تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاپچاللىق يىگىت «قوي باققۇچى»دىن «قىسقۇچپاقا باققۇچى»غا ئايلاندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسى خولىتىكچيگى كەنتىدىكى دېھقانلار شاللىقتا شال مايسىسى كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ سۇلۇق ئېتىزلار ئىلى يۆرەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك شىركىتىنىڭ شاللىق قىسقۇچپاقىسى بېقىش بازىسى ئىدى. ھازىر دەل قىسقۇچپاقا قۇمچىقى سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى.

38 ياشلىق باقمىچى ئېربول زاكىر رېزىنكە ئۆتۈك ۋە سۇ ئۆتمەس ئاسما ئىشتان كىيىپ كۆلچەككە چۈشۈپ، يېرىمى سۇدىن چىقىپ تۇرغان بىر قەپەسكە يېقىنلاشتى. ئۇ ئاستا قەپەسنى كۆتۈرۈشىگە، قەپەس ئاستىدىكى تورغا تىرناقتىن سەل چوڭراق قىسقۇچپاقىلارنىڭ لىق تولغانلىقىنى كۆردى.

ئېربول كۈلۈپ تۇرۇپ قىرغاقتا تۇرغان شىركەتنىڭ مەسئۇلى گۇەن شياۋپىڭغا قاراپ: «بەك ياخشى چوڭ بولۇۋېتىپتۇ» دەپ توۋلىدى.

خولىتىكچيگى كەنتى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ سۇ بايلىقى مول. 2015 - يىلى گۇەن شياۋپىڭ خولىتىكچيگى كەنتىدىكى 18 كەنت ئاھالىسىنىڭ 700 مودىن ئارتۇق سۇلۇق ئېتىزىنى ھۆددىگە ئېلىپ، قىسقۇچپاقا بېقىشنى سىناق قىلغانىدى.

يەتتە يىلدىن بۇيان، جياڭسۇ يەنچېڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى - يۆلىشىدە بۇ شىركەت باقمىچىلىق تېخنىكىسىدىكى بوغما ھالەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى ۋە ئۇنىڭدىن بۆسۈش ھاسىل قىلدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرى شېياڭ ناھىيەسىدىن كەلتۈرۈلگەن قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى چاپچالنىڭ ئۆزىدە قىشتىن ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، قىسقۇچپاقا باقمىچىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

2017 - يىلى، ئېربول شىركەتنىڭ قىسقۇچپاقا باققۇچىسىلىققا قوبۇل قىلىندى. «كۆپچىلىك بۇ قىسقۇچپاقىلارنى سۇدىكى ئۆمۈچۈك دېيىشىدۇ، مەن ئىشقا چۈشۈپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولدۇم» دېدى ئېربول كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئېربول سۆزلەۋېتىپ تور ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتۇپ، بوش سىلكىپ، قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى چوڭ سولياۋ چېلەككە تۆكتى. ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، چېلەكتىن بىر تال قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنى تۇتۇپ ئالقىنىغا ئالدى.

«ئۇلارنى بېقىش ئاسان ئەمەس، ئۇلارنى يېتەرلىك سۇ ئوتلىرى بىلەن تەمىنلەش، قاسراق تاشلىغان قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنىڭ قاسراق تاشلىمىغان قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە ئۇلارنىڭ قىرغاقتا بەك ئۇزاق تۇرۇپ كېتىشىنىڭ، باشقا ھايۋانلارنىڭ ئوۋلىشى ياكى ئاپتاپتا ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك...» ئېربول قىسقۇچپاقا بېقىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى.

ھازىر ئېربولنىڭ ئايلىق مائاشى 4500 يۈەن. بەش يىل ئىلگىرى ئېربول چارۋا بېقىپ تاپقان ئازغىنە كىرىمى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئويلىغان ئېربول «كەسىپ ئۆزگەرتىش»نى تاللىدى. «بۇ خىزمەت ئىشىك ئالدىمىزدىلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېخنىكا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بىر مەزگىل ئىككىلەنگەندىن كېيىن، مەن بۇ يەرگە كەلدىم» دېدى ئېربول.

«قوي باققۇچى»دىن «قىسقۇچپاقا باققۇچى»غا ئايلانغان ئېربول ئىلگىرى قىسقۇچپاقىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، قىسقۇچپاقىدىن قورقاتتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىسقۇچپاقا توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدىغان، چىرايىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى.

«قاراڭ، بۇ چىشى قىسقۇچپاقا، قىسقۇچپاقا سېرىقى بىرقەدەر چوڭ؛ بۇ ئەركەك قىسقۇچپاقا، قىسقۇچپاقا سېرىقى بىرقەدەر كىچىك. كۈزدە ئۇلار چوڭ بولغاندا، سېتىشقا يېتىشمەي قالىدۇ!» كىچىك قىسقۇچپاقىلار ئېربولنىڭ ئالقىنىنى بويلاپ ئۇنىڭ بىلىكىگە ياماشتى، ئېربول ئۇلارنى ئاستا تۇتۇپ كېلىپ يەنە ئالقىنىغا قويدى.

شىركەتنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېربولنىڭ ئۆگەنگەن باقمىچىلىق ماھارىتى بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر ئېربول يەنە جۇڭخۇا ئوسېتر بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى، چوڭ راك قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىشنى بىلىدۇ.

«مەن بۇ يەردە ئۇزاققىچە ئىشلەيمەن، جياڭسۇدىن كەلگەن ئۇستاملارغا ئەگىشىپ كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىمەن» دېدى ئېربول.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.