تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇللار»دىن «ئالاھىدە جەڭ ئاۋانگارتلىرى»غىچە

«نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8- ليەن»:

«رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇللار»دىن «ئالاھىدە جەڭ ئاۋانگارتلىرى»غىچە

«نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - ليەن» جەڭچىلىرى ئەمگەككە قاتنىشىپ بولۇپ قايتىپ كەلمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بىڭشۈەن

ياز پەسلىنىڭ تۇنجى ئېيىدا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باۋشەن رايونىغا جايلاشقان «نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - ليەن»نىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

«<نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - ليەن> بىزنىڭ شاڭخەينىڭ نام كارتىسى» دېدى شاڭخەي خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر چېن لۇڭخۇا.

1947 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 -كۈنى، 8 - ليەننىڭ ئاساسى − خۇادۇڭ ھەربىي رايونى ئالاھىدە ۋەزىپە تۇەنى 4 - چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىكلەر ليەنى شەندۇڭ ئۆلكىسى لەيياڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شياۋيۈەن كەنتىدە تەشكىللەپ قۇرۇلغان. ئازادلىق ئۇرۇشىدا، ليەندۈي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇەيخەي ئۇرۇشى، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشى، شاڭخەي ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.

شاڭخەي ئازاد بولغاندىن كېيىن، ليەندۈي چوڭ قىسىم بىلەن بىللە شاڭخەيگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئىچكى مۇھاپىزەت 1 - تۇەن 2 - يىڭنىڭ 8 - ليەنىگە ئۆزگەرتىلىپ، نەنجىڭ يولى قاتارلىق جايلاردا چارلاش - ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان.

«<شەھەرگە كىرىش>تىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھان قەغىزى ئالدىدا، تەشكىللەپ قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان 8 - ليەن نەنجىڭ يولىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.» كۆرگەزمىخانىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى گۇڭ مىڭخۇي مۇنداق دېدى: «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۆزىگە تارتىشى، ئەتراپتىكى ئەجنەبىيلەر توپىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا، 8 - ليەندىكى جەڭچىلەر قايناق بازاردا تۇرسىمۇ، ئۆزىگە قىلچە چاڭ - توزان قوندۇرمىدى، <ئەيش - ئىشرەتلىك چاكىنا تۇرمۇش>نىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىمىدى».

20 - ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدا، 8 - ليەن ئاۋات شەھەردە تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، «بەش بىرنى تېجەش» «تۆتتە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش» قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. ياغاچچىلىق ساندۇقى، موزدۇزچىلىق ساندۇقى، ساتىراشلىق ساندۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ساندۇق» تەۋەررۈكى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەم ھازىرغىچە ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

1961 - يىلى شېن شىمېڭ، مويەن، لۈ شىڭچېن قاتارلىقلار 8 - ليەننى تىپ قىلىپ، «رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇللار» ناملىق دىرامىنى ئىجاد قىلغان.

ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دىرامىنى كۆرگەن. ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن ئارمىيەنى 8 - ليەندىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىپ، «8 - ليەنگە مەدھىيە» دېگەن شېئىرىنى يازغان: «كەڭ تارالدى جاھانغا ياخشى ليەننىڭ شۆھرىتى، مەھكەم بولغاچ پولاتتەك ئىرادىسى - جۈرئىتى. نەچچە ئون يىل خەلققە، قىلىپ خىزمەت ھارمىدى، ئۆزىنى سۈتتەك پاك تۇتۇپ، چىرىكلىككە ياق! دېدى...»

1963 - يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8 - ليەنگە «نەنجىڭ يولىدىكى ياخشى 8 - ليەن» دەپ نام بەردى. 2 - يىلى درامىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو «رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇللار» پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلدى.

بۇرچ ۋە ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، 8 - ليەن نەنجىڭ يولىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدىغان بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ سىيماسى نەنجىڭ يولىدىن غايىب بولمىدى. ھەر ئاينىڭ 10 -، 20 - كۈنلىرى 8 - ليەننىڭ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كۈنى». 1982 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلدىكى مۇشۇ ئىككى كۈندە، 8 - ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر نەنجىڭ يولىغا كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويىدۇ، ئاياغلىرىنى ياماپ بېرىدۇ، پىچاقلىرىنى بىلەپ بېرىدۇ. 1983 - يىلىدىن باشلاپ، 8 - ليەن نەنجىڭ شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى يۈنجۇڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى 30 نەچچە ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.

2017 - يىلى، 8 - ليەن تىپنى ئۆزگەرتىپ يېڭى تىپتىكى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئايلىنىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا «رەڭگارەڭ چىراغ ئاستىدىكى قاراۋۇللار»دىن «ئالاھىدە جەڭ ئاۋانگارتلىرى»غا ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. تىپىنى ئۆزگەرتكەندىن بۇيان، 8 - ليەن ئىمپورت كۆرگەزمىسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى.

نام بېرىلگەندىن بۇيان، 8 - ليەن ئاساسلىقى 100 نەچچە تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى. 2018 - يىلى، 8 - ليەن جىتۇەنجۈن تەرىپىدىن «ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ليەندۈي» بولۇپ باھالاندى؛ 2019 - يىلى، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» دېگەن نامىغا ئېرىشتى؛ 2020 - يىلى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەدىكى «تۆتتە پولاتتەك» ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى.

قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋردە 8 - ليەنگە يېڭى دەۋرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يۈكلەش سىياسىي يېتەكچى ۋاڭ خۇڭشۈ ليەندۈيگە كېلىپ ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلە بولدى.

«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش 8 - ليەن روھىنىڭ يادرولىرىنىڭ بىرى.» ۋاڭ خۇڭشۈ مۇنداق دېدى: «جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، مېھىر - شەپقەت بېغىشلاش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەنئەنىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بىز ئالاھىدە جەڭ قىلىش ماھارىتىنى تېخىمۇ جاپالىق مەشىق قىلىپ، غەلىبە ۋە ئۇتۇق ئارقىلىق خەلقنى قوغدىشىمىز كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.