تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 21دىن 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مانېۋىرغا ھەم نەق مەيدان كاپالىتى خىزمىتىگە قاتناشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىر مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەبرىكلەش يىغىنى، مەيدانغا كىرىش - چىقىش، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىردىكىلەر، خور ئۆمىكىدىكىلەر، دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ئەترىتىدىكىلەر، ھۆرمەت توپى ئېتىش ئەترىتىدىكىلەر ۋە پىدائىيلار قاتارلىق خادىملارنىڭ پائالىيەت تەرتىپى ۋە يىغىلىش - تارقىلىشى نۇقتىلىق مانېۋىر قىلىنىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ياڭراتقۇ كاپالىتى قاتارلىق كەسپىي قوشۇنلار تەشكىللىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى قانات يايدۇرۇلغان.

بۇ قېتىملىق مانېۋىردا تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ پۈتۈن تەرتىپى، يادرولۇق مۇھىم ئامىللارنىڭ دەل جايىدا جىپسىلىشىشى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىلىي كاپالىتى ۋە يۈرۈشۈشكە قوماندانلىق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى، مانېۋىرنىڭ تەشكىللىنىشى دەل جايىدا، ئەتراپلىق، يۈرۈشۈش لىنىيەسى تەرتىپلىك، راۋان بولۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق كېچىلىك مانېۋىر پائالىيىتى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.