تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئايلاندۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى

خوتەن ۋىلايىتىدە:

ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئايلاندۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«شىركەت بىزنى سۈپەتلىك ئۇرۇق ۋە ئوغۇت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، تېخنىكلارنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇردى...» 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسى يامانبۆك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلياسىن مەڭنىياز ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن 18 مو يەرگە سەۋزە تېرىشنى ئويلاشتىم، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ھەققى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدا تېرىش ھەققى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەردىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 2500 يۈەن كىرىم قىلالايمەن».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتتى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: «خوتەن ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، <تۆتنى توختاتماسلىق>نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە كەسىپ جەھەتتىن يۆلەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ».

ياچېيكىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش

بۈك - باراقسان ئۆسكەن تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، دېھقانلار ھويلىسى رەتلىك، ئازادە، يورۇق ئىدى... لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى بوشقان كەنتىدىكى پاكىز، رەتلىك كەنت يولىدا ماڭغاندا، گۈزەل يېزا - كەنت مەنزىرىسى كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولاتتى.

«بەختىمگە يارىشا مەتتۇرسۇن مۇدىر بولغاچقا، قەرزنى ئوڭۇشلۇق ئالالىدىم» بوشقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىننىياز روزىمەمەتنىڭ قوتىنىغا كىرگەندە، ئۇ كالىلارغا يەم بېرىۋاتقان ئىكەن، «كالا بېقىپ كىرىمىمنى ئاشۇراي دېسەم مەبلىغىم يېتىشمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ئېلىش تەرتىپىنى بىلمەيمەن. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەتتۇرسۇن مەڭلىك بۇنى بىلگەندىن كېيىن، بانكا قەرز پۇل باشقۇرغۇچىسى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ بەردى، قەرز پۇلنى ئوڭۇشلۇق ئالدىم».

مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بوشقان كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ ئەجرى سىڭگەن بولۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. پەقەت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل يېڭى يېزا قۇرغىلى بولىدۇ».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىمى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش. بۇ يىل، بوشقان كەنتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پۈتۈن كەنتتىكى نىسبەتەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئاممىغا ياردەم بېرىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ياچېيكىنى كۈچەيتىپ قۇرۇش»نى تۇتقا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

مېخانىزم ئورنىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا، دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان سەۋزە تۈرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى يامانبۆك كەنتىگە ماكانلاشتى، جەمئىي 60 كەنت ئاھالىسى تېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى خوتەنگە ياردەم بېرىش كارخانىسى − ئۈرۈمچى «يىيۈەن مىڭجۇ» سودا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىيۈەن شىركىتى» دېيىلىدۇ) بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، سەۋزە تېرىش تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئوبۇلياسىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يىيۈەن شىركىتى دېھقانلارنى 700 مودىن ئارتۇق يەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇق، 300 خالتىدىن ئارتۇق خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، يەنە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئاممىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. تېرىشتىن سېتىشقىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەممىنى بىز ئۈچۈن ئويلىدى، بىز چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمىز».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسلارنى قاتلام ۋە تۈرلەر بويىچە ۋاقتىدا ياردەم بېرىش، يۆلەش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر تۈزۈپ، بىر ئائىلىدە بىر يېتەكچى كەسىپ بولۇش، ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمگەك ئىقتىدارى يوق نوپۇسقا ھەم كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلارغا قارىتا، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش

«بەختىمگە يارىشا 15 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى بولغاچقا، كېسەل كۆرسىتىش بېسىمىم يېنىكلىدى» دېدى كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى يولئارىش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتسەيدى ئوبۇلھەسەن.

گۇما ناھىيەسىدىكى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى − چېۋەر قول تۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ ناھىيەنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى بازاريار كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى چىرا ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كونىراپ كەتكەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى بازارنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا قوش يۆنىلىشلىك پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكىنى كۆپەيتىپ سالدى... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى؛ ناھىيەلىك، شەھەرلىك باش ئەترەتتىن سەككىزنى، يېزا - بازارلىق (كوچا باشقارمىسى) شۆبە ئەترەتتىن 180نى، كەنت (مەھەللە) كىچىك ئەترىتىدىن 2610نى تەشكىللەپ قۇردى، 286 مىڭ پىدائىي پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى... ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلار، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.