تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

روھنىڭ نۇرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»تىكى ئىلغار كىشىلەر توپى:

روھنىڭ نۇرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»تىكى ئىلغار كىشىلەر توپىنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پېڭ يۈنجيا، جاڭ چۈەن

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېخانىكا تەتقىقات ئورنى بىناسىنىڭ 3 - قەۋىتىدە، ئىككى ئىشخانا باشتىن - ئاخىر ساقلاپ قېلىنغان. بىرى مېخانىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تۇنجى باشلىقى چيەن شۆسېننىڭ ئىشخانىسى، يەنە بىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تۇنجى مۇئاۋىن باشلىقى گو يۇڭخۇەينىڭ ئىشخانىسى.

چيەن شۆسېن، گو يۇڭخۇەي ئىككىسىلا تارىخ تەرىپىدىن ئەستە چىڭ ساقلانغان قەھرىمان توپ − «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»تىكى ئىلغار كىشىلەر توپىغا تەۋە.

«مېنىڭ كەسپىم جۇڭگودا، مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم جۇڭگودا، مېنىڭ ماكانىم جۇڭگودا». 1955 - يىلى، چيەن شۆسېن قاتمۇقات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، قالغان ئۆمرىنى ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ زېمىنغا بېغىشلىدى.

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چيەن شۆسېن بۇيرۇققا بىنائەن جۇڭگونىڭ تۇنجى راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات ئاپپاراتى − دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5 - تەتقىقات يۇرتىنى تەشكىللەپ قۇردى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، «رېئاكتىۋ ۋە راكېتا تېخنىكىسىنى بەرپا قىلىش» يىرىك پىلانىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىدى، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئوتتۇرا - قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە جۇڭگونىڭ تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىقلارغا قاتناشتى.

«گەرچە شارائىت جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى روھلۇق ئىدى.» چيەن شۆسېننىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ئەسلىمىلەر ھازىرغىچە يەنىلا جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شېنجوۋ ئالەم كېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى چى فارېننىڭ ئېسىدە ئىدى. ئاشۇ بىرنەچچە قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىدىكى كۇرسانتلار ئىچىدە، نۇرغۇن كىشى كېيىن جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسكە ئايلىنىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋە جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بىر قەدەم بالدۇر ۋەتەنگە قايتقان چيەن شۆسېن بىر ئۇستازدىن تەلىم ئالغان شاگىرت ئىنىسى گو يۇڭخۇەيگە كۆپ قېتىم خەت يېزىپ: «تېز كەل، تېز كەل، بىز سېنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى ئالىمىز!» دېگەن.

گو يۇڭخۇەي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى. 1968 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، گو يۇڭخۇەي تۇنجى قېتىملىق ئىسسىق يادرو ئوقبېشى سىنىقى تەييارلىق خىزمىتىنى تاماملاپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئايروپىلان يەرگە قونغاندا ھادىسە يۈز بېرىپ بەختكە قارشى قازا قىلدى.

كىشىلەر ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ قالدۇقلىرى ئارىسىدىن گو يۇڭخۇەينى تاپقاندا، ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بىلەن بىر - بىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ، مەخپىي تەجرىبە ماتېرىياللىرى قاچىلانغان ھۆججەت سومكىسىنى مەيدىسىگە بېسىپ قىلچە زىيانغا ئۇچراتماي قوغداپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

چيەن شۆسېن، گو يۇڭخۇەيدەك ئەجداد ئالىملار يەنە ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چەت ئەلدىكى ئەۋزەل پەن تەتقىقات ۋە خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاتلاندى؛ يەنە بەزىلىرى نەچچە ئون يىل نام - ئەمىلىنى يوشۇرۇپ، بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، پەن تەتقىقات تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى؛ يەنە بەزىلىرى ھەتتا پەن تەتقىقات ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بېغىشلىدى.

بۇ ئالىملار قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پەن - تېخنىكا مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، «شەرقتە ياڭرىغان غايەت زور ئاۋاز» ئارقىلىق دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈردى!

1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان غايەت زور ئاۋاز ياڭراپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛

1966 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۇچۇرۇپ پارتلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛

1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى بوشلۇقتا پارتلىتىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلىتىمىز «چاڭجېڭ 1 - نومۇر» لۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ئۆچمەس ئابىدە! ئۇ يېڭى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى بەرپا قىلدى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سالدى.

1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار چىقىرىپ، ئەينى يىلى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 23 نەپەر پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنى تەقدىرلىدى ھەم يۈ مىن، ۋاڭ داخېڭ، ۋاڭ شىجى، جۇ گۇاڭيا، سۇن جيادۇڭ، رېن شىنمىن، ۋۇ زىلياڭ، چېن فاڭيۈن، چېن نېڭكۇەن، ياڭ جياچى، جوۋ گۇاڭجاۋ، چيەن شۆسېن، تۇ شوۋئې، خۇاڭ ۋېيلۇ، چېڭ كەيجيا، پېڭ خۇەنۋۇغا «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ تۆھپە مېدالى» بەردى، ۋاڭ گەنچاڭ، دېڭ جياشيەن، جاۋ جيۇجاڭ، ياۋ تۇڭبىن، چيەن جى، چيەن سەنچياڭ، گو يۇڭخۇەيگە «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ تۆھپە مېدالى»نى تولۇقلاپ بەردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ پايانسىز بوشلۇقىدىكى ئۆتكۈر شەمشەرنى ياسىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ تۆھپە مېدالى»غا ئېرىشكۈچىلەر باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چەكسىز سادىق بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسسىق قېنى ۋە ياشلىق باھارىنى ۋەتەننىڭ راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن تارىخ بېتىدە چاقناپ تۇرىدىغان گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى، ئۇلارنىڭ نامى ۋە تۆھپىسى تارىخ تەرىپىدىن مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ.

ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھنى تاۋلايدۇ.

«ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەش» تىن ئىبارەت «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.