۇنىڭ قولىدا داۋالىنىپ ساقايغان. كېسەللىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەندە، ئۇ ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئەتراپىدىكى تېببىي خادىملارنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىكىدىن قان ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئاممىنىڭ گۇمانىنى تۈگەتكەن.

خەلقئارا ئالاقىدە، ما خەيدې ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جانلىق تونۇشتۇرغان. «جۇڭگو قۇرۇلۇشى» ژۇرنىلىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا، ما خەيدې «ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ، جۇڭگودا ئۆسۈپ يېتىلىش» «جۇڭگودىكى يېڭى تۇرمۇش، ئامېرىكىغا قايتا زىيارەت» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، دۇنياغا ھەقىقىي جۇڭگونى تونۇشتۇرغان.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ما خەيدې يەنىلا كۈندە كېسەل كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. 1988 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇ بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى 5 - ئايدا، ئۇ يەنىلا ئۆيىدە ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىش يىغىنى ئاچقان، بۇ، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يىغىنغا قاتنىشىشى ئىدى.

ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا: «بىر ئادەم دۇنيادا ياشىغان ئىكەن، ھامان بىرەر ئىش قىلىشى كېرەك. مەن جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن ئاز - تولا ئىش قىلدىم، ئۆلسەممۇ ئۆكۈنمەيمەن» دېگەن.

ما خەيدېغا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» «يېڭى جۇڭگو سەھىيە ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملار بېرىلدى، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ باھالاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ما خەيدې ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىغان شاڭخەيدە، بارغانسېرى كۆپ كىشى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى، يېڭى جۇڭگو سەھىيە ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسىنى ياد ئەتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.